كۆرۈش: 727|ئىنكاس: 21

كۆيۈمچان باغۋەن تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىمگە بېلەت تاشلايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
14192
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:48:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆيۈمچان باغۋەن تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىمگە بېلەت تاشلايلى



20120421051911623.jpg




      تۇرسۇن مۇئەللىمنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ - تەتقىقات مەركىزىدىكى بىر ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇيغۇر تىلى سىستېمىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتتىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرسۇن مۇئەللىم ئۆز خىزمەت ئورنىدا لاياقەتلىك خىزمەتچى ھېسابلانسا، ئائىلىدە يەنە بىر لاياقەتلىك ئەر ھېسابلىنىدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭمۇ ئەينى چاغدا بەختلىك بىر ئائىلىسى بولغان بولۇپ، بىراق تەقدىرنىڭ رەھىمسىز چاقچىقى بىلەن ئايالى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ پالەچ بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بارلىق ئېغىر - يېنىك يۈكى، شۇنداقلا ئىككى ئوغلىنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئۆزىگە يۈكلىنىدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىم بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئايالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ، ئۆيدە تاماق ئېتىش، كىر قات يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بالىلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەشكىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. 2006 - يىلى تۇرسۇن مۇئەللىم ئۈرۈمچى خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىنىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ زىممىسىدىكى يۈك يەنە بىر دەرىجىدە ئېغىرلايدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىم بۇ كوللېكتىپقا باش مەسلىھەتچى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان تا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلاردا بولىدىغان ئۆزىنى كەمسىتىش، ھاياتقا بولغان خاتا قاراشلىرىنى يېڭىشىگە ياردەم قىلىپ، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇشسىز قالغان بالىلار، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ئاددىي - ساددا سۆز ھەرىكىتى، تەسىرلىك ئىش - ھەرىكەتلىرى بىلەن ھەممىمىزگە ئۈلگە بولۇشقا ئەرزىيدىغان تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىم مانا ھازىر مەكتەپنى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر نامزاتىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ. ھەممىمىز مانا بۇ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىۋاتقان بۇ ئوقۇتقۇچىمىزغا بېلەت تاشلاشنى ئۇنتۇمايلى!
      بېلەت تاشلاش ئادرېسى:
      http://www.xjedu.gov.cn/jgsz/sxzzgzc/pingxuan/11013.htm
      تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللمنىڭ ۋاكالەت نومۇرى: 051
      كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۇستازىمىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
      مەنبە: نۇر تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 16:07  


Rank: 1

ئىسىمى
ھۆرلۇك
تىللا
43
تۆھپە
8
UID
169
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 16:42:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇلسىمۇ جددى سۇرمىسام بۇلمىدى
مەن بىر ئاخبىارات-خەۋەر مەزمۇندىكى توربىكەت قۇرغان تىما ئگىسى ئۇلانما ئادىرسى نى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇزۇمنڭ تور -بىكەتتىدە تارقاتسام بۇلامدۇ
ھۇرمەنلىك باشقۇرغۇچى جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1625
تۆھپە
1025
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 17:02:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر بېلەت تاشلاپ قۇيايچۇ ~!


غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
701
تۆھپە
376
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 18:05:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىنمۇ بىر بېلەت كەتتى.....


Rank: 3Rank: 3

تىللا
153
تۆھپە
90
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 18:52:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلەتتىن بىرسى  كەتتى   


Rank: 2

تىللا
53
تۆھپە
23
UID
9715
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 19:02:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن مۇ.ەللىمنىڭ قابىلىيىتىگە مەن راستىنلا قايىل.
مەندىنمۇ بىر بېلەت كەتتى


Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 19:11:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر بېلەت تاشلاپ قۇيايچۇ ~!


Rank: 4

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
248
تۆھپە
110
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 21:54:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ باغۋەننىڭ  قابىلىيتى ھەممىنى قايىل قىلالايدۇ،مەنمۇ بىر بىلەت تاشلىدىم


Rank: 4

ئىسىمى
ئەيسا
تىللا
355
تۆھپە
101
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 00:07:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاشۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەچچىسىگە بىلەت تاشلىۋەتتىم. بىر نەچچە بىلەت،قېنى تاشلاڭلا


دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

Rank: 4

ئىسىمى
ئەيسا
تىللا
355
تۆھپە
101
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 00:09:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىكى مەخمۇتجان مۇئەللىمۇ باركەن،يەنە نۇرغۇن ئۇقۇتقۇچىلار بار ئىدى بۇ مەكتەپتە نامزاتقا كىرمىگەن ئوخشايدۇ.
يەنە لىيۇۋ شۇجىمۇ باركەن،بۇمۇ ناھايىتى سىلىق سىپايە،ياخشى رەھبەر ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kkokyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 00:13  



دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 02:02, Processed in 0.077817 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991