كۆرۈش: 181|ئىنكاس: 5

8-نۆۋەتلىك ئاقسۇ ‹‹مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى›› 5-ماي باشلىنىدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1304
تۆھپە
695
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 16:31:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان، ئەركىن سىدىق خەۋىرى:8-نۆۋەتلىك ئاقسۇ ‹‹دولان، كۈسەن›› مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىڭلىغان ئادەم پىيادە تەڭرىتېغىغا يۈرۈش قىلىش پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئونسۇدا باشلىنىدۇ.
    بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ‹‹شادلىق، ساغلاملىق ساياھەتچىلىكى››نى ئاساسى تېما قىلىپ، ‹‹كۈسەننىڭ قەدىمىي ئورنى ـــ غەربىي يۇرتنىڭ جەۋھىرى›› دېگەن ساياھەتچىلىك ماركا قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ 100 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت باغچىسىنى باشلىنىش نوقتىسى، ئونسۇ ناھىيە تاغلاق فېرما پاقىلىق كەنتىنى ئاخىرقى نۇقتا قىلىپ، پىيادە مېڭىپ راھەتلىنىش ۋە تەۋەككۈلچىلىك ساياھەتچىلىكى پائالىيىتىنى مېخانىزىم قىلىپ، ئاقسۇ ۋە ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئومۇم خەلقنىڭ دالادا پىيادە يۈرۈش ساغلاملىق پائالىيىتىنىڭ قىزىق دولقۇنىنى قوزغاپ، مەدەنىي، ساغلام بولغان تۇرمۇش يېڭى ئىستىلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قەدىمىي شەھەر خارابىسى، قەدىمىي قەبرىلەر توپى، ‹‹غەربكە ساياھەت›› سەيلىگاھى، مۇزات قەدىمىي يولىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دۇنياغا قەدىمىي قۇم شەھەرىنىڭ ئۇزاق تارىخى مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىپ، كۆكيار يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، دۇنياغا ئاقسۇ ۋە ئونسۇ خەلقىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشىپ ئىلگىرىلەش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك كۆكيار روھىنى نامايەن قىلىدۇ.
    4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئونسۇ ناھىيەلىك ساياھەتچىلىك ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار، پىيادە يول يۈرۈش لىنىيەسىگە قارتا يەنە بىر قېتىم نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئومۇملاشقان پىيادە يۈرۈش، كەسپىي پىيادە يۈرۈش ۋە ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئۈچ تۈرگە ئايرىدى. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار يەنە ‹‹تەڭرىتېغىدىكى خىيالىي شەھەر ـــ سىرلىق ئونسۇ›› رەسىم كۆرگەزمىسى، ‹‹تەڭرىتېغىغا پىيادە يۈرۈش قىلىش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش››، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ لەگلەك ئۇچۇرۇش مۇسابىقىسى، ماشىنا، موتوسىكلىتتا ماھارەت كۆرسىتىش، ساياھەتچىلىك خاتىرە بۇيۇمى كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئالتە چوڭ ئۆزگىچە كۆرگەزمىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.

   
مەسئۇل مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي



Rank: 2

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
64
تۆھپە
38
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 17:33:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئاقسۇ تەرەپلەرگە پەقەت بېرىپ باقماپتىكەنمەن قاچانمۇ پۇرسەت چىقار ؟؟؟.................


Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
229
تۆھپە
103
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 13:15:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرسەت بولغان بۇلسا قاتنىشاركەنمىز، ئونسۇدىكى قېرىنداشلارغا ئامەت تىلەيمەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1625
تۆھپە
1025
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 16:55:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى بۇپتۇ .... مەن بېرىپ كۆرۇپ باقاي....... ھە راست تەڭرىتاغ مۇنىبىرىدكى دۇستلارنىڭ ئاقسۇ كېلىپ ساياھەت قىلشنى قارىشى ئالىمەن....... ئاقسۇغا كېلىپ ساياھەت قىلغان دۇستلار ماڭا تىاىفۇن قىلڭلار  .........  قولۇم كۆكىسمدە............ 13899255573       ياتاق-تاماق ھەقىسز جوما.......


غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
615
تۆھپە
413
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 17:45:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولۇپتۇ.


Rank: 1

ئىسىمى
مائىدە
تىللا
56
تۆھپە
11
UID
14314
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  ئاقسۇغا   بىرىپ باقمىغان ،شۇنداق بىر بارغۇم.بۇلۇپمۇ ئاۋات ناھيەسىگە


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:53, Processed in 0.072067 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991