كۆرۈش: 2193|ئىنكاس: 37

دېھقان پەرھاتنىڭ 12 مىليونلۇق قويىنى كۆرگەنمىدىڭىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
281
تۆھپە
181
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 23:19:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئافغانىستاننىڭ ۋاھاڭ ساپ سورلۇق قويى يەنە بىر قېتىم ئەڭ يۇقىرى باھانى يېڭىلىدى!!

     يېقىندا ، يېڭىساردا بىر ئافغانىستاننىڭ ۋاھاڭ ساپ سورتلۇق قويىغا 12 مىليونلۇق يۇقىرى باھا قويۇلدى . بۇنىڭ بىلەن بۇ قوي تارىختىكى ئەڭ قىممەت قوي بولۇپ قالدى . ئۇنداق بولسا قانداق نەسىللىك قوي 12 مىليوندەك مۇنچىۋالا يۇقىرى باھاغا ئېرىشەلەيدۇ ؟ مۇخبېر يېڭىسارنىڭ ماڭشىن يېزىسىنىڭ 3- كەنتىدە بۇ ئافغانىستان ۋاھاڭ قويىنى كۆرگەندە شۇنچىلىك ھەيران قالدى . بۇ قوي ئىنتايىن بەستلىك ، بەئەينى بىر كالىغا ئوخشايتتى . بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.7 مېتىر ، ئېگىزلىكى 1.4 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ ، پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق ئىدى . پۇت - قوللىرى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇپ ، بۇنى قارچۇغىنىڭ بۇرنىدەك چىرايلىق ، قۇلىقى بولسا ھەم چوڭ ھەم قېلىن ، كۆزى شۇنچىلىك نۇرلۇق ھەم چوڭ ئىدى . قوينىڭ ئىگىسى پەرھات مۇنداق دەيدۇ : بۇ قوينى ئۆتكەن يىلى 3- ئايدا ئالغان ، ھازىر 11 ئاي بولدى . بۇ قوينىڭ سورتى ئىنتايىن ساپ بولۇپ ، قۇلىقى 40 سانتىمېتىردىن ئۇزۇن ، كەڭلىكى 20 سانتېمېتىر ، بۇنداق قوي 1- دەرىجىلىك رەڭلىك ئاق قوي ھېسابلىنىدۇ . بۇ خىل قوي 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا 130 كىلوگرامدىن 140 كىلوگرامغىچە سەمرىيدۇ . بۇ قوينى پەرھات ئۆتكەن يىلى 3- ئايدا ئافغانىستاندىن كىرگۈزگەن ساپ ۋاھاڭ قويى . ھازىر بۇنداق ساپ نەسىللىك قوي ناھايىتى ئاز ، دۆلىتىمىزدە ھازىر پەقەت پەرھاتنىڭ ئۆيىدىلا بۇ قوي بار . نەچچە كۈن بۇرۇن ، كورلىلىق سودىگەر ئالاھىدە بۇ قوينى دەپ كەلگەن بولۇپ ، 12 مىليون باھا قويغان . بىراق پەرھات بۇ قوينىڭ ئۇرۇقلاندۇرۇش مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، سېتىشتىن ۋاز كەچكەن . پەرھات مۇنداق دەيدۇ : مېنىڭمۇ بۇ قوينى ساتقىم بار . بىراق ھازىر دۆلىتىمىزدە پەقەت مەندىلا بۇ قوي بار . باشقا يەردىن تاپماق تەس . ئۇلار ھازىر بىر قوينى 500 يۈەندىن تاتىپ 1000 يۈەنگىچە سېتىۋاتىدۇ . ئەگەر بۇ قوي شالغۇتلاشتۇرۇلسا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ . بىز دېھقانلار ھەممىمىز قوي بېقىشنى ياخشى كۆرىمىز ، ئەگەر ئۇلارغا ھەقسىز ياردەم بېرىپ ، ھەربىر ئائىلىگە بىردىن شالغۇتلاشتۇرۇپ بەرسەم ، بۇ يېڭىساردىكى دېھقانلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا ناھايىتى ياخشى ئىش بولاتتى . شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا دولان قويى باقىدىغان ئادەت بار . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۇلار ئادەتتىكى قويلارنىلا باقماستىن ، بەلكى سورتى ساپ بولغان قويلارنى بېقىشقا يۈزلەندى . بۇنىڭ بىلەن ۋاھاڭ قويىدەك ياخشى سورتلۇق قويلار ناھايىتى كۆپ پۇلغا ياراپ كەتتى .  12 دولان قويىغا مىليوندەك مۇنچىۋالا يۇقىرى باھا قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ، بىر تەرەپتىن سانىنىڭ ئازلىقى ، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە ،  پۈتۈن دۇنيادا ئاران 1000 نەچچە دولان قويى بار ئىكەن ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەرلىكلەرنىڭ دولان قوي سودىسىنى مۇنچىۋالا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشى بۇ قوينىڭ ئون نەچچە مىليونلۇق باھاغا چىقىشىنىڭ مۇھىم ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئۈچ يۈز مىڭ يۈەنلىك دولان قويلىرى بولسا دائىم ئۇچرايدىغان باھالار ھېسابلىنىدۇ.

20120427063455941.jpg

20120427063452960.jpg

20120427063453323.jpg

20120427063454498.jpg



Rank: 2

تىللا
53
تۆھپە
23
UID
9715
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 11:44:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزى نەچچە پۇلغا ئالغان بولغىيتى!؟
مۇبارەك بولسۇن، ياراشسۇن!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
652
تۆھپە
376
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:05:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-بىز دېھقانلار ھەممىمىز قوي بېقىشنى ياخشى كۆرىمىز، ئەگەر ئۇلارغا ھەقسىز ياردەم بېرىپ، ھەربىر ئائىلىگە بىردىن شالغۇتلاشتۇرۇپ بەرسەم، بۇ يېڭىساردىكى دېھقانلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا ناھايىتى ياخشى ئىش بولاتتى....... 12مىليون ماڭا لازىم ئەمەس، لازىمى قېرىنداشلىرىمنىڭ تۇرمۇشى .............
نىمە دىگەن ئاقكۆڭۈل دىھقان بۇ ھە ......ئاپرىن !!!!!.....   ئاددى دىھقان پەرھاتنىڭ  «پوق» ىدىن بىرقىسىم بېيىپ تاپقىنىنى خەجلەيدىغان جاي تاپالمايۋاتقان ھارام تاماق «باي» لىرمىزغا ئۈلۈشتۈرۈپ بەرسەم دەيمەن. (قوپال سۆزلەپ قويدۇم كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشنى سورايمەن) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دۆت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 12:05  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
858
تۆھپە
422
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 14:02:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ...ئەگەر قوي گۆشىنىڭ باھاسى 12مېليونغا چىقسا...


ئاسان ئەمەس ئادەمدەك يۈرمەك...

Rank: 2

تىللا
89
تۆھپە
59
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 16:02:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12مىليۇنلۇق قوينى سۇيۇپ ساتسا 1كىلوسى قانچە پۇل بۇلۇپ كىتەر ئەمدى؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
615
تۆھپە
413
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 17:38:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق نەسىللىك قويدۇ - ھە؟مەن ھازىرغا  قەدەر شىنجاڭدا كورمىگەن ،مۇنداق قوينى ،ئۆزى نەچچە پۇلغا ئالغان بولغىيتى!؟
مۇبارەك بولسۇن، ياراشسۇن!



Rank: 3Rank: 3

تىللا
150
تۆھپە
83
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 19:01:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن،  پەرھات ئەپەندى دېگىنىدەك دېھقانلارغا ياردەم قىلالىسا، تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.


Rank: 2

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
64
تۆھپە
38
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 20:30:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانداق قوي ئەمدى ؟؟؟؟؟     بۇ قوينىڭ گۆشىنى يىگەن ئادەم قېرىماي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەرمۇ يا ؟؟؟


Rank: 4

تىللا
318
تۆھپە
101
UID
4364
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 22:16:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
水晶叶子(维) يوللىغان ۋاقتى  2012-4-28 16:02
12مىليۇنلۇق قوينى سۇيۇپ ساتسا 1كىلوسى قانچە پۇل بۇلۇپ ك ...

بىر كىلوگىرامى 10-مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولغىدەك لېكىن 12-مىليۇنلۇق قوينى كىمنىڭمۇ يېيىشكە كۆزى قىيسۇن دەيسىز؟


ھەقىقى ئەركىنلىك روھى ئەركىنلىكتۇر

Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 22:33:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزى نەچچە پۇلغا ئالغان بولغىيتى!؟
مۇبارەك بولسۇن، ياراشسۇن!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:58, Processed in 0.083150 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991