لوپ ناھىيەسىدە تۇرسۇنتوختى ياسىن ماي بۇياق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
تۇرسۇنتوختى ياسىنـنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
تۇرسۇنتوختى ياسىن، ئەر، ئۇيغۇر. 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى لوپ ناھىيە چارىباغ يېزا قارقىي كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2006-يىلى 7-ئايدا خوتەن پىداگوگېكا ئالى تېخنىكومى گۈزەل سەنئەت فاكۇلتېتى رەسىم كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 2007-يىلى 4-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. ھازىر لوپ ناھىيە ھاڭگىيا يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان بۇ ياش سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقى، ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ پۈتۈن زېھنى بىلەن سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. خىزمەتكە قاتناشقان قىسقىغىنە بەش يىل مابەينىدە كەسپىي ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا كەسىپداشلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، قوللىشىغا ئېرىشكەن. 17 پارچە ماي بوياق ئەسەرلىرى ناھىيە ۋە ۋىلايەتتە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇپ 1-، 2-، 3- دەرىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات بۆلۈمى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىكە 42 پارچە ماي بوياق ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇرۇپ 1-دەرىجىلىككە ئېرىشكەن. تۆت پارچە ماي بوياق ئەسىرى كىتاب مۇنبىرى ژۇرنىىلدا ئېلان قىلىنغان.
ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ غوللۇق كەسپىي رەىسسامى، لوپ ناھىيەلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تۇرسۇنتوختى ياسىن كۈچلۈك كەسىپچانلىق روھى بىلەن لوپ ناھىيەسىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە. چ چ :911380290
