كۆرۈش: 25|ئىنكاس: 0

يېڭى يىل (مەخمۇت ئاۋۇت)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
103
تۆھپە
47
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:01:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى يىل لىرىكىسى

  
مەخمۇت ئاۋۇت

(مۇزاتى)


ئۇتۇقلاردىن داستانلار پۈتۈپ،

كەتتى ئۇزاپ قىران كونا يىل؛

دىلغا بۈيۈك ئارزۇلار پۈكۈپ،  
كەلدى قانات قېقىپ يېڭى يىل.  

ئۆتكەن يىلدا قالغان ئارمانلار،  
تاپار ۋىسال يېڭى يىل بىلەن؛  
ئىشقا ئاشماي سۇلغان پىلانلار،  
ئۈمىدلەنگەي مەدەت كۈي بىلەن!


يېڭى يىلنىڭ ھارپىسى بىلەن،

يېڭى بۈيۈك پىلان تۈزۈلدى؛   
دىلغا سىغماس ئارزۇلار بىلەن،  
مۇساپىگە ئوقتا ئۈزۈلدى.  


يېڭى يىلدا كۆپتۇر يېڭى ئوي،

يېڭى زەپەر قۇچساق دەيدىغان؛

ئالىيجاناپ خىسلەتلەرگە باي،

ئەل-ۋەتەننىڭ غېمىن يەيدىغان.  

يېڭى يىلدا پۇرسەت، خىرىس كۆپ،  
ئىرادىنى سىنايدۇ ھەردەم؛

يېڭى ئۇتۇق باقىدۇ كۈلۈپ، 

پۇختا، مەزمۇت بېسىلسا قەدەم.   


يېڭى يىلمۇ كەلدى ئالدىراپ،  
قېتىپ ياشقا يېڭىدىن بىر ياش؛   
يېڭى تۈسكە كىردى يەر شۇتاپ،  
يېڭىچىلا چىقتى ھەم قۇياش.  


يېڭى يىلمۇ تىلەيدۇ ئەجىر،

بارچىدىن ئۇ كۈتەر تەر - مېھنەت؛

ھورۇنلارنى شاللايدۇ ئاخىر،

ئىشچانلارغا ھەمراھ قىپ ئامەت. 


كونا يىلنى سۈردى، ھەيدىدى،  
شان-ئۇتۇققا ھەمراھ يېڭى يىل؛ 

بوش قويمىساق ئالتۇن ۋاقىتنى،

ئېچىپ قۇچاق بەخت يايرار دىل.  


يېڭى«جەڭ»گە چۈشتۇق بىز مانا،   
قانائەتتىن بولايلى يىراق؛

ھاياتىمىز تاپار چىن مەنا،  
غەيرىتىمىز سۇلمىسا ھەر ۋاق.

بىزگە ئامەت تىلە يېڭى يىل،  
دولقۇنلىرىڭ قوينىغا ئالسۇن؛ 

ئەجرىمىزدىن بولسۇن ئەل قايىل،  
باسقان ئىزلار گۈللەرگە تولسۇن!  


شېئىرىنىڭ ئاپتورى :

باي ناھىيەسىدىن مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 02:01, Processed in 0.066302 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991