(بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ماي سوۋغىسى بولسۇن)
XOHTEKIN
ناخشىچى پىرىنى بۇلبۇلدىن سورا،
بۇ كۈينى ھەۋەسكار مىڭ تەستە دورا.
دوزاخنىڭ ئازاپى يەتكەچ پەلەككە،
ساز چېلىپ دەھشەتنى يەڭگەن پىرچەڭگە(1)
بىر ھۈكەر چاقنىغان يىراق ئاسماندا،
ئۇيغۇرنىڭ ساپ نەسلى مۇرات ناسىرۋا.
شۆھرىتى يېيىلغان ئۇرۇس ئېلىدە،
تارىمنىڭ كەچمىشى ناخشا كۈيىدە.
مۇزىكا ساداسى دۇنيانىڭ تىلى،
بارچىنى رام قىلغان مۇقام مەرغۇلى.
موسكىۋا،ئالمۇتا سەھنىسى قايناپ،
چۈشەندى يات ئەللەر ئۇيغۇرنى ئويلاپ.
ئويغىنىپ قەلبىدە مىللى غۇرۇرى،
قەشقەرگە تەلپۈنۈپ سۆيگۈ دىل نۇرى.
ئەلباشى پۇتىنمۇ سورىسا كۆيۈپ،
مەن ئۇيغۇر دىدىكىن يۈرەكتىن سۆيۈپ.
ئۇزۇن چاچ ئۈستىگە كىيىپ دوپپىنى،
چەتئەلدە ياڭراتقان راۋاپ كۈيىنى.
دۇنياۋىي چولپان بوپ ئۇيغۇر ئوغلانى،
<<ئۇيغۇر>>نىڭ نامىنى قىلغان جەۋلانى.
چوقۇنغان تۈمەن مىڭ رۇس،ئۆزبېك،قازاق،
ئۇ تاپقان ئۇيغۇرغا پەخىرلىك ئاتاق.
ئۆز يۇرتتا ئەل بۇلغاپ يۈرگەنلەر تولا،
ئۇ قازغان رۇس ئەلدە مىللەتكە جۇلا.
قىرانلىق يېشىدا ئالتۇن گۈل پەسلى،
قوينىغا ئالدى نە ئۆلۈمنىڭ قەستى.
ئەي ئۇيغۇر ئۇ سەنئەت كۆكىدە چېقىن،
ئۇنتىما مەردانە ئوغلۇڭنى سېغىن.
2009-يىل4-ئاي6-كۈنى(دىيارى كەلپىن)
(1)_پەرچەڭگە:-ئۇيغۇر قەدىمقى رىۋايەتلىرىدىكى ناخشا پىرى بولۇپ،قەۋرىستانلىقتىن چىقىۋاتقان نالە-پەرياتقا چىدىماي ناخشا ئېيتقاندا،ئۆلۈكلەرنىڭ ئازاپى توختاپ قالىدۇ.شۇندىن بۇيان ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە قەۋرىمۇ-قەۋرە ئارىلاپ ناخشا ئېيتىپ ئۆلۈكلەرنى دەھشەتلىك ئازاپتىن خالاس قىلىپ،خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدۇ.
مۇرات ناسىروۋ
ئەسلى ئاپتورى -- نەبىجان تۇرسۇن
روسسىيىنىڭ پايتەختى دۇنياغا داڭلىق موسكۋادىنئىبارەت بىر چوڭ شەھەردە سەنئەتبىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى -- مۇرات ئىسمايىل ئوغلى ناسىروۋ 1969- يىلى قازاقىستاننىڭ ئەڭچوڭ شەھىرى (بۇرۇنقى پايتەختى) ئالمۇتا شەھىرىدە بىر سەنئەتكار ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ سەنئەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە دادىسىنىڭ تەسىرى زوربولغان. دادىسى ئىسمايىل ناسىروۋ ئەسلىكەسپىي سەنئەتكار ئىدى. ئىسمايىل ئاكا قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن، 1940-يىللاردىن باشلاپ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سەنئەتگۇرۇپپىلىرىدا ئىشلىگەن. 1945- يىلى 8-ئايلاردا پودپولكوۋنىك سوپاخون باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغاندا، ئىسمايىل ئاكا مىللىي ئارمىيىگەپىدائىي بولۇپ كىردى. 1945-يىلى 10- ئايدا مىللىي ئارمىيە بىلەن غۇلجىغا قايتىپ، ئارمىيىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەپ، سەنئىتىمىزئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، "ئۈچ ۋىلايەت" ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن "خىزمەت كۆرسەتكەنئارتىست" دېگەن پەخىرلىك ناملارنىقازانغان!... ئىسمايىل ناسىروۋ 1958- يىلى ئائىلىسى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئالمۇتا شەھىرىگە ماكانلاشقان.
مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىمۇ مانا مۇشۇ ئائىلىدىكى سەنئەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، يەسلى ۋەمەكتەپتىكى چاغلىرىدىن باشلاپ كۆرۈلۈشكەباشلىغان. 18 يېشىدا ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، بۇ جايدىمۇ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەنئەت كۇرژۇكى قۇدى. ھەربىي مەجبۇريىتىئاياقلاشقاندا موسكۋالىق سەبداشلىرىمۇراتنىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ ئۇنى موسكۋاغا بېرىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. مۇرات تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆيىگە قايتماستىن ئۇدۇلموسكۋاغا بېرىپ، ئۆز تىرىشچانلىقىبىلەن گنېسوۋ نامىدىكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى 1996-يىلى پۈتتۈرگەن. موسكۋادىكى ئوقۇش ھاياتى ئۇنىڭ ئۈچۈنئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىئىقتىسادىي مەنبە قىلىشنى نومۇس دەپ بىلگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىتى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىر-يېنىك جىسمانىيئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇشراسخودىنى ئۆزى ھەل قىلغان. ئۇ، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، تىرىشىپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تالانتى تېزدىنلا مەكتەپرەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنىڭدەكئۇستازلىرىنى قايىل قىلغان.
مۇرات ناسىروۋ 1991- يىلى يالتا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ياشلارفېستىۋالىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگەسازاۋەر بولغان ھەمدە پوپ ناخشا تۈرلىرى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللەپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يالتىدا قولغا كەلگەنمەزكۇر زور نەتىجىدە مۇراتنىڭ سەنئەتھاياتىغا ئىلھام بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ موسكۋا سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا توئۇنۇلۇشى ھەم ئۇلارنىڭ دىققەتقىلىشىغا يول ئاچقان. مۇرات بىر ياقتىنئوقۇپ يەنە بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ "يېڭى پورت" ناملىق ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىسىنى (توپىنى) قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىشبىلەن بىرگە كونسېرتلار ئۆتكۈزۈشكەباشلىغان شۇنىڭدەك يەنە بەزى كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇلارنىڭھەممىسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئاتاقلىقچولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ئىدى.
موسكۋادەك ياتلارنىڭ شەھىرىدە ئوزۇپ چىقىش ئۈچۈنئالدى بىلەن رۇس تىلىدا ناخشائېيتىپ تونۇلۇش زۆرۈر بولغانلىقتىن، ئۇ تىنىمسىز ئىزدەندى. ئۇنىڭ ئارزۇلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى 1997-يىلىدىن كېيىن بىردىنلائەمەلگە ئاشتى. ئۇنىڭ نامى بىردىنلاپۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلدى. ئۇ<<تامبوۋغا بارماقچىبولغان بالا>> ناملىقناخشىسىنى ئېيتىپ، داڭ چىقاردى. ئۇنىڭبۇ ناخشىسى رۇسىيە جۈملىدىن پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدىكى ياشلارنىڭ ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە ئاڭلايدىغانناخشىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ناخشائېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەرىپىدىن كۈندىكىدەكنەچچە قېتىملاپ كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭ ئوبرازىۋە ناخشىلىرى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىراتلار قالدۇردى. مۇرات ناسىروپ ئارقىدىنلا ئاتاقلىق رۇس ناخشىچىسى ئاپىنا بىلەن بىرگە <<ئايدىڭ كېچە>> ناملىق ناخشىسىنى ۋە << مەن دېمەك سەندۇر>> ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، ناخشا ھەۋەسكارلىرىنى يەنە بىر قېتىم زىل-زىلىگە سالدى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى مەخسۇس كۆرۈنۈشلەربىلەن كىرۈشتۈرىلىپ، تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا كۆرسىتىلدى.
مۇرات ناسىروۋ ئۆزىگە شان - شەۋكەت ئېلىپ كەلگەن مەزكۇرناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن، سۆز تەكىستىنى ئۆزى يازغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق كوپ تەرەپلىمىلىك تالانتى بىلەن رۇسىيە ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكىئەربابلارنى قايىل قىلدى. مۇرات ناسىروپھازىرغىچە رۇسچە<<مېنىڭ تارىخىم>>، <<ئويغاتقىن مېنى>> << كىمدۇ بىرى ئەپۇ قىلىدۇ>> بۇلارنىڭھەممىسى مەن بىلەن بولمىغان >> ۋە ئۇيغۇرچە << قالدىم يالغۇز>> قاتارلىق بەش پلاستىنكىسىمۇ ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپتى. مۇرات ناسىروۋ مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭقۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ھەم تەتقىققىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭمۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالىغان. قانداقتۇر، باشقىلار ئىجاد قىلىپ بەرگەنئاھاڭ بىلەن باشقىلار يېزىپ بەرگەن تېكىستقا ناخشا ئېيتىشتىن ساقلانغان. ئەلۋەتتە، مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانتلىق چولپانلار رۇسلارئىچىدە ۋە دۇنيا يۈزىدە كەم ئۇچرايدۇ.
مۇرات ئۇيغۇر پەرزەندى بولۇش سۈپىتى بىلەنكېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنىڭمىللىي سەنئىتىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمىدى. ئاتا-ئانىدىن، ئەجدادتىن قالغان ئەسلى قان بىلەن مىللىي تۇيغۇ ۋە مىللىي روھ زىچيۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۆزدۈشمەنلىرىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇغان قەھرىمان مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچىسى، بىر قولىدا راۋاب، بىر قولىدا مىلتىقىنى كۆتىرىپ، ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدا قان كېچىپ جەڭقىلغان، جەڭ تىنجىغاندا بولسا، مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسىرلىرىگە روھ بېغىشلايدىغان، ئۇلارنى ئازادلىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن جان پىداقىلىشقا ئۈندەيدىغان ناخشىلارنىئېيتىپ، مىللىي ئىنقىلابقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان ئىسمائىل ئاكىنىڭ مىللىي روھىي دۇنياسى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى بەش بالىسىنىڭ ئەڭكىچىكى بولغان مۇراتنىڭ تومۇرلىرىداھامان خۇددى ئىلى دولقۇنلىرى كەبى مەۋج ئۇرۇشقا نېسىپ بولدى.
مۇرات بارغانسىرى رۇس ناخشىچىسى ئەمەس، بەلكىئۇيغۇر ناخشىچىسى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. مانا بۇ مەرھۇم ئىسمائىل ئاكىنىڭ ئارزۇسى ئىدى، دېمىسىمۇ، ئۇ ماناس دەرياسىدا مىلتىقى بىلەن راۋابىنى مەھكەم تۇتۇپ، تۆت يىلياتقان كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدەخۇددى باشقا سەپداشلىرىغا ئوخشاشلا ئازابلىناتتى، ئۆكىنەتتى، " دائىم ھەي - ئېسىت ئەشۇ چاغلار !" دەيتتى. مۇرات موسكۋاغاماڭغاندا، ئىسمائىل ئاكا " قېنى بارغىن ، يىگىت بولغاندىكىن ئۆز يولۇڭنى تاپ ! لېكىنئۇيغۇرلىقىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما ! مۇمكىن بولسا ئەشۇ كۆك-كۆزلەرنى ياڭراق ناخشىلىرىڭ بىلەن بويسۇندۇر " دەپ جىكىلىگەن ئىكەن. بۇ سۆزلەرنى ئىسمائىل ئاكاھايات ۋاقتىدا دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىگە سۆزلەپ بەرگەنىكەن ئۇلار ئۇچراشقاندا. مۇراتئاخىرى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2004-يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ <<قالدىم يالغۇز>> ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبۇمىنى تەييارلاپ موسكۋا شەھرىدەنەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىداتۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈن پلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋا ۋە رۇسىيە بازارلىرىدا تارقالدى. مانا ئەمدى، ئورۇسلار ئۇيغۇرچە ناخشاپىلاستىنكىسى سېتىۋېلىپ ئاڭلايدىغان مەنزىرە شەكىللەندى.
بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى ئۆزىنىڭئۇيغۇرلۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما تېخى ئۇيغۇرلۇققا تولۇق قايتمىغان مۇرات بۈگۈنكى كۈندەھەممىلا يەردە " مەن ئۇيغۇر !" دەيدىغان، مەيلى چەت' ئەللەردە بولسۇن ۋە ياكى رۇسىيە ھەم باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سەھنىلىرىدە بولسۇن چوقۇم ئۇيغۇرچە بىر –ئىككى ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتمايقالمايدىغان شۇنىڭدەك ئەشۇ ئۇيغۇرنى ئاڭلاپ باقمىغان تاماشىبىنلارغا " مەن ئۇيغۇر " دەپ ئۆزىنى ۋە ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمىسەكۆڭلى ئۇنىمايدىغان مۇراتقا ئايلانغان ئىدى. رۇسىيە گېزىتلىرىنىڭ مۇرات ھەققىدە ئېلان قىلغان ھەممە ماقالىلىرىدا، ئۇنىڭ "مەن ئۇيغۇر "، "دادام ئىسمائىل سوپىقەشقەردىن" دەپ تونۇشتۇرىدىغان جۈملىلەر ئورۇن ئالغان.مۇرات بىر ئىنتېرنەت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىگەمۇنداق دەپ بىلدۈرگەن.
"مەن ئۇيغۇر، دادام رەھمەتلىك ئىسمائىل سوپىناسىروۋ قەشقەردە تۇغۇلغان، ئانامخاتىرە غۇلجىدا تۇغۇلغان، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمدىن پەخىرلىنىمەن، مەن موسكۋا ۋە ئالمۇتىلاردا ياشايمەن، باشقائەنئەنىلەرنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئەنئەنەمنى سۆيۈش بىلەن ياشايمەن."
مانا بۇ مۇراتنىڭ يۈرىكىدىن چىققان سۆزلەردۇر.
مۇرات ناسىروۋنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىزى بارئىكەن. ئۇنىڭ لاتىش مىللىتىدىنبولغان ئايالى ئۇنىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئايالىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرچەناخشىلارنىمۇ ئۆگەتكەن. ئۇلار دائىم سەھنىلەردەئۇيغۇرچە ناخشىلارنى جۈر بولۇپ ئېيتىدىكەن. مۇرات ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تاماقلارنىمۇ تەييارلاشنى ئۆگىتىپ قويغان. مۇرات ئۆزخەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقىىمۇراتنى شۇنچە سۆيدى. 2005- يىلى ئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن "ئىھلام مۇكاپاتى"بېرىشمۇراسىمىدا باھالىغۇچىلار بىردەك ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋەناخشا-مۇزىكا ساھەسى بويىچە بىرىنچىدەرىجىلىك "ئىھلام مۇكاپاتى" بەردى.
مۇرات، قەشقەر پەيزىۋات ۋە مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىنئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغانقېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى.
مەشﻬۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسىمۇرات ناسىروپنىڭ ئىجادىي ﻫاياتى
مۇرات ناسىروپ ئۇيغۇرلاردىنچىققان بىردىن-بىر پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ﻫەم دوستلۇقىغا تونۇلغان ناخشىچىئىدى.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيىنىڭ مەشﻬۇر ناخشا چولپىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كۈنى كەچ سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋا شەﻫىرىدىكى 5-قەۋەتكە جايلاشقانئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن.
مۇرات ناسىروپ ئەمدىلا تېخى 37 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مېيىتى 22-يانۋار كۈنىموسكۋادىن ئالمۇتىغا ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن زارىئاۋاستوكامەﻫەللىسىدىكى زاراتكارلىققا دادىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.
مۇراتنىڭ ناسىروپ رۇسىيە ﻫازىرقى زامان زامانىۋى ناخشا-مۇزىكا ساﻫەسىدىكى ئالدىنقىقاتاردىكى چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نامى يالغۇز رۇسىيىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈنمۇستەقىل دۆلەتلەر ﻫەمدوستلۇقى ئەللىرىگە تونۇلغان.
مۇرات ناسىروپ 1991-يىلى يالتادا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشناخشىچىلارنىڭ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن تونۇلۇشقا باشلاپ، 97--يىلى "تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا" دېگەن ناخشىسى بىلەن پۈتۈن رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ﻫەم دوستلۇقىدا شۆﻫرەت قازىنىپ، ياشلارنىڭچوقىنىدىغان چولپىنىغا ئايلانغانئىدى.
مۇرات ناسىروپنىڭ " مەن دېمەك سەن، سەن دېمەك مەن"، " ئايدىڭ كېچە"، " مېنىڭ تارىخىم"قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشىلىرىكىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغائېرىشكەن. مۇرات ناسىروپ ﻫازىرغىچە "مېنىڭ تارىخىم"، " ئويغاتقىن مېنى"، " كىمدۇ بىرى ئەپۇ قىلىدۇ"، "بۇ ئىشلار مەن بىلەن بولمىغان "، "قالدىم يالغۇز" قاتارلىق بەش ئالبۇمىنى نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپقان. 90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ ئەڭ داڭ چىقارغان دەۋرى بولۇپ، بىر قېتىملىق ناخشاكېچىلىكىگە 50 مىڭ ئادەم قاتنىشىشتەك رېكورت يارىتىلغان ئىكەن.
كومپوزىتور ۋە شائىر
"قالدىم يالغۇز" ناملىق ئالبۇمىنىڭ تېشى
مۇرات ناسىروپ ئۆزىنىڭ بەش ئالبۇمىدىكى ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۆزىيازغان، مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن. ئۇ، باشقىلارنىڭ يېزىپ بەرگەن مۇزىكىسى بىلەنسۆزىگە ناخشا ئېيتىشنى ياقتۇرمىغان.
مۇرات ناسىروپ مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ رۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇراشەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ﻫىندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ﻫەم تەتقىق قىلغانئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەنئۆزىنىڭ ﻫېسسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگەئايلاندۇرالىغان.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ رۇسىيە ناخشا پادىشاﻫى ئاللا پۇگاچېۋا، فىللىپكىركىروپ قاتارلىق كۆپلىگەن چولپانلارغا مۇزىكا ۋە سۆز تېكىستى يېزىپ بەرگەن. قازاقىستان جۇمﻬۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تېياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇراتناسىروپتەك مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خۇدا بەرگەن تەبىئىي ئاۋازى بار ﻫەقىقىي تالانتلىق ناخشىچى ئىكەنلىكىنىئوتتۇرىغا قويدى.
مۇرات رۇسىيە سەﻫنىلىرىدە دائىم ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتقان
مۇرات ناسىروپ ئۈچ- تۆت يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىش ۋە ئۇيغۇرچەناخشا ئېيتىشقا باشلىغان. مۇراتنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجادىيىتى ئاساسلىقى ئۇنىڭدادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن كۈچىيىشكە باشلىغان.
ئۇ، دادىسىغا بېغىشلاپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ جەﻫەتتە ئالمۇتا ۋەيەركەتتىكى ئۇيغۇر مۇزىكانتلار بىلەن ﻫەمكارلىق ئورناتقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر يېزىلىرىغابېرىپ، ئۇيغۇر ﻫاياتىنى ۋە ئاﻫاڭلىرىنى ئۆگەنگەن.
بۇ جەرياندا يەركەت شەﻫىرىدىكى "يەركەتبۇلبۇللىر" ناملىق گۇرۇپپىنىڭ چالغۇچىسى پولات مۇرات ئۈچۈن كۆپپىداكارلىق كۆرسەتتى. ئۇ، مۇراتقا ئۇيغۇر ئاﻫاڭلىرىنى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى توپلاشقاياردەملەشتى. ئاخىرى، مۇرات ناسىروپ 2004-يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ "قالدىميالغۇز" ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبۇمىنى تەييارلاپ موسكۋا شەﻫرىدە نەشىر قىلىپتارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈنپلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە بازارلىرىغا ﻫەتتا ئۇيغۇردىيارىغىمۇ تارقالدى.
قازاقىستان جۇمﻬۇرىيەتلىك ئۇيغۇرتىياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇرات ناسىروپنىڭ قەشقەردىن راۋابئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى چېلىشنى ئۆگەنگەنلىكى ﻫەتتا قازاقىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئىجادىيىتىبىلەن كەڭ شۇغۇللۇنۇشنى ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇرات ناسىروپنىڭ ئىجادىيىتىگە دادىسى تەسىر كۆرسەتكەن
مۇرات ناسىروپ 1969-يىلىئالمۇتا شەﻫىرىدىكى دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئىسمائىل ئاكا 50-يىللاردا قازاقىستانغاكۆچۈپ كەلگەن. ئىسمائىل ئاكا سەنئەتكار بولۇپ، مۇراتنىڭ ناخشىچى بولۇپيېتىلىشىدە ئۇنىڭ رولى ۋە تەسىرى چوڭ بولغان. مۇرات ﻫەربىي ۋەزىپىسىنىتۈگەتكەندىن كېيىن موسكۋاغا بېرىپ، مۇزىكا مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان ﻫەم ئەلا نەتىجىدە بىلەنپۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داۋاملىق موسكۋادا ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەنشۇغۇللىنىپ، ئۆز كۈچى ۋە تالانتىغا تايىنپ، ئاخىرىدا تەخمىنەن ئۈچ يۈز مىليون نوپۇسلۇقمۇستەقىل دۆلەتلەر ﻫەمدوسلۇقىغا تونۇلۇش سەۋىيىسىگە يەتكەن ئارتىستقا ئايلانغان.
مۇرات ناسىروپ ئۆز خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ﻫەممىلا يەردە ئۇيغۇرنىتەشۋىق قىلغان. تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدىمۇ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە تاماقلىرىنى ﻫەم تارىخىنىتونۇشتۇرغان. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ۋە مارالبېشى نايىﻬىلىرىدىكى يەرتەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمﻬۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىكناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەمبىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى.
مۇرات ناسىروپ ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقىمۇ مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. ئۆتكەن يىلىئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن "ئىلﻬام مۇكاپاتى" بېرىش مۇراسىمىدا باﻫالىغۇچىلار بىردەك ﻫالدا ئۇنىڭ تۆﻫپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساﻫەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك "ئىلﻬام مۇكاپاتى" بەردى.
مەرﻫۇم مۇرات ناسىروپنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا-ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى تېخى ئەمدى باشلىنىپ، مول مېۋەبېرىش ئالدىدا ئۆز خەلقىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ئەمما، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازلىرى ۋەتالانتى ئەبەدىي ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا قالدى.
2012-يىل 29-ئاپرېل (دىيارى كەلپىن)