كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 3

مەخمۇت ئاۋۇت: ماختىما (مۇخەممەس)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
103
تۆھپە
47
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 01:58:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماختىما


  (مۇخەممەس)


مەخمۇت ئاۋۇت

(مۇزاتى)  



قىلنى قىلىپ پىل كۆرسۈتۈپ ،يالغان ئىشىڭنى ماختىما،  
خام خىيال ئىلكىگە بەنت بوپ كۆرگەن چۈشۈڭنى ماختىما،   
سىرىتىڭنى بېزەپ-پەدازلاپ، سۆلىتىڭنى ماختىما،  
مەنىسىز ئۆتكەن ھاياتىڭ،ئۆمرۈڭ-يېشىڭنى ماختىما،

بېرەر خەلقىڭ ئادىل باھا، ئىچى-تېشىڭنى ماختىما،


  
  
سۆيمىسەڭ گەرئەجىر-مېھنەت، بەخت ھەردەم قۇچاق ئاچماس،  
ھورۇنلۇقنى قىلساڭ ھەمراھ، كېسەل سەندىن يىراق قاچماس،   
ئېلىپ ئىلكىگە نەس-چەپلىك، ئىشلىرىڭ پەر قانات قاقماس،  
مىنگەن ئېتىڭ بولۇپ زەئىپ، چاپالماس ھېچ داۋان ئاشماس،  
كۆرگەن كۈنۈڭ چاغلىق تۇرۇپ، تەنھا بېشىڭنى ماختىما.  



قانائەت ئورىگى چوڭقۇر، قىيىن چىقماق چۈشۈپ كەتسەڭ،  
كامالەت تۆشىگى ئىچرە خورەك پەيزىن سۈرۈپ كەتسەڭ،  
ئۆتەر ئۆمرۈڭ نادامەتتە، ئىلىم -ھېكمەتنى تەرك ئەتسەڭ،  
ۋاقىت بەرگۈسىز ئالتۇنغا، ھايات قەدرىن تونۇپ يەتسەڭ،   
تاقىساڭمۇ ئالتۇندىن تاج، بەس ، ئامىتىڭنى ماختىما.

  


لاپ ئېتىپلا ئۆتمە جاھاندا، شۇ لاپلىرىڭ تۇتار سېنى،  
گەر بولمىساڭ لەۋزى ھالال، ئەل قارغىشى يۇتار سېنى،

«ئېغىزىڭدىن چىقىپ باشقا» لېپىڭ ھاڭغا ئاتار سېنى،  
تۈزەلمىسە بۇ خۇي-پەيلىڭ،«لاپچى»نامىڭ ساتار سېنى،  
نادانلارچە يۈزلەپ قاتار قىلغان سۆزۈڭنى ماختىما.  

  


ھاياتلىق ئۆزى بىر جەڭگاھ،خىرىسى-پۇرسىتى باردۇر،

چىدام-غەيرىتىڭ بولسا كەم،راۋانلىق يوق يولۇڭ تاردۇر،  
بولساڭ مىشچان كۈنۈڭ تەس، كۆرمىگىڭ شۇ نومۇس-ئاردۇر،

شاللىنارسەن رىقابەتتە ، بىچارىلىك ساڭا ياردۇر،   
ئۆتكەن ساماندەك سارغىيىپ، نىمجان كۈنۈڭنى ماختىما.  


   
  
ھورۇنلۇق ساڭا بەرمەس نەپ، بىلسەڭ ئەجىر ئۇلۇغ ئەلدە،  
كېلەر بەختىڭ مېھنەت بىلەن، ئەمەس كۆكتە، زىمىن-ئەلدە،  
كەتمىسە گەر ۋاقىت زايە، بولار ھازىر چىمەن چۆلدە،

ئاتالماس ھەم گۈزەل-سەرخىل،بولمىسا ھىد-پۇراق گۈلدە،

ئۆتەر بولساڭ گەر بىغۇبار، ئورۇنسىز ئۆزۈڭنى ماختىما.  




  
ۋاقىت تىزگىنىنى تۇت مەھكەم،ئۇنىڭ قەدرىگە يەت ھەر ۋاق،  
ۋاقىت ئۆتمىسۇن بىھۇدە، كەتسە يوقتۇر ئاڭا قايتماق،  
ۋاقىت كەتتى-بەخت كەتتى، پۇشايمانغا شىپا قانداق؟  
ۋاقىت ئالتۇن، ۋاقىت پۇرسەت، ئۇلارسىز بەختىڭ بولماس ئاق،  
گەر ئايرىلساڭ ئۇلاردىن سەن ، ئېچىن ئۆمرۈڭنى ماختىما.  

  

شېئىرىنىڭ ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)




Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1625
تۆھپە
1025
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 17:16:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەكلا ياقتۇردۇم~!


غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 19:12:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 4

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
248
تۆھپە
110
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 23:20:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئىېر ئىكەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:46, Processed in 0.074344 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991