كۆرۈش: 1185|ئىنكاس: 22

«قارا تاكسى»لارغا ئۇنچىۋالا زەربە بەرمەيلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1442
تۆھپە
266
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 03:36:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«قارا تاكسى»لارغا ئۇنچىۋالا زەربە بەرمەيلى!


    تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ خەۋەر سەھىپىسىگە 11- ئاينىڭ 22 - كۈنى يوللانغان "ئۈرۈمچىدە تاكسىغا ئولتۇرۇش نېمە ئۈچۈن شۇنچە تەس؟" دېگەن خەۋەرنى ئوقۇپ خىيالغا پاتتىم.
   ئەمما قانۇنلۇق تاكسىلاردىن ئاشقان ھاجەتمەن يولۇچىلارنى جىددىي ئېھتىياجلىق مەزگىللەردە ئۆز مەنزىلىگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولىۋاتقان، ئىسسىق سوغۇقلاردا كونا ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېچە كۈندۈز باشقىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان، شۇ ئەمگىكى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىنى قامداپ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، جەمىئىيەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىۋاتىدۇ.  "قارا تاكسى" لارغا توختىماستىن شۇنداق زەربە بېرىلىدىكەنكى، بىر قېتىم تۇتۇلۇپ قالسىلا نۇرغۇن جەرىمانە قويۇلىدىكەن.
   مەن دائىم دېگۈدەك مەخسۇس "قارا تاكسى"لارنى تۇتۇش ئۈچۈن چىققان خادىملارىنى ئۇچرىتىپ قالىمەن، ئۇلارنى كۆرگەن "قارا تاكسى" شوپۇرلىرىنىڭ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك قورقۇپ تىترەپ كېتىشلىرىنى كۆرسەم بىر خىل ئىچىم ئاغرىپ كېتىدۇ.
ئەسلى زادى كىمگە زەربە بېرىش كېرەك ئىدى؟
شۇنچە كۆپ يولۇچى قېلىن قار ياغقان سوغۇق كۈنلەردە تىترەپ تۇرۇپ تاكسى ساقلىماقتا. ئۇلار ئالدىرايتتى، خىزمىتىگە، جىددىي كېسەلنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا، بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇشقا ئالدىرايتتى. ئەمما تاكسى يېتىشمەيدۇ، ئاپتوبۇستا بارسا ئۈلگۈرمەيدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟.
پەقەت بەزى كىشىلەر تەرىپىاىن سەلىبى تەسۋىرلىنىۋاتقان "قارا تاكسى"لارلا ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ كېلىۋاتاتتى.
سىياسەت دەرسلىكىدە شۇنداق ئۆگەنگەنمەن. "دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇپ، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى ئاساس، باشقا خىل ئىگىلىكلەر تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ...." دەپ. ئۈرۈمچىدىمۇ قانۇنلۇق تاكسىلار ۋە كوچا ئاپتوبۇسلىرىنى ئاساس، "قارا تاكسى"لارنى قوشۇمچە قىلىپ، يولۇچى توشۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلساق، بۇ ئارقىلىق ھاجەتمەن يولۇچىلارمۇ دەل ۋاقتىدا ئۆز مەنزىلىگە يېتىپ بارسا، "قارا تاكسى" شوپۇرلىرىمۇ شۇ ئازغىنا كىرىم بىلەن ئائىلىسىنى قامدىسا پەقەتلا بولماسمۇ؟
"قارا تاكسى"لارغا زەربە بېرىلىشى ئۇلارنىڭ نامراتلىق تۈپەيلى نەچچە يۈزمىڭ يۈەن تۆلەپ تاكسى رەسمىيىتى بېجىرىشكە قۇربى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟
مۇمكىن بولسا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ مەسىلىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈپ، ياخشىراق بىرەر چارىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا.
يۇقىرقىلار پەقەت مېنىڭ باشتا تىلغا ئېلىنغان خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئويلىغانلىرىم. كۆز قاراشلىرىم بەلكىم بىر تەرەپلىمە بولۇشىمۇ مۇمكىن. تورداشلارنىڭ ئىلمىي پوزىتسىيەدە توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
701
تۆھپە
376
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 10:55:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ئارقىلىق بىز مۇنبەردىكىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى دىيەلمىگەن تۈگۈنلىرىنى يېشىپ، توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپسىز. شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ بۇ پىكىرىڭىزنى قوش قوللاپ قوللايمەن.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
375
تۆھپە
37
UID
1919
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 11:01:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ قارا تاكسى شوپورلىرىغا كىشىنىڭ ئىچى ئاغرىردۇ. شوپۇرلارنىڭمۇ بەزىلىرى ياخشى ئىش قىلىمەن دەپ يامان بوپمۇ قالىدىكەن. ھە راس ھېلىقى ‹پۇت ئۇۋۇلىغۇچى خېنىملار›نىڭ رەسمىيىتى بولۇشى مۈمكىن.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1442
تۆھپە
266
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 11:07:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلرايى قۇرۇلۇشى تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە خەلق ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى توغرا يوسۇندا بايان قىلسا ھۆكۈمەت چوقۇم مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. ئۈرۈمچىدە 10 نەچچە يىل تۇرۇش جەريانىدا مەندىمۇ «قارا تاكسىلار»غا نىسبەتەن بىرخىل مۇھەببەت شەكىللەنگەن. «قارا تاكسى» شوپۇرلىرى ئاساسەن دىگۈدەك خىزمەت ئورنى يوق كىشىلەر. ئۇلارغا قارىغۇلارچە زەربە بەرمەستىن، رەتلەش، تەرتىپكە سېلىش، قېلىپلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلسا مېنىڭچە قىلچە زىيىنى يوق.

Rank: 2

تىللا
137
تۆھپە
51
UID
647
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 11:32:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى پىكىر بوپتۇ، مەنمۇ قىزغىن قوللايمەن. مەنمۇ ئۈرۈمچىگە پات-پات بېرىپ تۇرىمەن. بەزىدە ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، تاكسى توسالماي قارا تاكسىلارغا چىققان ۋاقتىممۇ بولغان. قانۇنلۇقلىرى ئىھتىياجدىن چىقالمىسا، قارا تاكسىلار زەربە بېرىش ئۇبىكتىغا ئايلىنىپ قالسا، نەچچە مىليۇن نوپۇسقا ئىگە مەركىزى شەھەرنىڭ قاتناش ئىشلىرىنىڭ راۋانلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ يەنە بىر مەسىلە، ئۆتكەندە بىر ئاغىينەم مەلۇم ناھىيەدىن شەھەرگە ماشىنىسى بىلەن كىرىۋېتىپ، يولدا ئىككى يولۇچىنى ئۇچراتقان، ئۇلار جىددىي ئىشى بارلىقىنى، يېرىم كۈن ساقلىغان بولسىمۇ ماشىنا كەلمىگەنلىكىنى، كىراسىنى تۆلەيدىغانلىقىنى ۋە ئالغاچ كېتىشىنى ئۆتۈنگەن. دوستۇممۇ مەيلى، ھېچ بولمىسا ماي پۇلىنىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ چىقار، دەپ ئويلاپ ھېلىقى ئىككى كىشىنى ماشىنىسىغا سېلىۋالغان. كىم بىلسۇن، يول مەمۇرىيىتى خادىملىرى يولدا ئۇنى توسۇۋېلىپ «قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان » گۇناھى ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇپ ماشىنىسىنى تۇتۇپ قالغان.  كېيىن ئۇ دوستۇم يۇقىرى تۈۋەن يول مېڭىپ 3 مىڭ يۈەن تۈلەپ ئاران قۇتۇلغان. ئەمەلىيەتتە ھېلىقى ئىككى كىشىدىن ئارانلا 50 يۈەن كىرا ھەققى ئالالايتتى، بىراق، 3 مىڭ يۈەن تۈلەپ پۇشايماننى بولدى دېگۈچە يىدى. كىشىلەر پۇلنى ئۆزلىرى تاپىدۇ، شۇنداق ئىكەن ئۇلارنىڭ قانداق ماشىنىدا ئولتۇرۇشنى تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ ھوقۇق ھۆرمەتلەنمىسە، كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى ئىستىگەنلەر جەرىمانە تۈلەپ بۇرنى قۇلىقىدىن چىققۇدەك تويسا، بۇنى كىمدىن كۆرگۈلۈك؟

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1442
تۆھپە
266
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 12:26:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بۇيان ئىچكىرىدە يىقىلىپ قالغانلارنى يۆلىمەيدىغان ئىشلار سادىر بولۇپ، جەمىئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى، ئەمدى يولدا قالغان كىشىلەرنى ماشىنىغا سېلىۋېلىپ، مەنزىلىگە يەتكۈزۈپ قويۇپ ياخشى ئىش قىلىشمۇ ئىھتىيات قىلىدىغان ئىشلارغا ئايلىنىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
140
تۆھپە
36
UID
2093
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 14:11:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەقەت بۇ ئۈرۈمچىنىڭ يوللىرىدا ئاق تاكىسينى جىقراق كۆرسەم دەيمەن . قارا تاكسىغا چىقىشىتىن قورقايدىغان بوپ قالدىم ، كىچىكىنە يولغىمۇ 10 كوي ئالغان

Rank: 6Rank: 6

تىللا
661
تۆھپە
354
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 15:26:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا تاكسىلار باج تۇلىمەيدۇ ،تىرانسىپىرۇت ھەققى تۇلىمەيدۇ شۇڭا قانۇنلوق تاكسىچىلارنىڭ پىكرى چىقىدۇ ئەگەر قارا تاكسىچىلارغا رۇخسەت قىلساق رەسمىيەتلىك تاكسىچىلارنىڭ ھەممىسى دۇلەتكە ھەق تاپشۇرۇشنى رەت قىلىدۇ
قارا تاكسىچىلارنىڭ كۇپچىلكى ئەرزان سۇپەتسىز ماشىنا ئىشلىتىدۇ سۇغۇرتىسى تۇلوق ئەمەس ۋەقە چىقىپ قالسا زىيانلانغۇچىنىڭ زىيانلىرىنى تۇلەپ بۇلغىدەك ئىقتىدارى يۇق چۇنكى سىز دىگەندەك ئۇلارنىڭ كوپچىلكى ئىشسىز ،ئىقتىسادى ناچار كىشىلەر
قارا تاكسىدا قانۇنغا خىلاپ قىلغۇچىلار جىنايەت سادىر قىلسا تەكشۇرۇپ تاپماق تەس چۇنكى ئۇلارنىڭ كۇپچىكلى ‹پارتىزانچە ›كىرا قىلىدۇ تەركىۋى مۇرەككەپ ،،،ئاقما خادىملار كۇپ ..

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
140
تۆھپە
36
UID
2093
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 17:07:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم خىزمەتتىن سىرىت ھەيدەپ قويدىغانلارمۇ بار ، يەنە بىر قىسىم پاكىز ھەيدەپ پاكىز كىرىم قىلىدىغانلارمۇ بار ؟ يەنە بىر قىسىم ئاستىنقى قەۋەتتىكى دوستىمىز ئىتقاندەك تەركىۋى ئىنىق بولمىغان شوپۇرلارمۇ بار . ئاڭلىمىغانمۇ ؟ قاتناش ۋەقەسى ئىككىنجى جەڭ دەپ . بىرەر يەردە ئۇرۇش بولسا ئۆلگەنلەر سانى مىڭغا يەتمەيدۇ ، لىكىن ھەر يىلى نەچچە مىڭ ئادەم قاتناش ئۇرىشىنىڭ قۇربانى بولۇپ كىتىدۇ .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2081
تۆھپە
875
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 23:51:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئۈرۈمچىدە تاكسى ئازلاپ كەتتى. ھازىر كۆپ ساندىكى تاكسىي شوپۇرلىرى قارا تاكسى ھەيدەۋاتىدۇ. يىقىندا تاكسىنىڭ كىرا پۇلى سەل ئۆرلەپتۇدەك. شۇنداق بولسىمۇ تاكسى شوپۇرلىرى ئايلىق كېرىمىنىڭ بۇرۇنقىدەك بولماۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ نازرازى ئىكەن. مەن تونۇيدىغان بىرنەچچەيلەنمۇ تاكسىيسىنى ھەيدىمەي، قارا تاكسىي ھەيداۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:51, Processed in 0.074277 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991