ئىگىسى: ھاۋا

‹‹ جياميەن ›› نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
211
تۆھپە
90
UID
10059
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 01:15:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاق ئاش دەپ ئېيتىلاتتىغۇ.

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
27052
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 12:07:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى تالىشىش كەتمەيدۇ، بۇ تېمىنى كېچىكىپراق كۆرۈپ قاپتىمەن. بىزنىڭ بۇ يەرلەردە( جەنۇبتا) « ياندۇرما» دېگەن سۆز بار، ئادەتتە لەغمەندىن بىر تەغسە يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئازراق يەمسىز؟ دېگەن مەنىدە« ياندۇرمىسىنى سالايمۇ؟ دەيدۇ. ئائىلىلەردە ئىككىنچى قېتىم ئازراق يىمەكچى بولسا « ياندۇرمىسىدىن ئازراق يەي» ياكى« ياندۇرمىسى قېنى» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا كىسىپ ئېيتىش كېرەككى« جامەن» نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تىلىمىزدا بۇرۇندىن بار ئادەت بويىچە« ياندۇرما» دەپ ئېلىش كېرەك.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1703
تۆھپە
817
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 12:57:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ياندۇر ما دىگەن پىكىردەك بىزنىڭ يۇرۇتتا شۇنداق ئاتايمىز

Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
2
UID
19926
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 14:55:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دوستلار، مېنىڭچە بىزنىڭ ئىشىمىز «جىيامىيەن» دىگەن سۆزنى تەرجىمە قىلىش ئەمەس،  پەقەت شۇ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز تاپساق بولدى، تەرجىمە پەقەت ئۇنىڭ بىر ئۇسۇلى.
  مېنىڭچە« ئاق ئاش» دىگەن سۆز مۇۋاپىق.
   دوستلىرىمىز يەنە «ئاق»دىگەن سۆزگە قاراپ، ئۇنداقتا «قارا ئاش، قارا پولو» دىگەنلەر بارمۇ؟ قاتارلىق سوئاللارنى قويۇپتۇ، مېنىڭچە «ئاق ئاش»دىگەندىكى«ئاق» سۆزى ئۇنىڭ رەڭگىگە قارىتا ئېيتىلمىغان، ئۇنىڭغا باشقا تەركىبلەرنىڭ، مەسىلەن: قورۇما ۋە باشقا قوشۇلۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ قوشۇلماي ئېلىپ كېلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىش مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.
    مەسىلەن: ئاق پولو دىگەنلىك ھەرگىز ئۇنىڭ رەڭگىنىڭ ئاق ئىكەنلىگىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا ئادەتتە قوشۇلۇشى كېرەك بولغان گۆشنىڭ قوشۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.  ئەلۋەتتە، ھازىر بەزى ئاشخانىلاردا «قارا پولو» دىگەن پولو بار بولۇپ بۇ شۇ پولونىڭ رەڭگىگە قاراپ ئېيتىلغان.   
  ھەر قانداق تىلدا بۇخىل كۆپ مەنا ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇلار  بولىدۇ،بۇلارغا سۆزنىڭ ئورامى ۋە ئىشلەتكەن سورۇنغا قاراپ مەنا بېرىلىدۇ.   

Rank: 1

تىللا
38
تۆھپە
4
UID
27578
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:33:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       چارەك  لەغمەن  ...........مىنىڭچىمۇ مۇشۇ سۆز مۇۋاپىقتەك تۇردۇ .

Rank: 4

ئىسىمى
قۇربان غۇپۇر ئۇلباس
تىللا
311
تۆھپە
113
UID
2099
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 14:43:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك شېۋىدىكى ھاياتى كۈچى بار سۆزلەرنى ئەدەبىي تىلغا ئەكىرسەك تامامەن بۇلىدۇ.پەقەت بولمىغاندا قېرىنداش  مىللەتلەر تىلىدىكى سۆزلەرگە مۇراجەت قىلىمىز.  جىيامەن دىگەن خەنچە سۆزگە مېنىڭچە مۇتچۆپ دىگەن سۆز بولغىدەك.

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
27784
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 20:20:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئۈزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ قەدىرىنى ئۈزىمىز قىلمىساق خەق قىلمايدۇ .       .‹‹ تۇلۇقلىما›› دىگەن گەپ ئۇيغۇرچە

Rank: 1

تىللا
24
تۆھپە
16
UID
27129
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 02:58:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق ئاش دىسە مۇۋاپىق

Rank: 4

ئىسىمى
تۇرغۇنجان
تىللا
338
تۆھپە
130
UID
16645
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 00:43:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق ئاش دىسە بولىدىكەن بولدى بىكىتتۇق

Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
5
UID
27857
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 12:26:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ ئاق ئاش دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن .بۇ ھەم يېقىملىق ھەم چۈشىنىشلىككەن ...شۇنداق دەپ ئۇموملاشتۇرساق تازا جايىدا بولغۇدەك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 18:45, Processed in 0.084110 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991