باي ناھىيەسىدە «1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى» نى تەبرىكلەش 9- يۈرۈش گىمناستىكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
باي ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش» پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى.
4- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت -تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشىدە، «1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى» نى تەبرىكلەش 9- يۈرۈش گىمناستىكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىن تاللانغان 320 كىشىدىن تەشكىللەنگەن 16 كوماندا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 3 دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاندى.
