ئىگىسى: ھاۋا

‹‹ جياميەن ›› نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
204
تۆھپە
11
UID
18819
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 22:05:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خەنزۇ تىلىنى دىگەندەك بىلىپ كەتمەيمەن،شۇنداقتىمۇ بىر ئىككى ئىغىز گەپ قىلاي  !
ئادەتتە بىزلەر ئاشخانىلار كىرىپ تاماق يىسەك باشقا مىللەتلەردەك بىر قانچە خىلنى تىزىۋالمايمىز.....بىرلام ئاساسى تاماق يەيمىز....پولو ،لەغمەن  دىگەندەك .....ئۇنداققتا «جىئامىيەن» سۇزىنى «مۇتچۆپ» دىسەك  بىر ئاز قوپال،«ئىش»نىڭ  مەنىسىگە(يەنە.... يىيىش) توغرا كەلگىىنى بىلەن «جىئامىيەن» سۈزىگە  تازا ماس كەلمەيدۇ ،«ئاقئاش»دسەك سىلىق يىقىشلىق  بولغىنى بىلەن «ئىش»نىڭ ئەسلى مەنىسى بىلەن يەنىلا ماس كەلمەيدۇ.....
شۇڭا دەيمەن «جىئامىيەن» سۈزىنى «تۇلۇقلىما چۆپ» ياكى «تۇلۇقلىما ئاش» (تۇلۇقلىمىسى بارمۇ ؟!) دىگەندەك ئۆزلەشتۇرسەك قانداق بۇلا.....

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
نېرۋا
تىللا
110
تۆھپە
71
UID
25551
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 03:34:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز جىيا مىيەن نى  قانداق ئۇسۇلدا چۇشەندۇرۇڭ  تاماق بۇيرۇغۇچى لار ياكى تاماق تىزىملايدىغانلار ئوخشاشلا ما  مىھمانغا  جىيا مىيەن دەپ بۇرۇيدۇ   شۇڭا بۇ سوزنىى  ئاسانلىقچە ئسلاھ قىغىلى بولماس مىىكى

Rank: 1

تىللا
43
تۆھپە
13
UID
70
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 16:35:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا «ئاق ئاش» دېيىلىدىغان بىر خىل تاماق بار، بۇ تاماق شويلىغا ئوخشاشراق ئېتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، شويلىغا قۇيۇلىدىغان سۇنىڭ ئورنىغا سۈت ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل تاماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تولىمۇ يېيىشلىك. ئاشخانىلاردا بېرىلىدىغان «جياميەن» نى مېنىڭچە خوتەن شېۋىسىدىكى «مۇت» دېگەن سۆز بىلەن ئەدەبىي ئورتاق تىلىمىزدىكى «چۆپ» سۆزىنى ئۆزئارا بېرىكتۈرۈپ «مۇتچۆپ» دېيىش بىر قەدەر ئاقىلانىلىك. قالغىنى شۇ سۆزنى قوبۇل قىلغۇچىلار ۋە تىل - يېزىقنى ئومۇملاشتۇرغۇچىلارنىڭ «مىجەزى»گە باغلىق. تىل - يېزىقنى ئومۇملاشتۇرغۇچىلار مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە بىزچىلىك كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، تىلىمىزدىكى نۇرغۇن قېلىپلاشمىغان ئاتالغۇلار «ئانىسىنى تاپالمىغان ئوغلاق» تەك نەمۇ نە يۈرمىگەن بولاتتى. ئۇلار «ئەقىللىق» نى ئەقىللىك»، «يەڭلار، ئىچىڭلار» نى «يەڭلەر، ئىچىڭلەر» دەپ ئۆزگەرتىپ، تىلىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن ئاۋارە. شۇڭا بۇنداق ئىشلارغا چولىسى يوق.

Rank: 1

تىللا
19
تۆھپە
4
UID
6930
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 23:21:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئاق ئاش دىيىش توغرا دەپ قارايمەن، بۇ سۆزنى  تەرجىمە قىلشمىزنىڭمۇ زۈرۈريتى يوق، چۇنكى بۇسۆز ئۇيغۇر سۆزلكىمىزدە بار.ئۇيغۇر تىلىدا بار ئەھۋالدا ئۇنى يەنە خەنزۇچە ئاتالغۇسى بۇيچە تەرجىمە قىلشمىزنىڭ زۇرۇريتى يوق. ئاق ئاش دىگەن بۇ ئاتالغۇچنى مىنڭچە ھەممە ئۇيغۇرلار چۈشۈنىدۇ ، گەرچە بەزى جايلاردا ئۆزىگچە يەرلىك ئاتالىشى بولسمۇ . شۇڭا ئۆلچەملىك ئاتلىشى  ئاق ئاش بولسا ئەڭ توغرا بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.

Rank: 1

تىللا
30
تۆھپە
4
UID
2374
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 18:59:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ «قوشۇمچە ئاش »دەپ ئۈگۈنۈپ قاپتىمەن

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 19:36:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن  مۇت  دېگەن سۆز  ئومۇملاشمىغاندىكىن ئىشلىتىش قولايسىزكەنغۇ...يەنىلا  ئاق ئاش  دېگەن ياخشىمۇ نېمە...
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

تىللا
337
تۆھپە
108
UID
4110
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 22:19:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ مۇت سۆزى بىكار، ھەقسىز دىگەن مەنىدە بولغاندىكىن «مۇتچۆپ» دىسە مۇۋاپىق بولغۇدەك، بۇندىن بۇرۇن خوتەندە ئىشلەتكەن بولسا ئومۇملاشتۇرساق بولىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە، «مۇت زەھەر بولسىمۇ يۇت» دىگەن گەپكە قارىغاندا ئويغۇر تىلىدا مۇت سۆزى ئەسلىدىنلا  بارمىكىن دەيمەن.

Rank: 1

تىللا
29
تۆھپە
3
UID
25744
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 10:35:35يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ronaK0000000 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-23 17:34
ئاق ئاش ياكى مۇت ئاش دىسە بولىۋىردۇ .بىز تاماق ئاز بولو ...

خەنزۇچىنى زومزو تۈز تەرجىمە قىلماي ئاق ئاش دىگەن ياخشى

Rank: 4

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
301
تۆھپە
86
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 02:38:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹جىيا مىيەن› ئاشپۇزۇللاردىكى  خەنزۇچە ئاتالغۇدىن كۆچۈپ كەلگەن  سۆز بولۇپ  تولۇقلاپ ئاش بېرىشكە ئېيتىلغان ، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ بىكارغا بەرگەن ئاش ئەمەس، مېنىڭچە بولغاندا ‹‹قوشۇپ ئاش››، ‹‹تولۇقلىما ئاش›› ۋە ياكى ‹‹ يەنە ئاش›› دېسەك مۇۋاپىق بولامدىكىن......

Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
7
UID
26866
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 18:20:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق ئاش دەيمىز بىز غۇلجىدا...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 18:45, Processed in 0.067854 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991