كۆرۈش: 641|ئىنكاس: 7

ئەل ئوغلى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
191
تۆھپە
104
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 19:31:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەل ئوغلى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئالەمدە سۆيگۈ دىن ئۇلۇغ، سۆيگۈ دىن مۇقەددەس كۈچ يوق. بولۇپمۇ خەلق سۆيگۈسى ئەڭ مۇقەددەستۇر.



123.jpg




--------------------------------------------------------------------------------



      تارىخىمىزدائۆز خەلقىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئىسسىق قان، ئەزىز جانلىرىدىن كەچكەن ئەجداتلىرىمىز تاھازىرقى ئەۋلادلارغا قەدەر ئۆرنەك بولۇپ كەلمەكتە. بىز ئەڭ چوڭقۇر مېھرى - مۇھەببەت، سۆيۇنۇش بىلەن تىلغا ئېلىۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمى بۇنىڭ دەل مىسالى.
      ئۇنىڭ ھەقىقىي خەلق پەرزەنتى، كۈرەش ئوغلىغا خاس خىسلەت - پەزىلىتى بۇنىڭدىن بىرقانچە ئون يىل ئاۋۋال تەرپلەپ يازغان يولداش ماۋزېدۇڭدىن تارتىپ ئۇلۇغ ۋەتەن تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ھەربىر پۇقراغىچە، يۈكسەك ئىشتىياق بىلەن تىلغا ئالىدۇ ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئەسلەيدۇ.
      شۇڭا ئۇ، بىرقانچە ئون يىل ئاۋۋال بىزنىڭ ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز كەتكەن بولسىمۇ، تىنچ بوران - چاپقۇنلۇق كۈنلەردىمۇ ئوخشاشلا خەلقىنىڭ سۆيگۈ يۈكسەكلىكىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز بولۇپ پارلاپ كەلمەكتە.
      بۈگۈنكى كۇندە  ئىلى ۋادىسىدىكى گۈلىستان شەھەر غۇلجىنىڭ گۇزەل خەلق باغچىسىدا ۋەتەن تۇپرىقىدىكى ئۇلۇغ خەلق قەھرىمانلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئىنقىلابى قۇربانلار خاتىرە مۇنارى تېخىمۇ كۆركەم، تېخىمۇ يارقىن تۈسكە كىرىپ، ھەربىر مۇھەببەتلىك قەلىبلەر تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە ھەم ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۆزىگەبارغانسېرى مەپتۇن قىلماقتا. ھەر قېتىم بۇ مۇنار ئالدىغا بارسىڭىز، كىشىلەرنىڭ ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە يات ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ يەرگە كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەر ھەر مىللەت ئىشچى - دىھقانلىرى. ھەربىي ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار بولۇپ، ئايىغى ئۈزۈلمەستىن زىيارەتتە بولۇشۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنقىلابى قۇربانلارغا بىلدۇرگەن چەكسىز ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەخمەتجان قاسىمى خەلقنىڭ سۆيگۈسى ئىپتىخارىنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە ئالاھىدە دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بالىلىق دەۋرى



      ئەخمەتجان قاسىمى 1914 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۇنى غولجا شەھىرى دۆڭكۆۋرۈك مەھەللىسىدىكى نامرات بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى نادىر ئاكا نامرات ياماقچى ئىدى. ئۇ ئەخمەتجاننىڭ ئاپىسى شەرۋانىخان بىلەن يېڭى ئۆي - ئوچاغلىق بولۇشقاندا، غۈلجا شەھىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىلى ۋاڭنىڭ مۇساپىر - كۆچمەنلىرى تۇرىدىغان ھوجرىنىڭ بىرىدە ئىجارە تۆلەپ ئولتۇرغان بولۇپ، تۇرمۇش شارائىتى ئېچىنىشلىق ھالدا نامرات ئىدى. نادىر ئاكا ئۈچۈن ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق، ياماقچىلىق بىلەن چۈشكەن ئازغىنە پۇل بەدىلىگە ئۆي ئىجارىسى تۆلىمەك تولىمۇ قىيىنغا چۈشەتتى، شۇڭا بۇ ئورۇندا ئۇزاق ئىجارە تۆلەپ ئولتۇرالماي توغرا كۆۋرۈكتىكى ئۆيگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئەخمەتجان دۇنياغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نادىر ئاكىنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ياماقچىلىقتىن تاپقان پۇلى ئۆي ئىجارىسىدىن ئاشمىغانلىقتىن، تۇرمۇشتا يېرىم ئاچ، يېرىم يالىڭاچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئاخىرىدا غۇلجىدا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقىدىن 1920 - يىلى كەچ كۈزدە ئائىلىسىنى كۆچۈرۈپ سۈيدۈڭ ناھىيەسىدە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ ھىمايىسىدە سۈيدۈڭ بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ھەم ئۇ يەردىمۇ ياماقچىلىق ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
      ئائىلە نەسەبنامىسىدە ئاتىدىن بالىغا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەلنەغمىچىلىك ئەخمەتجاننىڭ دادىسى نادىر ئاكىدىمۇ بار ئىدى. شۇڭا ئۇ غۇربەتچىلىك باسقان ئائىلىسىدىن دۇتارنى كەم قىلماي ساز چىلىپ، ناخشا ئېيتىشنى مۈشكۈل كۈنلەردىمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ، پۈتكۈل قايغۇ - ھەسرىتىنى ناخشا ئېيتىپ، دۇتار چىلىپ يەڭگىللىتىشكە ئادەتلەنگەن نادىر ئاكىنىڭ خەلق ئىچىدە «ناخشا ئېيتىشقا ماھىر سازچى» دېگەن نامى بار ئىدى، سۈيدۈڭگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە ئۇ قاتناشمىغان ئەل – نەغمە، مەشرەپلەر قىزىمايدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ، سۈيدۈڭ جامائەتچىلىكى ئۇنى شۇ قەدەر ئەزىزلەيدۇكى، سۈيدۈڭدىكى سورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي تەرپلىشىدۇ، شۇ چاغلاردا سۈيدۈڭدە شەھەر بايۋەتچىسى «قاسىم كومشا» دېگەن بىر لۈكچەك بار ئىدى. ئۇ مەشرەپلەرگە، جامائەت سورۇنلىرىغا مۇشتۇمزورلۇق بىلەن ئىگىدارچىلىق قىلىۋالغان بولۇپ، نادىر ئاكا ئۆزى ياۋاش، لېكىن ئۆتكۈر سۆزلۇك، خۇش چاقچاق، ناھەق ئىشلارغا چىدىمايدىغان ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، ھېلىقى كومشانىڭ يامان ئىللىتىنى ھەزل قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويىدۇ، بۇ كومشانىڭ يەنە بىر خۇيى ئىنتايىن گۇمانخور بولغانلىقتىن، بىر بەزمىدە ئۆزىنىڭ ئوسال بولۇپ قالغانلىقىنى دەستەك قىلىپ، نادىر ئاكىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىدۇ. ئارقىدىنلا ئەخمەتجاننىڭ ھەدىسى جەننەت ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىملىكتە داۋالىنىش مۇمكىن بولماي تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىغىر مۇسىبەت ئەمدى ئالتە ياشتىن يەتتە ياشقا قاراپ ماڭغان ئەخمەتجاننى، ئۇنىڭ ئاپىسى شەرۋانىخاننى ئېغىر مۇساپىرلىق كوچىسىغا سۆرەپ كىرىدۇ، ئۇلار تارتقان ئازاب، غۇربەتچىلىك دەردى ئەخمەتجاننىڭ چوڭ دادىسى (شەرۋانىخاننىڭ ئاپىسىنىڭ ئاكىسى) چىلپەڭزىلىك كېۋىر ئاكىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ - دە، ئاز ئۆتمەي ھەر ئىككىلىسىنى ئۆز ئائىلىسىگە يۆتكەپ ئەكىتىدۇ، بۇ ئائىلىدە تۇرۇشلۇق كەمبەغەل چارۋىچى قىدىر (قازاق) يەتتە ياشلىق ئەخمەتجاننى ئۆز ئوغلى بىلەن (مەكتەپ ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق جايدىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن) ئەتىگەن ئاپىرىپ، كەچلىكى ئۆزى ئەكىلىپ يۈرۈپ ئوقۇتۇشقا قارىشىدۇ، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئەخمەتجاننىڭ ئاپىسى ئاكىسىنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. كېۋىر ئاكا ئەخمەتجاننىڭ ئوقۇشىدىكى تىرىشچانلىقىنى سېزىپ قالىدۇ ھەم ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇتىدۇ، شەرۋانىخان ئانىنىڭمۇ ئوغلىنىڭ بېرىلىپ ئوقۇغىنىغا مەسلىكى كېلىدۇ، شۇڭا ھارغان - ئاچقىنىغا قارىماي، ئوغلىنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئىشىكىدە كىر - قات يۇيۇپ، نان يېقىپ، ئېشىنغان پۇل – پىچەكلەرنى ئەخمەتجانغا خىراجەت قىلىپ بېرىدۇ.
      ئەخمەتجان باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر ئەقىللىق بالا بولۇپ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان كېۋىر ئاكا ئۇنىڭغا تىخىمۇ چوڭقۇر مېھرىبانلىق قىلىدۇ ۋە ئامراقلىقى كۈنسېرى ئاشىدۇ. شۇڭا ئۇ ئەخمەتجاننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇتۇش قارارىغا كېلىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شەرۋانىخان ئانىنى كېسەل چىرماپ، تۇرۇپ - تۇرۇپلا ئېسىدىن كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق چاغلاردا ئەخمەتجان ئاپىسىنىڭ قېشىدىن نېرى بولمايدۇ، تۇللۇق ۋە يېتىملىك ئانا - بالىنىڭ بىر - بىرىگە بولغان مېھرى - مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەخمەتجان كىچىك بولسىمۇ ئەينى چاغدا ئاپىسىنىڭ ئېيتىپ بەرگەن سەرگۈزەشتىلىرىنى، تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى ئەسلەپ، ياش قەلبىنىڭ قانچىلىك دەھشەتتە ئازابلىنىۋاتقانلىقىغا قارىماي، ئاپىسىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئوقۇشتىن قىلچە باش تارتماي ئۆگىنىدۇ، زادىلا سۇسلىشىپ قالمايدۇ، كېيىن يۇقىرىراق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش تۇرتكىسىدە ئەمەلىي كىتاب ئوقۇش مەشغۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، نەتىجىدە بۇنى كۆرگەن كېۋىر ئاكىنىڭ ئەخمەتجاننى «باشقا چوڭ شەھەرلەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتسام» دەيدىغان ئىشتىياقى قوزغىلىدۇ.
      (بىلىم ئېلىش يولىدا) 1926 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، يەركەنت دېگەن شەھەردە تۇرۇپ قالغان تاغىسى (تەرەققىيپەرۋەر) ئۆمەر قاسىم تىجارەت بىلەن ئۆز ئاكىسى كېۋىرنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ قالىدۇ. ئۇ كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ ئەخمەتجاننىڭ داۋاملىق بىر ئىش ياكى كىتاب ئوقۇش، ياكى ئەمگەك قىلىش بىلەن بەند بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ، كېۋىر ئاكىنىڭ سۆزى ئارىسىدا ئەخمەتجاننى چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇتۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنىمۇ سېزىۋالىدۇ ھەمدە ئەخمەتجاننى ئاكىسى كېۋىرنىڭ ئارزۇسىغا مۇۋاپىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەكىتىش قارارىغا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 1934 - يىلىغا كەلگەندە ئۇنى ئاپىسى بىلەن بىللە ئەكىتىپ تاشكەنت شەھىرىدىكى دارىلئېتامغا ئوقۇشقا بېرىدۇ. بۇ - شىنجاڭدا ئاپرېل ئۆزگىرىشى بولۇپ، مۇستەبىت چىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بولغان، يىڭى شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بەزى ئىلغار سىياسىي پىروگراممىلىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان دەۋر ئىدى، شۇڭا بۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئەخمەتجاندىن باشقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىي - مائارىپىنى يولغا قويۇشقا ئەينى ۋاقىتتىكى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شىنجاڭلىق بىر تۈركۈم ياشلار تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەنىدى. ئەنە شۇ 1 - قەرەللىك شىنجاڭ سىنىپىدا ئەخمەتجانمۇ ئوقىدى.
      ئۇ باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ، بۇ مەكتەپنىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى. (شۇ قەرەللىك ئوقۇشتا تاشكەنتتە ئوقۇغانلارغا «تاشكەنتچىلەر» دەپ نام بەردى ھەم شۇنداق ئاتالدى). 1 - قەرەللىك تاشكەنتچىلەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ مەدەنىي - مائارىپ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قايتقان بولسىمۇ، ئەخمەتجاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۆيى شۇ يەردە بولغانلىقتىن، ئەخمەتجاننىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ئوقۇش ھەم تىل ئۆگىنىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى بايقىغان تاشكەنت ساگۇ ئىنستىتۇتى ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەكتەپنىڭ تۈزۈمى بويىچە دىپلۇمنى ئۆز قولىغا بەرمەي، ئۇنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىغا ئاساسەن يۇقىرى بىلىم يۇرتىغا يوللىۋېتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئەخمەتجاننى ئەپقېلىپ، 1937 - يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدا موسكۋا شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ، ئەخمەتجان مەكتەپتە ئاساسەن چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىدۇ. بولۇپمۇ رۇس تىلىنى ناھايىتى پىششىق بىلىۋالىدۇ. ئۆزى پىششىق بىلىدىغان تارىخ، تىل - ئەدەبىيات قاتارلىق ئىجتىمائىي پەن ئاساسىنى چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىپ تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ، ئۇ ئىگىلىگەن بىلىملەر ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ماكانى سۈيۈملۈك ۋەتىنىگە قايتىپ بېرىپ، ئۆز ۋەتەنداشلىرى بىلەن بىللە ۋەتەن تەقدىرىنى ئويلاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ سۆيۈملۈك ۋەتىنىگە 1942 - يىلى كەچ كۆزدە چۆچەك ئارقىلىق قايتىپ كېلىدۇ.
      (جاھالەت بىلەن ئېلىشىش)
      ئەخمەتجان قاسىمى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا شىنجاڭدا جاللات شېڭ شىسەي قانلىق قىلىچىنى ئوينىتىپ جاڭ جىشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈپ، سۇيىقەست، زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى، ئۇ شىنجاڭدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنى ئىنقىلابىي زىيالىيلىرىنى، ھەر مىللەتتىن بولغان كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلغار مۆتىۋەر، نوپۇزلۇق زاتلارنى ئۈزلۈكسىز قولغا ئېلىپ، فاشىستىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، شۇڭا ئۇ ئۆز قول ئاستىدىكى ئىشپىيونلۇق تورلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ قۇرىدۇ، ئەنە شۇ غالجىر ،خائىن گۇماشتىلىرى ئارقىلىق بارلىق ئىلغار پىكىرلىك زاتلارنى تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتىدۇ، بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەت، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تېخىمۇ دەھشەتلىك تۈسكە كىرىدۇ.
قاراڭغۇلۇق مۈشكۈلاتلار ئىچىدە ئىنسان ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسە يەنىلا بىلىمدۇر. بىلىم شۇنداق كۈنلەردىمۇ ھاياتنى توغرا يولغا باشلىغۇچى مەشئەل بولالايدۇ، ياش ئەخمەتجاننىڭ قەلبىنى ئۆزىنىڭ تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئۆگەنگەن بىلىمى ئالىيجانابلىق مەردانە بولۇشقا ئۇندەيدۇ، شۇڭا ئۇ چۆچەكتىكى دۈشمەن قورشاۋلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 1942 - يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئانا ۋەتەن تۇپرىقىدا ئۇچراۋاتقان بىر قېتىملىق دۈشمەن سۇيىقەستىنى بۆسۈپ چىقىشتەك رېئال تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى بىلىملىك بولۇشنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكىنى، بىلىم ئەھلىلىرىدىن دۈشمەنمۇ قورقۇپ، قامال قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ فامىلىسىنى (چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ) «ماخمۇت» نىڭ ئورنىغا «ئاق - قارىنى تونۇتقان»، «تەربىيەلەپ يېتىلدۈرگەن» تاغىسى ئۆمەرنىڭ فامىلىسى «قاسىم» نى قوللىنىپ، غۇلجىغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئۆزىنى «ئەخمەتجان قاسىمى» دەپ ئاتايدۇ.
      ئۇ يىللاردا غولجا شېڭ شىسەي باندىتلىرىنىڭ دەھشەتلىك سۇيىقەست - زىيانكەشلىك تولىرى بىلەن ئورالغانىدى، شېڭ شىسەي غولجا شەھىرى ئۈستىدە مەخسۇس باش قاتۇرۇپ، غۇلجا شەھىرىدىكى زىيالارنى، ئامما ئىچىدە تونۇلغان كىشىلەرنى بىراقلا يوقىتىش لازىم دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، ئارقىدىنلا جاللات لى يىڭچىڭنىڭ ئورۇن باسارى، جاللات ليۇبىندى (خۇيزۇ) نى غۇلجىغا ئەۋەتىدۇ، ئۇ، كەلگەن كۈنىدىن باشلاپلا شېڭ شىسەينىڭ قانلىق قولى بولۇپ قالىدۇ.
      ياش ئەخمەتجان قاسىمى چۆچەكتىن جۇدۇن - چاپقۇن ئىچىدە دۈشمەننىڭ ئەپت - بەشرىسىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەچكە، ناھايىتىمۇ ئاددىي، نادان قىياپەت بىلەن كۆرۈنۈش مەقسىتىدە كىچىك دادىسى نادىر ئاكىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، بىر مەزگىلگىچە يوشۇرۇنۇپ يۇرىدۇ، كېيىنچىرەك  ناسىر ئاكا ئۇنى ئۆزىنىڭ جامائەت ئارىسىدىكى ئابرۇيىغا تايىنىپ، ئۆزى بىلىدىغان غوپۇر جارۇللايۇۋ دېگەن يىگىت باشچىلىقىدىكى مەشرەپ - بەزمىلەرگىمۇ بىللە ئاپىرىدۇ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شۇ چاغدىكى قىياپىتى، يۈرۈش -- تۇرۇشلىرى ناھايتى ئاددىي بولىدۇ، شۇ چاغدىكى مۇدھىش ۋەزىيەتتە بىخۇدلۇق قىلىشنىڭ زىيان - زەخمەت كەلتۇردىغانلىقى، خەتەرنىڭ ھەر ۋاقىت پايلاپ يۈرگەنلىكى ئۇنىڭغا ئېنىق ئىدى، كومپارتىيە ئەزالىرى، زىيالىلار، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە تەرەققىىيپەرۋەر زاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئەكەلگەن جاللات ليۇ بىندى غۇلجا شەھىرىدە «نوپۇزسىزلارنى يىغىش» بۇيرۇقىنى چىقىرىپ، غالجىرلىق بىلەن ئاختۇرۇپ، غۇلجىدىكى ھەرمىللەت خەلقلىرىگە دەھشەتلىك بالايى ئاپەتلەرنى ياغدۇرۇۋاتاتتى، زۇلمەتلىك كۈنلەر يېتىپ كەلگەن ئىدى، بۇ ۋاقىتتا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ غۇلجىغا كەلگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئۇ جامائەتكە ئارىلىشىپ قالغان، ھەتتا ناسىر ئاكىنىڭ مەشرەپ ئەھلىلىرىگىمۇ تونۇلۇپ قالغانىدى، شۇڭا پايلاپ تۇرغان ھۆكۈمەت بىر كېچىدىلا «نوپۇسى يوق» دېگەن باھانە بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنى تۇتقۇن قىلدى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىر ئېلىپ، ياخشى كۆرۈپ قالغان جامائەت ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نارازى بولۇپ غۇلغۇلا قىلىشتى، ھەپتە ئۆتمەي ناسىر ئاكىنىڭ باش قاتۇرۇشى بىلەن غۇپۇر جارۇللايۇۋ باشچىلىقىدىكى ئەل - ئاغىنىلىرى نوپۇس تارقاتقۇچى ئەمەلدارلارنى پارا بېرىش ئارقىلىق قولغا كەلتۇرىدۇ، بەزىلەر ئۇنىڭ تۇتقۇن بولۇشىغا مۇناسىپ ئەمەسلىك توغرىسىدىكى دەلىل - ئىسپاتلارنى تاپىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئەخمەتجان قاسىمىغا كېپىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدۇ، نەتىجىدە، ئۇنى تۈرمىدىن ساق - سالامەت قايتۇرۇپ چىقىدۇ.
     ياش ئەخمەتجان قاسىمى جاھالەت تۈرمىسى ئىچىدە ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، زالىملارغا ئۆچمەنلىك ھەم نەپرەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، ئۇ تۈرمىدىن قايتىپ چىقىشى بىلەنلا ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ھەسرەت چېكىۋاتقان خەلقنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىغا ئورتاق بولۇشنى ئويلاپ، خەلق ئارىسىغا بېرىپ ئاممىنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى، ماددىي تۇرمۇشىنى ئەتراپلىق ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ دەسلەپتە «مەدىكارلار بازىرى» غا بېرىپ مەدىكارچىلىق قىلىدۇ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يېتىمچى، مۇساپىرلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، ئەھۋال ئىگىلەيدۇ، ئارقىدىن يەنە ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ ئېزۇلگۈچى خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىك تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ ھەمدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ھۆكۈمەت ئورگانلىدىكى پارازېتلىقىنى بايقاش يۈزىسىدىن ئەينەكچىلىك، ياغاچچىلىق قىلىدۇ، بۇ ئىشلار ھەممىسى كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭ تۇرمۇش يولى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتنى تەكشۈرۈش، خەلقنىڭ ئاھ – زارىغا يېتىش يولىنى تېپىۋېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، شۇڭا ئەخمەتجان قاسىمى تاللىۋالغان بۇ يول - ئۆزىگە خەلقنىڭ ھاياتىنى ئەينەكتەك روشەن، ئېنىق كۆرسىتىپ قاششاقلىق، جەبىر - زۇلۇم، تەڭسىزلىكنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقىنى ھەقىقىي تونۇتىدۇ، ئەمما تۇشمۇ - تۇشتىن يامراۋاتقان جاھالەت تۈرلىرى ئۇنىڭغا ئۆگىنىش پۇرسىتى ھەم ئارزۇسى بويىچە خەلققە ئەمەلىي خىزمەت كۆرسىتىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ، 1943 - يىلنىڭ باش باھار چاغلىرى، ئەكسىيەتچى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشپىيون - ساقچىلىرى يەنە بىر قېتىم ئۆي ئاختۇرۇش - ئادەم تۇتۇشنى ئېلىپ بارغاندا ئەخمەتجان قاسىمىغا «يوشۇرۇن ۋەقە تارقاتتى، ئادەم توپلىدى» دېگەن تۆھمەتنى چاپلاپ، يەنە تۇتقۇن قىلىدۇ، ئۇ دەسلەپتە ئۈچ ئاي چامىسىدا غۇلجا تۈرمىسىدە (ھازىرقى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئورنىدا)، كېيىن ئۈرۈمچى تۈرمىسى (ھازىرقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن بۇغدا مونچىسى ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان تۈرمە) دە خىلمۇخىل ۋەھشىيانە قىيناش، جازالاشلارغا ئۇچرايدۇ. لېكىن، بۇ قىيىن - قىستاقلار ئۇنىڭ خەلققە، ۋەتەنگە بولغان پاك، سادىق قەيسىرانە ئاڭلىق ئىرادىسىنى قىلچە بوشاشتۇرالمايدۇ، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۇنى بىر يىل تۈرمىدە ئازابلىغاندىن كېيىن، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي، ئاخىرى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بىر يىللىق تۈرمە ھاياتى، ھەر مىللەتتىن تەركىب تاپقان تۈرمىداشلارنىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى ئۇنىڭ چىرىك ھۆكۈمەتكە بولغان غەزەب - نەپرىتىنى ھەسسىلەپ ئۇلغايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ، خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، جەڭگە ئاتلىنىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ.
      ئۇ 1943 - يىلنىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتكە قارشى بىر تۈركۈم ئىنقىلابچىلار بىلەن تونۇشىدۇ. شۇلار ئارقىلىق ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەر تاپىدۇ، كېيىن غۇلجىغا قايتىپ كېتىدۇ.
      ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 2 - قېتىم تۈرمىدىن چىقىشى ئۇنى تونىيدىغانلار ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق بولىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ ئىيتقاندا ئۇ، جۇشقۇنلۇق ئىنقىلابىي جاسارەتنى نامايان قىلىپ، دۈشمەن بىلەن مۇرەسسە قىلىشماسلىقتەك جەڭگىۋار خىسلەتكە ئىگە بولىدۇ.
       (ئىنقىلابىي ھېسداشلىق)
      ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، يار - بۇرادەر، ئۇرۇق - تۇغقان، تونۇش - بىلىشلىرى بىلەن سالامەت كۆرۈشىدۇ، تۇرار جايى يەنىلا تاغىسى ناسىر ئاكىنىڭ ئۆيى بولىدۇ.
      ناسىر ئاكا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى يېڭىلاپ، يېقىن بىر كىشىنىڭ ئات - ھارۋىسىنى ئىجارىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى كۆمۈرچىلىك قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىش يولىغا سالىدۇ. ئۇ خاڭدىن كۆمۈر ئەكىلىپ سېتىپ يۈرگەچ، خاڭ ئىشچىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى ھارۋىسى بۇزۇلۇپ، ھاردۇق يېتىپ قالغان كۈنلىرىنىمۇ بوش ئۆتكۇزمەستىن، ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مائارىپ ئىدارىسىگە قاراشلىق كىتابخانىسىغا كىرىپ كىتاب كۆرۈش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.
      ئەينى ۋاقىتتا كىتابخانىدا بىر نەچچە تىللىق قامۇسلار، كىلاستىك ئەسەرلەر بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ بۇ كىتابلارنى زېھىن قويۇپ ئوقۇشىنى كۆرگەن كىشىلەر بۇ ئەينەكچىنىڭ بىلىملىك ئادەم ئىكەنلىكىگە ھەيران قالاتتى.
      ئەينى ۋاقىتتىكى «ياردەم» ناملىق كىتاب خوجىلىق بۆلۈمىدىكى بىلال مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەمنى ئارىلاپ مەكتەپكە كۆمۇر ساتقىلى كەلگەنلەردە ئۇچرىتاتتىم، شۇ چاغلاردا مەن بۇ ئادەمنىڭ خېلى ئوقۇمۇشلۇق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغان، چۈنكى بىزگە كۆمۇر ساتقانلىق ئىسچوت يېزىپ بەرگەندە، ئاز سۆزلەر بىلەن مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ يازغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولاتتىم.
      يازغاندىمۇ شۇنداق چىرايلىق رەتلىك يازاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئادەم مەكتەپكە كۆمۈر سېتىشقا شۇنداق خۇشتارئىدى، مەكتەپكە ئالىمەن دېسەم ‹بوپتۇلا ئېلىڭ› دەپلا ئەرزان بېرىۋېتەتتى. شۇنىڭغا قاراپ، بۇ ئادەمدە بىر خىسلەت بارمۇ – قانداق؟ دەپ قالاتتىم .ئۇنىڭ ئەخمەت ئەپەندىم ئىكەنلىكىنى ئۇ چاغلاردا قانداقمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن .»


ئۇلار «ئالتە ئوغرى» ئەمەس



      ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تاغىسى ئۆز ھۈنىرى بىلەن ئەل ئارىسىدا نامى چىققان ئادەم ئىدى. ئۇ ماھىنۇرنىڭ ئاتىسى ئابابەكرى ئاكا بىلەن تۇغقاندەك يېقىن ئۆتەتتى. 1945 - يىلى ئۇلار قۇدىلىشىپ (ئەخمەتجان قاسىمى ماھىنۇر خانىم بىلەن توي قىلغاندا 30ياشلارغا كىرگەن) ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا يېتىشمەسلىك بولسىمۇ، يوقسۇزلۇقنى بىلىندۇرمەي كۈن كەچۈرىدۇ، ئەمما شۇ كۇنلەردە ئەخمەتجان قاسىمى ئارىلاپ بىر نەچچە كۈن ئۆيىگە كەلمىگىن كۈنلەرمۇ بولىدۇ، شۇڭلاشقا ماھىنۇر خانىم ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئابابەكرى ئاكىلار:
      – سىز ئۇنداق كۈنلەپ يوقاپ كەتمەڭ، بىز ئەنسىرەيدىكەنمىز، ھازىر خەلق ئارىسىدا «نىلقىلىق ئالتە ئوغرى چىقىپتۇ» دېگەن سۆز تارقىلىۋاتىدۇ، - دەيدۇ.
      ئەخمەتجان قاسىمى ئۇلارغا:
      – ئەنسىرىمەڭلار، ئۇلار «ئالتە ئوغرى» ئەمەس، - دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
      – ئۇلار شۇ چاغدا بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ھەيران بولغانلىقىنى ھازىر مۇ ئىغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. دېمىسىمۇ ئاز ئۆتمەي ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئازادلىق ئىنقىلابى نىلقا ناھىيەسىدە پارتلايدۇ.
      (ئىنقىلاب يولىدا)
      بۇ ئىنقىلاب دەسلەپتە نىلقا ناھىيەسىدىكى ئۇلاستايدىن باشلىنىدۇ، جەڭ قوشۇنى قارا سۇلارغا يېتىپ كەلگەندە تېخىمۇ كېڭىيىپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى تېرىپېرەن قىلىۋېتىدۇ. 1944 - يىلى7 - ئۆكتەبىر كۈنى، قوزغىلاڭچىلار ئومۇمىيۇزدىن جەڭ سىگىنالى ئېلان قىلىپ، نىلقىغا بېسىپ كىرىدۇ، 3 - نويابىر كۈنى جاھالەتكە ئوتى ئاچقان مەردانە قوزغىلاڭچىلار نىلقىنى ئىگىلەپ، ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى غەلىبە تەنتەنىسىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، 5 - نويابىرغا كەلگەندە، باتىخ، ئەكبەر، غېنى، رەپىق، ئوسمان، نۇرى، مۇساجان قاتارلىق باتۇرلارنىڭ رەھبەرلىكىدە ئازدىن كۆپىيىپ، گومىنداڭنىڭ قوراللىرى بىلەن قوراللىنىپ، چېچىلاڭغۇلۇققا خاتىمە بېرىپ، مۇنتىزىم ئەترەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نىلقىدىن غۇلجىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ، 7 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا تۇنجى ئىنقىلاب يالقۇنى لاۋۇلداپ گومىنداڭنىڭ غۇلجىدىكى سىلىڭبۇسىنى ۋە ۋالىي مەھكىمىسىنى تارمار قىلىدۇ. غەلىبە تەنتەنىسى ئىچىدە قۇرۇلغان ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت گومىنداڭنىڭ مۇشۇ سىلىڭبۇسى ئورنىغا ئورۇنلىشىدۇ.
      ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە (ئۆزبېك)، مۇئاۋىن ھېكىم بەگ غوجا، باش كاتىۋى ئاندۇرەۋۇپ مەخسۇملار بولىدۇ، ئابدىكىرەم ئابباسوۋ، قاسىمجان قەمبەرى، مويدىن شەيىخ، زۇنۇن تېيىپ، ھەبىب يۇنچى، ئەنۋەر مۇسابايوۋ، قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم ئەربابلار غۇلجىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
      2 - قېتىملىق مەركىزىي ھۆكۈمەتنى قايتا تەشكىللەپ قۇرۇشتا، مەركىزى ھۆكۈمەت ئەزالىرىدىن، مۇھەمەتجان مەخسۇن تەشۋىقات ۋازارىتىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر موسابايوۋ مالىيە ۋازارىتىنىڭ باشلىقى رەخىمجان سابىر ساجىىيوۋ ئىچكى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان يىرمەت مۇئاۋىن باشلىقى جانى يولداشوۋ بەيتۇل ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سالجان باي، خەلق دەۋا ئىشلىرىنىڭ باشلىقى ھەبىب يۇنچى، مائارىپ ۋازارىتى ۋە گېزىتخانا باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.
      دەسلەپتە ئارمىيەگە ئالېكساندىر باش قوماندان بولغان ئىدى، كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا مايۇر پەلنوۋ بىلەن گېنېرال ئىسھاقبېك باش قوماندان بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ تەشكىلىي جەھەتتىن ھەربىي ئىشلار بىر ئىزىغا چۈشكەن بىلەن، مەمۇرىي ئاپپاراتلار تېخى مۇكەممەل ئەمەس ئىدى، شۇڭلاشقا، ئىنقىلابىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پىداكارلىق خىزمەت قىلىۋاتقان، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ئابدۇ كىرىم ئابباسوۋ، قاسىمجان قەمبىرى، ھەبىب يۇنچى، ھۈسەيىن مۇرايوۋ، رەخىمجان سابىر ھاجىيوۋ، زۇنۇن تىيىپ، ئادىل شاھ، مەمتىمىن كىرىموۋ، ئەنۋەر مۇسابايوۋ، جانى، نەسىردىن داموللا قاتارلىق كىشىلەر ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەرخىل توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش ئۈچۈن مۇمكىنقەدەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئىنقىلابىي زىيالى ۋە بىلىم ئەھلى بولغان لاياقەتلىك كىشىلەرنى كۆپرەك جەلپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.
      چۇنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپلەردە ئوقىغان داڭلىق زىيالىيلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكتىن تەدرىجىي ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ئاپپاراتلىرىدا بىر مەھەل داۋاملىشىپ كەلگەن بوشلۇقنى ئىلىم - مەرىپەتتىن خەۋەردار، لاياقەتلىك كىشىلەر بىلەن تولدۇرۇپ تاكتىكا جەھەتتىن قوللىنىپ كەلگەن بەزى ئۇسۇللارنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان بىر خىل نوقۇل پىكىر ئېقىمدىكىلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، سەپنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئالدىنى ئالدى. شۇ سەۋەبتىن ئىنقىلابنىڭ ئەڭ كۈچلۈك جىددىي پەيتلىرىدە خەلقنىڭ قان – ياش، دەرد – ئەلەم ئىچىدە ئۆتكەن مۇسىبەتلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆز خەلقىنىڭ بەخت – سائادەتلىك يىڭى تۇرمۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ بىلىم ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمىمۇ ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتكە يېقىنلىشىپ، مەزكۇر ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى ئەيسا ئۇستامنىڭ شاگىرتى (ياردەمچى ئاشپەز) بولىدۇ.
      بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇ بۇ ئۇلۇغ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا خۇشال بولۇپ، ئۆز ئىشىنى زور مەسئۇلىياتچانلىق بىلەن ئىشلەيدۇ، ئاشخانىدىكى ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزى قىلىدۇ، نەتىجىدە ئاشخانىدىكى ئۇستاملارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئۇستىسى ئەيسا ئاكا پات - پات چاقچاق ئارىلاش:
      – بۇ ئىشنى سىز قىلالامسىز، - دەيدۇ.
      – ماڭا ھەممە ئىش ئوخشاش ئىنقىلابقا ھەسسە قوشساملا بولدى دەيدۇ، - ئەخمەتجان جاۋابەن.
      ئاشخانىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساۋاتسىز ئىدى، ئەخمەتجان قاسىمى ئارىلاپ ئاشخانىدىكى ئۇستاملارغا گېزىت ئوقۇپ بېرەتتى، ئۇ ئارىلاپ رۇسچە گېزىت ئوقۇپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەچكە، ئۇنىڭ بىر نەچچە تىل - يېزىق بىلىشىدىكى ماھارەتلىرى ئاشپەز ئۇستاملار ئارقىلىق ئاشخانىدىن ھالقىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ، ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمىنى سىناپ بېقىپ قايىل بولىدۇ، - دە، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا تەكلىپ قىلىدۇ.
      ئەخمەتجان قاسىمى تەرجىمانلىق خىزمىتىگە قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ خىزمەت بىلەنلا بەنت بولۇپ قالماستىن، يەنە بىر تەرەپتىن ماشىنكىدا خەت باسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا – بارا ئاخباراتچىلىق ساھاسىدىمۇ كىتابخانىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقىغان ھەربىر كىشىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ، بۇنى كۆرگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي خادىملار مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىدىغان ماقالە، نۇتۇق تىزىسلارنى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كۆزدىن كۆچۈرۈشىگە ھاۋالە قىلىدىغان بولىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىردىنبىر كۆزدە تۇتىدىغىنى، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا يولغا سېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق تىرىشچان ۋە ئاكتىپ پائالىيەتلىرى، ئىنقىلاب مەنپەئەتى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۈكسەك مۇھەببىتىنى قوزغايدۇ، ئەمما مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىچىدىكى نەزەر دائىرىسى يار كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلىدۇ ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنى ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت ئىچىدىن گېزىتخانىغا يۆتكىۋېتىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ بۇ ئىشتىن قىلچە مەيۈسلەنمەستىن ئەكسىچە ئۆز بىلىمى بىلەن ئىنقىلابىي خىزمەتلەرگە تىخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ، تەرجىمانلىق سېپىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ نەتىجە يارىتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ماقالە يېزىپ ئاممىغا تەربىيە بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقىغان زىيالىيلار ئۇنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ ئۇنىڭدىن پىكىر ئېلىپ تۇرىدىغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى كۈندىن - كۈنگە كېڭىيىپ، يېڭىدىن دوست - يارەنلىرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 17:47  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
456
تۆھپە
182
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 18:32:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان يىتۈك تاكتىكىلىق سىياسىيون دىيىشكە مۇۋاپىق، ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي مۇبارەك زاتىنىڭ...


چاقچاققا ئىزاھات بەرمەڭ، شىئرنى چۈشەندۈرمەڭ

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
448
تۆھپە
245
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:34:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەينى چاغلاردا يازغان ماقالىلىرىنى تاپقىلى بولسا بىر كۆرۈپ باقساق.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1625
تۆھپە
1025
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 17:43:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان يىتۈك تاكتىكىلىق سىياسىيون دىيىشكە مۇۋاپىق، ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي مۇبارەك زاتىنىڭ...


غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
858
تۆھپە
422
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 19:58:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ سىياسىئون . ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.


ئاسان ئەمەس ئادەمدەك يۈرمەك...

Rank: 2

تىللا
65
تۆھپە
20
UID
5354
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 20:11:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىز ئەخمەتچان قاسىمنى مەڭگۇ ئۇنتۇمايدۇ، ئۇنىڭ رۇھى مەڭگۇ ھايات .1471561935 دۇسلۇق


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
611
تۆھپە
409
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 03:37:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ سىياسىئون . ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.



Rank: 4

تىللا
289
تۆھپە
132
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ تەرجىمھالىنى يوللىغىنىڭىز ناھايتى ياخشى بوپتۇ. مۇمكىن بولسا ئاخىرىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز.يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:42, Processed in 0.094070 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991