كۆرۈش: 119|ئىنكاس: 4

يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ غەربتە گۈللىنىشىدىكى سەۋەبلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
129
تۆھپە
54
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 04:17:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ غەربتە گۈللىنىشىدىكى سەۋەبلەر

(مۇلاھىزە تەقەززاسى بىلەن يوللانغان تېما)


مەقسۇت ئەمىن ئەركيار



دۇنيانىڭ قەدىمكى ئىلىم-پېنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارلىققا كەلگەن بولسا،يېقىنقى زامان ئىلىم پېنى غەرب دۇنياسىنى ئوق قىلىپ،زور گۈللىنىشلەرگە ئېرىشتى(بايانىمىزنىڭ ئەڭ ئاجىز،ئىخچام دەلىلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىنى ئوقۇپ كۆرۈڭ).ئۇنداقتا،يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ غەربتە گۈللىنىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

1 -خىل قاراش:

بىرىنچىدىن،سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئىلگىرى سۈردى.
ئىككىنچىدىن،ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئىدىيىنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى.
ئۈچىنچىدىن، دىنى ئىسلاھات تۈرتكە بولدى.

2-خىل قاراش:

ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش(ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسى سىنونىڭ«غەرب دۇنياسىنىڭ گۈللىنىشى»دېگەن كىتابىدىكى كۆز قاراش نەزەردە تۇتۇلدى)قا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن.

3-خىل قاراش:

بىرىنچىدىن،كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئىلىم-پەن بىلىملىرىگە ئېھتىياجلىق ئىدى،شۇنداقلا پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلگىرلىشىگە ماددىي ئاساس تىكلەپ بەردى.
ئىككىنچىدىن،كاپىتالىستلارنىڭ كۈچىنىڭ زورىيشى ۋە كاپىتالىستىك ھوقۇقنىڭ تىكلىنىشى سىياسى ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىن ئەتتى.
ئۈچىنچىدىن،گۇمانىزم ۋە راتسىئونالىزىم(ئەقلىيەتچىلىك)نىڭ گۈللىنىشى ئىدىئولوگىيە ئاساسىنى تىكلەپ بەردى.
تۆتىنچىدىن،ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى پەن-تېخنىكا كەشپىياتلىرىنى قوغداش،مۇكاپاتلاش،پەن-تېخنىكىغا ئېتىبار بىلەن قاراشنىڭ تۈرتكىسىدىن بولدى.
بەشىنچىدىن،ئالىملارنىڭ ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى ئاتاش،ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە بوشاشماس روھى،ئىزبېسىپ ئىلگىرلەش روھى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى.

4 -خىل قاراش:

پېتىر ۋاتسوننىڭ«ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخى»دېگەن كىتابى(مەزكۇر كىتابنىڭ قىسقىچە ئۇچۇرى بۇيەردە)نىڭ1-بابىدا تىلغا ئېلىنغان«ياۋروپانىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى نەزەرىيلەر»دە تىلغا ئېلىنغان بارلىق سەۋەبلەر.

بۇ تېمىنىڭ ئەھمىيتى تۆۋەندىكى بىرقانچە سۇئالغا جاۋاب ئىزدەش جەريانىدا ئايدىڭلىشىدۇ:


1.ئىلىم-پەننىڭ گۈللىنىشىدىكى كونكېرت ئالدىنقى شەرتلەر زادى نېمە؟

2.يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ غەربتە گۈللىنىشكە ئېرىشەلىشىدىكى سەۋەبلەر بىزگە نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
3.ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخى بىلەن سىياسى،ئىقتىسادىي تارىخى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەتلەر بولۇشى مۇمكىن؟ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىدە نېمىلەر بار؟
4.«شەرق-غەرب بىرگەۋدىچىلىكى» ،«شەرق مەركەز»چىلىك،«غەرب مەركەز»چىلىك ئىدىيلىرىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ شەرق-غەرب مەدەنىيەت  قانىلى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ مەنبەلىك،سىنېكرېتىك تۈگۈنلەرنىڭ تەرەققىياتىنى مەزكۇر تېمىغا باغلاپ قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟

تورداشلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى،بىلىدىغانلىرىنى ئايىماي تۆكۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەنبەسى: كائىنات تورى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=9777&
page=1&extra=&from=home#pid29351

ئەسكەرتىش: ئەسلى ئۇلانما بار يەرلەرنى ئۇلانمىسى بىلەن كۆرسىتىشكە ئىلاجسىز قالدىم. قىزىققانلار ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈۋالساڭلار. بۇيەردە يەنە تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ يازمىلىرىمغا ئورۇن بەرگىنىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
229
تۆھپە
103
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:56:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈچىنچى خىل قاراشنى قوللايمەن.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
652
تۆھپە
376
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 13:06:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-خىل قاراش:
بىرىنچىدىن،كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئىلىم-پەن بىلىملىرىگە ئېھتىياجلىق ئىدى،شۇنداقلا پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلگىرلىشىگە ماددىي ئاساس تىكلەپ بەردى.
ئىككىنچىدىن،كاپىتالىستلارنىڭ كۈچىنىڭ زورىيشى ۋە كاپىتالىستىك ھوقۇقنىڭ تىكلىنىشى سىياسى ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىن ئەتتى.
ئۈچىنچىدىن،گۇمانىزم ۋە راتسىئونالىزىم(ئەقلىيەتچىلىك)نىڭ گۈللىنىشى ئىدىئولوگىيە ئاساسىنى تىكلەپ بەردى.
تۆتىنچىدىن،ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى پەن-تېخنىكا كەشپىياتلىرىنى قوغداش،مۇكاپاتلاش،پەن-تېخنىكىغا ئېتىبار بىلەن قاراشنىڭ تۈرتكىسىدىن بولدى.
بەشىنچىدىن،ئالىملارنىڭ ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى ئاتاش،ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە بوشاشماس روھى،ئىزبېسىپ ئىلگىرلەش روھى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى.
يۇقارقى قاراشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ .
ئىلىم-پەن ھەرگىز قەدىىمقى زامان ئىلىم-پېنى ياكى ھازىرقى زامان ئىلىم پېنى دەپ بۈلۈنمەيدۇ !!! بۇ يەردە كۆزدە توتۇلدىغىنى دەل تېخنىكادۇر . ئۇنداقتا ئىلىم پەن بىلەن تېخنىكا ئوخشمامدۇ؟
بۇنىڭغا ئالىملارنىڭ بىرىدىغان جاۋابى دەل شۇنداق، چۈنكى ئىلىم پەندىن بۇرۇن تېخنىكا مەيدانغا كەلگەن (تونجى تېخنىكا دەل ئىنسانلارنىڭ ئوت ئىشلىتىشنى بىلىشىدۇر).
ئىلىم پەن -ھەرخىل شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى كۈزىتىپ ، تۈرلەرگە بۈلۈپ يىغىنچاقلاپ،ھىسابلاپ ئۇلار ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارىدىغان بىلىم سېستىمىسىدۇر.
تېخنىكا بولسا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى قاندۇرۇش، بويىچە تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ھەركىتىدۇر.
ئەلبەتتە تېخنىكا  ئىلىم -پەن بىلىملىرىگە تايىنىدۇ.
1. كاپىتالىستىك ئىقتىسادى تەرققىيات جىددى ھالدىكى تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئېھتىياجلىق ئىدى، بۇنداق بولغاندا ئۇلار تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىپ رىقابەتتە پۇت تىرەپ ئۆز قىممەت قارىشىنى ھەرقانداق بىر كىشىگە تاڭالايتى ( مەسىلەن نىمىشقا بىز ئايرۇپىلان، ماشىنا كومپىيوتىر دەپ  شۇلارنىڭ قىممەت قارىشى بۇيىچە ئاتايمىز .... ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا دوپپا ، ئەتلەس دەپ بىزمۇ نام قويىۋالغان بولساق ئۇلارمۇ بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا بويسۇنغان بولاتتى )بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۆپلىگەن ئىقتىساس ئىگىلىرىگە ئېنىقىنى ئېيتساق ئىلىم -پەنگە مۇھتاج ئىدى. ئۇنداقتا بۇ ئىقتىساسلىقلار قۇشىنى زادى نەدە؟؟؟؟؟ بۇنىڭغا ئۇلار(غەرپ)نىڭ نەچچە مىڭ يىللىق، ئورۇش، تاجاۋۇزچىلىق، ۋە كىيىنكى ئىقتىسادى كىرزىس قاتارلىق جەريانلاردا   توپلىغان تەجرىبە ساۋاقلىرى ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققان مائارىپتىكى ئىجاتكارلىقى...... بالىلارغا بولغان يېڭىلىق يارىتىش تەربىيىسى قاتارلىق مىخانىزىملار ئارقىلىقلا جاۋاب تاپالايتى.(ھازىرمۇ ئىلىمزدىكى شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە مائارىپتىكى بىرقىسىم قاتماللىق ئاللىقاچان بۇزۇپ تاشلاندى).
مىنىڭ قارىشىم مۇشىنچىلىك...............

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1625
تۆھپە
1025
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 17:03:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىككچنى خىل قاراشنى قوللايمەن.
غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 19:12:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىككچنى خىل قاراشنى قوللايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 02:02, Processed in 0.073733 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991