كۆرۈش: 93772|ئىنكاس: 79

‹‹ جياميەن ›› نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
41
تۆھپە
75
UID
21918
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 13:10:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹ جياميەن ›› نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟



    بۇ تېما ئىلگىرى مۇنازىرە قىلىپ بولۇنغانمۇ بۇنى بىلمەيمەن. لېكىن بۇ تېمىنى مۇنازىرە قىلىشىپ باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.
    ئالدىنقى قېتىم << ئىنسابلىق بول، ئاشخانا خوجايىنلىرى !>> دېگەن تېمىدا مۇنبەرگە بىر تېما يوللىغانتىم، شۇ چاغدىمۇ بىز لەغمەن يەپ بولۇپ قورسىقىمىز تويمىسا كۈتكۈچىگە دەيدىغان <<جياميەن>> دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تاپالماي تازا بېشىم قېتىپ ئولتۇرسام، بىرەيلەن تۇيۇقسىزلا <<جياميەن>> نى << مۇتچۆپ >> دەيمىز دېگەن بىر گەپنى قىلدى. مەنمۇ بۇ تېمامدا << جياميەن >> سۆزىنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلىگىنىمگە خۇشال بولۇپ، << مۇتچۆپ >> دېگەن گەپ توغرىسىدىمۇ تازا ئويلىنىپ كەتمەپتىمەن، كېيىن شۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارغا قارىسام، <> ئىسىملىك توردىشىمىز << مۇتچۆپ >> دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى سوراپتۇ، شۇڭا بۇ يەردە بۇ تېمىنى يېزىپ << جياميەن >> دېگەن بۇ خەنزۇچە سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىپ بېقىشنى لايىق تاپتىم، چۈنكى بۇ گەپ بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ سۆزنى مۇشۇنداق ئىستىمال قىلىۋېرەمدۇق ياكى بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ھەقىقەتەن << مۇتچۆپ>> مۇ؟ نېمە ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مانا مۇشۇنداق سۆزلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاتىلىشى يوق؟ مۇشۇ ھەقتە كەڭ تورداشلارنىڭ مۇنازىرە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Erkman + 20赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 20  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
613
تۆھپە
282
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 13:18:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ   (  جىيامىيەن  )  نىڭ  ئۇيغۇرچىسىنى  بىلمىگەچكە  تولا  ھاللاردا  جىيامىيەن  
دەپلا  بۇيريىتىم  .
شۇڭىمۇ  ئاشخانىلاردا  تاماق  يىمەيمەن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
858
تۆھپە
520
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 14:29:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ قارمايدىكى قۇربانجان ئاشخانىسىدا يەنە كۆپىنچى ئۇيغۇر ئاشخانلىرىنىڭ  ھەممىسى ‹‹ قوشۇمچە ئاش ›› دەيدۇ ، بىزمۇ قوساق تويمىسا قوشۇمچە ئاش دەيمىز !!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nifit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 14:29  

غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 4

تىللا
413
تۆھپە
112
UID
14483
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 14:53:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جيامىيەن نى ئۇيغۇر تىلىدا تويمىدىم يەنە ئازراق بىرىڭ دەيمىز. مۇت ئاش دىگەنلىك "ھەقسىز ئاش، بىكارلىق ئاش" دىگەن مەنىدە.  شۇڭا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى دەرىسلىگىنى جەزمەن ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىشىمىز لازىم.

Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
2
UID
1788
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 15:43:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجا تەرەپلەردە «جيامىيەن» نى بۇرۇندىن تارتىپلا «ئاق ئاش» دەپ ئاتايدۇ . كۈتكۈچىلەرمۇ  ئادەتتە ئاق ئاشتىن مانچە دەپ  چاقىرىدۇ.  ئەمدى بۇ يەردە دىيىلگەن  «ئاق ئاش» لەڭمەنگە قارىتىلغان ، ئۇندىن باشقا توخو قۇرۇمىسىنىڭ  ياپىلاق ئېشىنىمۇ «ئاق ئاش » دەيدۇ.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1379
تۆھپە
886
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 15:59:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹مۇت› بىكارلىق ياكى ھەقسىز دېگەن مەنىدە بولۇپ، خوتەندىن باشقا جايدا ئومۇملاشقىنىنى بىلمەيمەن.
مەنمۇ ‹ئاق ئاش› دېسە مۇۋاپىق بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6654
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 17:13:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مۇتچۆپ» كارامەت قايىدا بوپتۇ! مەن مۇشۇنداق قوللىنىۋېرىمەن!
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6654
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 17:14:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قەدرى» پولوخانىسىدا تويمىسىڭىز يەنە پولو قوشۇپ بېرىدۇ، بۇنى «مۇتگۈرۈچ» دېسەك بولۇرمۇ ياكى «مۇتپولو»دېسدەك بولۇرمۇ؟
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 1

تىللا
17
تۆھپە
7
UID
9406
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 17:31:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«مۇت » سۆزى خاس خوتەن شىۋىسى، بۇنى باشقا جايدىكىلەر چۈشەنمەيدۇ، يەنە كىلىپ خوتەندىمۇ جياميەننى مۇت ئاش دېمەيدۇ. «مۇت » دېگەن سۆزنىڭ ھېچقانداق بىر نەرسە(مەسىلەن پۇل قاتارلىق) تەلەپ قىلماي بىكارغا بەرگەن نەرسىلەرگە قارىتىلىدۇ، بىز ئاشخانىلاردا تاماق يىمەي تۇرۇپ «جياميەن» بىرىڭ دېسەك، ھەرگىز بەرمەيدۇ، بىز ئالدى بىلەن تاماققا پۇل تۆلەپ تاماق يەپ تويمىساق«جياميەن»دېسەك بىرىدۇ، «جياميەن»ھەرگىزمۇ بىكارغا بەرگەن ئاش ئەمەس،  شۇڭا، «مۇت»سۆزىنى ئىشلىتىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس، بۇنىڭغا كىشىلەر ئاسان چۈشۈنىدىغان سۆز تاپقىنىمىز تۈزۈك، مېنىڭچە جياميەننى «جىقلىما ئاش» دېسەك بولارمىكىن، مەسىلەن؛ جىقلىما پولۇ، جىقلىما چۆپ، جىقلىما گۈرۈچ دېگەندەك...

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1398
تۆھپە
1108
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 17:34:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق ئاش ياكى مۇت ئاش دىسە بولىۋىردۇ .بىز تاماق ئاز بولوپقالسا .ئۇدۇللا يەنە بەر كىشلىك ئاق ئاش قوشۋىتىڭ دەپ بۇيرۇيمقز.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:21, Processed in 0.081631 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991