قىزلار چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك ساۋاتلار
قىزچاق دىققەت:
1. باشلىنىشىدىنلا سىزگە ناچار مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن يىگىتتىن ئايرىلىڭ. سىزگە كۆيۈنۈشنى بىلمىگەن
يىگىت سىزنىڭ كۆڭۈل بېرىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ!
2. سىزگە بىۋاپالىق قىلغان يىگىت ئۈچۈن ئازابلانماڭ، چۈشىنىڭكى ئازابلىنىۋەرسىڭىز يارلىنىدىغىنى سىزنىڭ يۈرىكىڭىز، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ!
3. بىر يىگىت سىزگە «ئايرىلىپ كېتەيلى» دېگەندە، ياش تۆكمەڭ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىڭ!
4. 25 ياشتىن كېيىن تېرىڭىزنى تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئاسراڭ!
5. مال - مۈلۈككە بېرىلمەڭ، ئۇ زەھەرلىك دورىغا ئوخشاش سىزنى خۇمار قىلىدۇ!
6. ئامال بار ھەرخىل رەڭلىك كىيىملىرىڭىز تولۇق بولسۇن، ئۇنىڭغا لايىق ماس كىلىدىغان سومكىلىرىڭىز ھەم بەش جۈپتىن ئارتۇق ئايىقىڭىز بولسۇن!
7. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ!
8. سىز خالىغان ئادەمنى ياخشى كۆرسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۆزىنىمۇ ياخشى كۆرمىگەن ئادەمنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈش سالاھىيىتى بولمايدۇ!
9. كۆڭلىڭىز يېرىم ۋاقتىدا يىغلاپ بېرىدىغان ئادەمنى توغرا تاللاڭ!
10. ئۆيدىن چىقىشنىڭ ئالدىدا چوقۇم ئەينەككە قاراپ، ئۆزىڭىزنى ئوبدان تۈزەشتۈرۈڭ!
11. ئەگەر بەزى سەۋەبتىن ھاراق ئىچىپ قالسىڭىز، باشقىلارغا ھەرگىز تېلېفون قىلماڭ، بولۇپمۇ يۈرگەن يىگىتىڭىزگە!
12. كېچىدە ئۆيىڭىزگە بالدۇر قايتىڭ، قىز بالىنىڭ كېچىدە سىرتلاردا يۈرۈشى تارىختىن ياخشى ئەمەس!
13. 24 سائەت بىرلا ئادەمنى ئويلىماڭ، ئۆيدىكىلەرنى ياكى دوستلىرىڭىزنى ئويلاشقا ۋاقىت ئاجرىتىڭ!
14. بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز، مۇمكىن بولغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا ئوچۇق ئېيتىڭ، گەرچە جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ئەھۋالدىمۇ، تىرىشىپ كۆرگىنىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلماڭ! (كىم بىلىدۇ، كەلگۈسىدە پۇشايمان قىلىدىغان ئادەم ئۇ بولۇشى مۇمكىن)!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 22:24