- تىللا
- 12
- تۆھپە
- 4
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
- جۇغلانما
- 24
- ھوقۇقى
- 10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-10
- تىزىملاتقان
- 2012-8-14
- UID
- 23473

- تىللا
- 12
- تۆھپە
- 4
- UID
- 23473
| ھاۋا، رەھمەت سىزگە، بۇ تېمىنى ئايرىم يوللىغىنىڭىز ياخشى بولۇپتۇ. مەنمۇ مۇشۇ ئاتالغۇ توغرىسىدا جىق قىينالغان. «قوشۇلما چۆپ(پولۇ)» نى ھازىرچە بىرقەدەر مۇۋاپىق دەپ قاراپ كەلگەنىدىم. ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياساش-- ئاۋام تېز قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇنتىزىم، قېلىپلاشقان سۆز ياساش قائىدىسى بويىچە ياسالغان بولۇش كېرەك. سوز ياساشتا ئالدىن بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىكى ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلار بىلەن ياسايمىز ياكى يەرلىك شىۋىلەردىن پايدىلىنىمىز. مەسىلەن: بېزىندە (قومۇل شىۋىسى، بۇرۇن «بىخەتەرلىك تاسمىسى» دەپ ئاتاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈپ سۆز قائىدىسىگە مۇخالىپ ھالدا ئىزاھاتىنى ئىشلىتىپ يۈرگەن، ھازىر قېلىپلاشتى ھەم شۇ بويىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ). ئاندىن، قېرىنداش مىللەتلەر تىلىدىن قوبۇل قىلىمىز. مەسىلەن: كىملىك ( تۈركىيە تۈركچىسىدىن قوبۇللاندى، بۇرۇن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى دەپ ئاتالغان)؛ ئۇمۇ بولمىسا، ۋاقتىنچە خەلقئارلىق ئاتالمىسىنى(ئىنگلىزچە) قوللىنىپ تۇرىمىز. شۇ بويىچە بولغاندا، بۇ سۆزگە سۆز ياساش يەنە بالدۇرلۇق قىلىدىكەن. ئاق ئاش(ئاقئاش)-- بولمايدۇ، سەۋەب: تويمىغاندا، ھەقسىز قوشۇپ بېرىلدىغان ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنمىگەن، يەنە پولۇغا نىسبەتەن ئاق پولۇ( قارا پولۇ بارمۇ؟ ) دېسەك مۇۋاپىق بولمايدۇ. ئاق ئاش بولسا، قارا ئاشچۇ؟ قارائاشمۇ بارمۇ(قارا ئاشلىق بىلەن پەرقلىنىدۇ)؟ مۇت-- ئۇيغۇرچە سۆزلۈك بولۇپ، سۈپەت سۆزى، ھەقسىز، بىكار، پۇلسىز دېگەن مەنىلەردىكى سۆز ئىكەن(ئىزاھلىق لۇغەت)؛ مۇتچۆپ(سۈپەت +ئىسىم) سۆز ياساش قائىدىسىگە ئۇيغۇن. ئەمما، سۆز مەنىسى يۇقىرىدا تورداشلار دېگەندەك چۈشنىكسىزلكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. لېكىن سۆز بوغۇمى قىسقا، بەزى تەرەپلەرنى ساقىت قىلغاندا، قوللىنىشقا ئەرزىيدۇ. تويدۇرما-- (پېئىل+ئالماش) بولدىكەن، لېكىن ئەسلىي شەيئىي توغرىسىدا ئۇچۇر بېرەلمەيدىكەن، يەنە بەك قوپالمۇ قانداق، پىكىرلىشىپ باقساق بولغۇدەك. قېرىنداش مىللەتلەر نېمە دەيدىغاندۇ؟ يەنىمۇ ئىزدىنىپ باقايلى دوستلار.. |
|