<يىڭى مۇھەببەتكە قەدەم!>
-رەيھان ،سىز نەدە؟مەن سىزنى بەك ساقلاپ كەتتىمغۇ،نىمانداق ئىشىڭىز تۈگىمەيدۇ سىزنىڭ.
-جۈرئەت ،مەن ئۆيدە! سەل تۇرۇپ تېلفۇن قايتۇرىمەن.رەنجىمەڭ ھە؟
-رەيھان ،بۈگۈن راسلا چىقالمامسىز ؟گەپنى ئۇچۇق دەڭ .مەنمۇ دوسلار بىلەن مۇڭدىشىپ قايتاي.
-جۈرئەت مەن بۈگۈن راسلا چىقالمىغۇدەكمەن،ئاپامغا نىمە باھانە كۆرسىتىشنى بىلەلمىدىم.
-ئەمسە بوپتۇ.كىلەر قىتىم كۆرۈشكىچە ئامان بۇلۇڭ رەيھان!
-جۈرئەت ماقۇل ئەمسە،ئاپام ماڭا قاراپ رەنجىمىسۇن يەنە .تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم ئەمسە؟
-رەيھان ،بۈگۈن يۇلىڭىزغا شۇنداق بەك قارىغانتىم.بوپتۇئەمسە، ئاپىڭىز رەنجىپ قالمىسۇن.ئاللاھقا ئامانەت!
<مۇھەببەتلىك چاغلار>
-جۈرئەت سىز نەدە؟
-مەن دوسلار بىلەن ئولتۇرۋاتقانتىم،نىمە بولدى؟
-ھىچ ئىش بولمىدى،ئەمسە سىزنى ئاۋارە قىلماي! دوسلىرىڭىز بىلەن كۈڭۈللۈك ئولتۇرۇڭ .
مىنىڭمۇ ئۆيدە بىرمۇنچە ئىشىم بارتى، شۇ ئىشىمنى قىلىۋالاي .ئەتە كۆرۈشەيلى.
-رەيھان ،ئەمسە ئەتە چۇقۇم كۆرۈشەيلىمۇ؟
-مەن ،ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ باقاي.
-رەيھان ،ئەمسە ياخشى ئارام ئىلىڭ جىنىم!
-بۇلىدۇ،سىزمۇ ئۈيىڭىزگە پاتىراق قايتارسىز.
-ئاللاھقا ئامانەت!ئاللاھقا ئامانەت!
<مۇھەببەتلىك تۈنلەر>
-رەيھان ،بۈگۈن مەن بىلەن بىللە ئۇزۇنىراق ئولتۇرارسىز؟
-ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ قالارمۇ؟
-ياق ،نىمىگە ئەنسىرەيدۇ؟خاتىرجەم بۇلىڭە ،مەن سىزنى ئۇزۇنغا قالدۇرماي ئاپىرىپ قۇيىمەن.
-جۈرئەت ،سىزگە بىر گە پ قىلسام رەنجىمەڭ! قۇلۇمنى تۇتۇپ پاراڭ قىلمىسىڭىز.
-نىمىشقا ؟نىمە بولدى؟
-مەن،سىز بىلەن بۇنداق ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىقا كۈنەلمەيدىكەنمەن.شۇڭا............
-مىنى ياخشى كۆرمەمسىز؟ياخشى كۆرۈشكەنلەر،مۇشۇنداق بىر-بىرىنىڭ قۇلىنى تۇتسا نىمە بۇلىدۇ.
-كەچۈرۈڭ !مەن ئۇنداق ئولتۇرۇشقا كۈنەلمىدىم.
-ئۇنداق قىلماڭ جىنىم، مەن سىزنى ھەقىقي سۈيىمەن.
-بۇنداق قىلماڭ!بۇنداق قىلماڭ!
-نىمە قىلىۋاتىسىز؟بولدىلا مىنى سىلكىمەڭ ،رەيھان بۈگۈن سىز ماڭا نىمانداق قىلىسىز.
-جۈرئەت ،سىز ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلامسىز؟مەنمۇ سىزنى ھەقىقي ياخشى كۆرىمەن .شۇڭا ھۆرمەت قىلىڭ!
-مۇشۇمۇ گەپمۇ ؟بولدى قىلىڭە...........
-جۈرئەت ،بىز توينى بالدۇرراق قىلساق بۇلاتتى.
-سىز مۇشۇنداق قىلۋاتسىڭىز ،ماڭا ئىشەنمىسىڭىز قانداقمۇ توي قىلىمىز.
-جۈرئەت بولدى،رەنجىمەڭ!مەن قىز بالا بولغاچ قورقىدىكەنمەن.
-مەن ئالۋاستى بولمىسام يا!نىمىشقا قورقىسىز؟ھەر ئىككىمىز، ياخشى كۆرۈشدىغان ئاشىق-مەشۇقلاردىن تۇرساق.مۇشۇنىمۇ سوراپ كىتىش كىتەمدۇ؟
-جۈرئەت ،ئۇنداق قىلماڭ!ھەي...............ئەمدى قانداق قىلىمىز؟قانداق قىلىمىز؟
-بىز توي قىلىمىز،سىز مەندىن ئەنسىرمەڭ ھە جىنىم.
-مىنى ئالدىماڭ!مەن بۇنداق بۇلۇشنى خالىمايتىم،سىز نىمانداق ئەسكى.
-ئالدىمىدىم،ھەم ئالدىمايمەن!مەڭگۈ شۇنداق بۇلىدۇ.ئەمما توينى ھامان قىلىمىزشۇنداقتىمۇ سىز مىنىڭ بولدىڭىز.
<مۇھەببەتلىك كۆپ ئۇچىرشىشلار>
-جۈرئەت بىز بەكمۇ ئۇزۇن يۈرۈپ كەتتۇق ،شۇڭا بىز توي قىلساق بۇلاتتى.
-رەيھان ،ئىككىمىز ھىلىمۇ شۇنداق ياخشى ئۈتىۋاتىمىزغۇ؟توي قىلغاندىن نىمە پەرىقىمىز بار!سىز ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسىز؟ئۇنداق قىلسىڭىز بوپتۇ،سىز ئارزۇ قىلغان شۇ توينى قىلساق قىلايلى.
-جۈرئەت ،دىگىنىڭىز توغرا! بىزتاكى ھازىرغىچە شۇنداق ياخشى يۈردۇق.بىراق ئۆيدىكىلەر، مىنىڭ نەچچە كۈندە بىر، يالغان باھانەلەر بىلەن سىرتتا بىر كىچە قۇنۇپ قىلىۋاتقانلقىمدىن نارازى بۇلىۋاتىدۇ.بەزىدە يالغان باھانەلەر چىنىپ قىلىپ،ئۆيدىكىلەردىن قاتتىق تىلمۇ ئاڭلاپ كىتىۋاتىمەن.ئۇلارنىڭ، <بۇنداق ئۆيگە بالدۇر قايتىشنى خالىمىساڭ ،توي قىل! >دەپ -ماڭا بەك دوق قىلغان يەرلىرىمۇ كۆپ بوپ كەتتى.
-رەيھان ئەمسە،سىزمۇ مەندىن ئورۇنسىز گۇمانلانماي،ھەر كۈنى كۆرۈشۈشنى ئاز قىلساق، شۇ گەپكىمۇ قالمايتىڭىز.
-جۈرئەت،سىز بۇرۇنلاردا مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ،بەكمۇ ئىنتىزار ئىدىڭىز.مانا ئەمدى مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن قالدىم.ھەممىنى ئۆزۈمنىڭ نادانلىقىدىن كۆرىمەن.
-رەيھان،ماڭا بۇنداق سېسىق گەپ قىلسىڭىز مەنمۇ كۈتۈرەلمەيمەن.ئەمسە سىزنىڭ دىگىنىڭىز بۇيىچە بولسۇن!توينى كىلەر يىلنىڭ بىشىدىلا قىلايلى.
-رەھمەت سىزگە!مەنمۇ سىزنىڭ دىگەن يىرىڭىزدىن چىقىمەن،ئەمسە بۈگۈن مۇشۇ گىپىڭىزنى بولسىمۇ تەبىرىكلەمدۇق.
-نىمىنى تەبىرىكلەيمىز؟بولدى ،كونىلاردا <يولۋاس ئىزىدىن-يىگىت سۆزىدىن قايتماس !>دىگەن ھىكىمەتلىك سۆز بار.
شۇڭا سىز ماڭا ئىشىنىڭ،بۈگۈن ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ كەتمىسۇن.تېزىراق قايتىپ ئارام ئىلىڭ.
-جۈرئەت ھازىر راستىنلا ئۆيۈمگە قايتامدىم،ئەمسە سىزمۇ دوسلىرىڭىز بىلەن تالادا يۈرمەي ئۆيگە قايتىڭ.
-ماقۇل، جىنىم خۇتۇن!گىپىڭىزنى چۇقۇم ئاڭلايمەن .بۇلۇڭ ئەمدى قايتىڭ.
-خۇتۇن دىمىڭە ،مەن بىرخىل خىجىل بۇلۇپ قالىدىكەنمەن.
-بىز ،توي قىلمىغان بىلەن سىز مىنىڭ خۇتۇنۇمغۇ؟ھامان توي قىلىمىز.
-بوپتۇ ئەمسە ،خوش!سىزگە قىيالمىساممۇ قايتاي .
-بۇلىدۇ تېزىرەك قايتىڭ!بىز مۇڭداشمىغان تاڭلار ،تۈنلەر قالمىدىغۇ.يەنە قىيالمايمەن دەيسىز.
-مەندىن زىرىكىپسىزدە؟
-ياق..ياق،نەدىكى گەپنى قىلماڭ!قايتىڭ ئەمسە .مەن ئاپىرىپ قۇياي دىسەم بەك چارچاپ قاپتىمەن.تاكسىغىلا سىلىپ قۇياي ھە.
-ماقۇل .خوش ئەمسە.
<مەنىسىز توي ئاخشىمى!>
-جۈرئەت ،ئۇف ...بۇ توي پائالىيىتى ھەجەب تەستە ئاياقلاشتى .ئورۇندۇقتا مىدىرلىماي ، ئولتۇرىۋىرىپ بەك چارچاپ قالدىم.
-رەيھان، بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ قۇتلۇق توي كۈنىمىز.سىز خۇشالمۇ؟
-جۈرئەت ،مەن بۈگۈن ناھايىتى خۇشال!بۇ كۈننى قانچىلىك ساقلىغانلىقمنى بىلمەيسىز.
-رەيھان،ئىككمىز شۇنداق ياخشى مۇھەببەتلەشتۇق.بۈگۈن تۇيمىزمۇ بەك قىززىپ كەتتى،مەنمۇ خۇشال بولدۇم.
-جۈرئەت،بۈگۈن چارچىدىڭىزمۇ؟
-شۇنداق بولمايچۇ!بەك چارچىدىم شۇڭا بالدۇر يىتىپ ئارام ئالايلىمۇ.
-جۈرئەت ،بۈگۈنكىدەك شېرىن كۈندە قانداق ئۇيقۇڭىز كىلىۋاتقاندۇ؟بىردەم مۇڭداشمامدۇق.
-رەيھان ،بىز نەچچە يىل يۈرۈپتۇق .بىز مۇڭداشمىغان باغلار -تاغلار قالماپتۇ،بۈگۈن قىلىشقۇدەك نىمە گەپ بارئىدى.شۇڭا سىزمۇ چاردىدىڭىز، بالدۇر ئۇخلايلى !ئەتە چوڭلارنىڭ ئۈيىگە سالامغا بارىدىغان گەپ.
-جۈرئەت ،نىمە بولدى سىزگە ؟ئۇخلاپ قالدىڭىزمۇ؟راس دەيسىز، بىز ئىككىمىز نەچچە يىل يۈرۈپ مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ بوپتۇق .ھەي.............ئەپسۇس !تۇلىمۇ ئەپسۇس!بۈگۈنكىدەك شېرىن توي ئاخشىمىدىمۇ،ئىككىمىزگە قىلىشقۇدەك گەپمۇ قالماپتۇ.بوپتۇ ئۇخلايلى!