كۆرۈش: 222|ئىنكاس: 11

غەم ئۆلگەندە تۈگەيدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
191
تۆھپە
104
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غەم ئۆلگەندە تۈگەيدۇ


1309409307_61531.jpg



بىر كارخانىچى رېستۇراننىڭ بۇلىڭىدا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكىلى تۇرۇپتۇ.بۇ چاغدا بىركىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا كېېلىپ«ئەپەندىم،قارىغاندا سىزنىڭ ھەل قىلالمايۋاتقان بىرەر غېمىڭىز بار ئوخشايدۇ،ماڭا دەپ ئىچىڭىزنى بوشىتىۋىلىڭ،سىزگە بىرەر يادىمىم تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس»دەپتۇ.كارخانىچى ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ،ئۈمۈدسىزلىك بىلەن«مېنىڭ غېمىم ناھايىتى كۆپ،ماڭا ھېچكىم ياردەم قىلالمايدۇ»دەپتۇ.
ھېلىقى كىشى ئىسىم كارتىسىنى چىقىرىپ كارخانىچىغا«ئەتە مېنىڭ ئىشخانامغا بىر كېلىپ كېتىڭ»دەپتۇ.ئەتىسى كارخانىچى ھېلىقى كىشىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپتۇ.بۇ قىزغىن كىشى كارخانىچىغا«مەن سىزنى بىريەرگە ئاپىراي»دەپتۇ ۋە كارخانىچىنى باشلاپ بىر قەبرىستانلىققا بېرىپتۇ.ئۇ قەبرىلەرنى كۆرسىتىپ«قاراڭ،بۇ قەبرىدە ياتقان ئۆلۈكلەرنىڭلا غېمى يوق»دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن كارخانىچى بىردىنلا ھوشىنى تاپقاندەك بوپتۇ.

ھېكىمەت: پەقەت ئۆلۈكلەرنىڭلا غېمى يوق،مۇۋاپىقىيەت يولىدا ئادەم نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ،پەقەت غەلبىگە بولغان ئۈمىدلا بولىدىكەن،ھەرقانداق مەسىلىگە توغرا قاراپ ئۇنى ھەل قىلىپ ئالغا باسقىلى بولىدۇ.



ۋاستە نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ


بىر بوۋاي نەۋرىسىگە تاشپاقا سوۋغا قىپتۇ.نەۋرىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ تاشپاقا بىلەن بىللە ئويناپتۇ.ئەمما تاشپاقا ناتۇنۇش مۇھىتتا بالا بىلەن بىردەم ئويناپلا بېشىنى قېپىنىڭ ئىچىگە تىقىۋاپتۇ.بالا ياغاچ كالتەك بىلەن ھەرقانچە نۇقىسىمۇ تاشپاقا بېشىنى چىقارماپتۇ.بۇنى كۆرگەن بوۋىسى نەۋرىسىگە«بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۇنى چىقارغىلى بولمايدۇ،كەل مەن ساڭا ئەڭ ياخشى بىر ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قوياي» دەپتۇ ۋە تاشپاقىنى ئۆيدىكى كاڭنىڭ ئۈستىدە بىر نەچچە مىنۇت قويۇپ قويغانىكەن،بارا-بارا ئىسسىغان تاشپاقا ئۆزلىكىدىن قېپىدىن چىقىپتۇ.
بوۋاي نەۋرىسىگە« بەزىدە ئادەممۇ تاشپاقىغا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭغا قاتتىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا ياخشى،مېھرىبان،سەمىمىي ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلساڭ،ئاندىن ئۇ سەن كۈتكەندەك ئىشنى قىلىپ بېرەلەيدۇ»دەپتۇ.

ھېكىمەت: باشقىلارغا قانداق ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلسىڭىز  شۇنىڭغا لايىق نەتىجىگە ئېرىشىسىز


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
460
تۆھپە
211
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ھىكمەتلىككەن، كىچككىنە ئوڭۇشسىزلىكىنى كۆرۈپ بەل قويۇۋەتكەن ئادەم ھىچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا  چىقىرالمايدۇ، ئادەم بىر قىتىم مەغلۇپ بولسا بىر قىتىم ئەقىل تاپىدۇ،تەجرىبىلىك بوپ قالىدۇ،مەغلۇبىيەت-مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئانىسى،ئۇنچىلىك ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىپ ،ئۆزىنى تۈگەشتۈرۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1625
تۆھپە
1025
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 3Rank: 3

تىللا
153
تۆھپە
90
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست ئۆلگەندە تۇگەيدۇ ھەممە ئىش .ئارزۇلىغان بالىمىز، تازىلاپ  -تازىلاپ ئاۋايلاپ تۇتقان ئۆيمىز .كۈن- كۈنلەپ ئشلەپ تاپقان پۇللىرىمىز  ۋاي -ۋۇي ھەممىسى قالىدۇ .
شۇڭا  ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلگەندىمۇ تۇگۇمەمدىكى دەيمەن جەننەت بىلەن  دوۋزاق مۇنىكىر -نىكىرلەر بارغۇ يەنە


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
460
تۆھپە
211
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nargiz يوللىغان ۋاقتى  2012-5-1 16:34
ئۆلگەندىمۇ تۇگۇمەمدىكى دەيمەن جەننەت بىلەن  دوۋزاق مۇ ...

ھى-ھى-ھى،سىز نىمانداق يۇمۇرىستىك


Rank: 3Rank: 3

تىللا
209
تۆھپە
85
UID
1173
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلگەندىمۇ تۈگىمەيدۇ....ياراتقان ئىگەم بىزدىن ھىساب ئالىدۇ....بۇدۇنيانىلا ئويلىماي ئاخىرەتنىمۇ ئويلىشىمىز كىرەك....


Rank: 2

تىللا
50
تۆھپە
17
UID
6275
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي غەم ئۆلگەندىن كىيىن باشلىنىدۇ، غەمنىڭ چوڭى قەبرىدە تېخى


Rank: 6Rank: 6

تىللا
858
تۆھپە
422
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nargiz يوللىغان ۋاقتى  2012-5-1 16:34
ئۆلگەندىمۇ تۇگۇمەمدىكى دەيمەن جەننەت بىلەن  دوۋزاق مۇ ...

ھاھاھا... توغرا دەيلا ، غەم بىلەنلا ئۆتۈپ كىتىمىز


ئاسان ئەمەس ئادەمدەك يۈرمەك...

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1185
تۆھپە
999
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  يولداش   دوست  بۈرادارلەر   غەم ئۆلگەندىمۇ  تۈگىمەيدىكەن ،.،بىزنى  بايرام مۇناسىۋېتى بىلەن  بىر  يەرگە  ئاپارغان ،،ئۇ  يەر  دەل  دوزاخ   ..سۇنۋۇكۇڭنىڭ  كىنوسىدا  چىقىدىغان   مۇنكىرلار  كىشىنى سوراق قىلغان  مەنزىرە ئۆز  پېتى  كىشلەرنىڭ  ئاۋازلىق  چىقىراشلىرى  ،،ۋارقىراشلىرى  ئاڭلاپ كۈرۈپ  قورقۇپ كېتىپ بىر قانچە كۈنگىچە  چۈشۈمگە كىرىۋېلىپ قورقۇپ كەتتىم ،،،غېمىمىز   ھەرگەزمۇ تۈگىمەيدىكەن،،،،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:40, Processed in 0.082200 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991