ئاياللار
         مەخمۇت ئاۋۇت
        (مۇزاتى) 
  
ئائىلىنىڭ،ئالەمنىڭ گۈلى سىلەر ئاياللار، 
كۈلسە ئالەم جۆر بولۇپ كۈلىسىلەر ئاياللار.

سىلەر بىلەن گۈللىنەر،بەرپا بولار-تىرىلەر،  
سەبىي،ئوماق پەرزەنتنىڭ بەختى سىلەر ئاياللار. 
   
يارالدىڭلار ئايال بوپ،گۈزەل خۇلىق شۇنچە خوپ، 
زامانەمنىڭ رەناسى ، بېغى سىلەر ئاياللار . 
  
پەرزەنتلەرنىڭ جەننىتى،شانۇ-شەۋكەت ھىممىتى،  
ئەخلاق، ھايا، پەزىلەت ئۇلى سىلەر ئاياللار. 
  
   
يىگىتلەرنى ئەر قىلغان، بى ئەقىلنى يەر قىلغان،
ئادىمىيلىك قامۇسى ، ئىلمى سىلەر ئاياللار.
 
پەگا ئەمەس ئورنۇڭلار، ئۇتۇق تاپقاي يولۇڭلار،  
خىرىسلارنى يېڭىشنىڭ ۋەسلى سىلەر ئاياللار.
 
ھايات يولى ئىگىز-پەس ، تىرىشساڭلار ئەمەس تەس، 
«ئاماننىسا»،«نوزۇك»لار نەسلى سىلەر ئاياللار. 
شېئىرىنىڭ ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن: مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)
بۇ شېئىر : <<ئاقسۇ گېزىتى>>دە ئېلان قىلىنغان.