كۆرۈش: 1122|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋراتار ـــ ئوسمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
191
تۆھپە
104
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 19:16:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋراتار ئوسمان



0556121015-0.jpg




      بۇماقالە ۋە سۈرەت «شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تارىخىي ماتېرىياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1989 - يىللىق 1 -، 2 - قوشما سانىغا بېسىلغان، ئاپتورى: مەخمۇت يۈسۈپ

ئوسمان ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش



      ئوسمان، ئۇيغۇر، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋراتارى (36 يېشىدا ۋاپات بولغان) . 1958 - يىلى شىنجاڭ كوماندىسىغا كىرگەن بولۇپ، بىرىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان . بوي ئېگىزلىكى 1.74 مېتىر، ئېغىرلىقى 64 كىلوگىرام.
      كەسپىي ئالاھىدىلىكى: ۋراتار تېخنىكىسى ئەتراپلىق، مۇكەممەل، ھەرىكىتى ئىنچىكە. ئورۇن ئېلىش، بۇلۇڭ توسۇشقا ماھىر، توپ تېپىشى ئۆلچەملىك، توپ بېرىشى نىشانلىق. 1958 - يىلى شىنجاڭ كوماندىسى ئافغانىستان كوماندىسى بىلەن پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغاندا ۋراتاردا تۇرغان . 1960 - يىلى مەملىكەتلىك 1 - دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالانغان.
      مەن ئۆز ئادىتىم بويىچە كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ئاستا قەدەم تاشلاپ نەنلياڭ رايونىغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم. دەل خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە، تىياتىرخانا ئالدىدىكى كىچىك مەيداندا بىر تۈركۈم كىچىك پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەدەپ بېرىلىپ پۇتبول ئويناۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. تۇيۇقسىزلا ئۇلار ۋراتارلىق توغرىسىدا سۆزلىشىپ قالدى. مەنمۇ تۇرۇپ قالدىم.
      – مەن ئوسمان ۋراتار.
      – ياق، سەن بولالمايسەن، سېنىڭ كۆزۈڭ كۆك ئەمەس.
      – ياق، سەن پاكار.
      – ياق، سېنىڭ رەڭگىڭ قارا.
      – ... ... ... ...
      راستىنى ئېيتقاندا بۇ زاماندىشىم، كەسىپدىشىم ۋە قوشنام يادىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قېلىشقا ئازلا قاپتىكەن. شۇڭا بالىلارنىڭ بۇنداق سۆھبەتلىشىشىنى ئاڭلاپ ۋىللىدە قىزاردىم - دە، ئارقىدىنلا كۆيدۈرۈلگەن يۇڭدەك پىژژىدە قورۇلۇپ كەتتىم. شۇڭا سەيلەمنى تاشلاپ ئۆيگە كەتتىم.
      قەلەمنى ئېلىپ ئەسلەپ قالدىم. ئوسمان 1940 - يىلى تۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ، ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان، ئۈرۈمچى1 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتە خەنزۇچە ئوقۇغان. ئۇ پۇتبول تېپىشنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن كوچا كوماندىسىدا ئاساس ياراتقان، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
      1953 - يىلى ياز پەسلى. ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ھەر يەكشەنبە ئەتىگەندىن تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە پۇتبول مۇسابىقىسى داۋام قىلاتتى. مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە بېشىغا فۇژاركا كىيگەن، ئۇچىسىغا سۈر رەڭ يۇڭ رەختتىن گىمناستيوركا كىيىپ، بېلىنى تاسما بىلەن باغلىغان، ئاق سېرىق، كۆك كۆزلۈك بىر ئۆسمۈر بالا ۋراتارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ۋراتارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتەتتى.
      بىر مەزگىل قايتا - قايتا تەكرارلانغان بۇ ھالەت يېڭى بازار كوچا پۇتبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئابلا خوتەك باشلىق بىر نەچچەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ - دە، پاراڭلىشىش، سىردىشىش ئارقىلىق ئوسماننى ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە مەزكۇر كوماندىغا قوبۇل قىلىدۇ (شۇ ۋاقىتتا بىرەر كوچا كوماندىسىغا كىرىشمۇ خېلىلا تەس ئىدى. كوماندىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىنتىزامى، تۇرمۇش تەرتىپى بولاتتى).
      ئوسمان شۇ ۋاقىتتىكى پىشقەدەم ۋراتار چېن جىڭشياڭ (شۇ ۋاقىتتىكى بانكا كوماندىسىنىڭ ۋراتارى)، گو يۇڭفۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ھەرىكەت كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋراتار بولۇپ يېتىشتى. شۇڭا، 1956 - يىلى يازدا چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتى. نەتىجىدە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەر كوماندىلىرى ۋە چىڭداۋ تاماشىبىنلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. چىڭداۋدىن قايتىپ كېلىپ كۈچكە كۈچ ئۇلاپ، مەغرۇرلىنىشتىن ساقلىنىپ، تىرىشىپ مەشىق قىلىپ، كەسپىي سەۋىيەسىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈپ، 1957 - يىلى چاڭچۇندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 11 كوماندا ئىچىدە 3 - بولىدۇ، بۇنىڭدا ئوسمان ئالاھىدە تۆھپە يارىتىدۇ.
      1958 - يىلى ئوسمان شىنجاڭ كوماندىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، بىر مەزگىللىك مەشىقتىن كېيىن، نەزەرىيە، ئەمەلىيەت جەھەتتە ۋراتارنىڭ تېخنىكا، تاكتىكىسى ۋە بەدەن سۈپىتىدە يېڭىچە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋراتارلىرى شۈي فۇسىڭ، جاڭ جىنشۇ، ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ ۋراتارى خۇاڭ جاۋۋىنبىلارنىڭ ئوسمانغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. ئۇلار ئوسمان بىلەن دوست بولىدۇ. ھازىرغىچە ئىزدەك - سورىقىنى قىلىپ تۇرىدۇ. ئوسمان كوماندىغا كېلىپ بىر نەچچە يىل تىرىشىپ مەشىق قىلىپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1960 - يىلى مەملىكەتلىك 1 - دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالىنىدۇ.
      ئوسمان 1960 - يىلىدىن 1965 - يىلىغىچە تازا كامالەتكە يېتىپ، راسا كارامەت كۆرسىتىۋاتقان ئالتۇن چاغلىرىدا، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ قالىدۇ ... ئىنقىلابتىن كېيىنمۇ ئوسمان يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىغا قارىماي كوماندىنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇپ، داۋاملىق ۋراتارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
      1974 - يىلى پۇتبول ئىككىنچى كوماندىغا تىرېنېرلىققا يۆتكىلىپ، تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋراتار تەربىيەلەش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
      ئۇنىڭ تەربىيەسىنى كۆرگەن ۋراتارلاردىن ئىلھام جۇڭگو ياشلار كوماندىسى تەركىبىدە يۇگوسلاۋىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ، مەشىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ. ھېكمەت مەملىكەت ئىچىدە، بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە تاماشىبىنلاردا ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ.
      ئوسماننىڭ كەسپىي جەھەتتە ۋراتار تېخنىكىسى ئەتراپلىق بولۇپ، ھەرىكىتى پىششىق، ئۆلچەملىك ئىدى. ئورۇن ئېلىشى ياخشى، بۇلۇڭ توسۇشقا ماھىر، مۇسابىقىدە تەمكىن، سالماق ئىدى.
      ئوسمان ئاق يۈزلۈك، قارا قاشلىق، كۆك كۆزلۈك، بوي ئېگىزلىكى 1.73 مېتىر بولۇپ، بەدەن قۇرۇلمىسى گويا قېلىپتا قۇيغاندەك، ئىستانوكتا قىرغاندەك ئۈگىلىرى بىر - بىرىگە ماسلاشقان، تەنھەرىكەتچىگە لايىق كېلىشكەن يىگىت ئىدى.
      ئوسمان پۇتبولچىلا ئەمەس، بەلكى تالانتلىق ئارتىس ئىدى، ئۇ كوماندىمىز گۇرۇپپىسىدا ناخشىچى ھەم ئۇسسۇلچى ئىدى، ماھىرلىق بىلەن رول ئالاتتى. 1963 - يىلى باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە سىستېمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە كوماندىمىز ئورۇنلىغان كومېدىيەدىكى ئايال رولىنى ئوسمان چاندۇرماي، قانائەتلىنەرلىك ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى كوماندىمىز گۇاڭدۇڭ مېيشەندە قىشلىق مەشىق ئېلىپ بارىدۇ، تەلەپكە بىنائەن يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مېيشەن خەلقىگە شىنجاڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئوسمان، ئەخمەتجان (كوماندىدىكى يەنە بىر ۋراتار) لار ئورۇندىغان لەپەر، نومۇرلىرى ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.
      ئوسمان ھاياتنى قىزغىن سۆيەتتى .
      ئوسمان ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيەتتى .
      ئەپسۇس! ئۇ قۇياش نۇرىدىن پەقەت 36 يىل بەھرىمەن بولالىدى. ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى پۇتبول ( ۋراتارلىق ) كەسپىگە بېغىشلىدى.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
652
تۆھپە
376
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:38:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمان ئاق يۈزلۈك، قارا قاشلىق، كۆك كۆزلۈك، بوي ئېگىزلىكى 1.73 مېتىر بولۇپ، بەدەن قۇرۇلمىسى گويا قېلىپتا قۇيغاندەك، ئىستانوكتا قىرغاندەك ئۈگىلىرى بىر - بىرىگە ماسلاشقان، تەنھەرىكەتچىگە لايىق كېلىشكەن يىگىت ئىدى ........
بۇ پورتىرىتلاردىن بۇ ئوستازنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .......... ئوستازنىڭ بالىلىرى بار بولغىيتى ھە؟


Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:23:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 3Rank: 3

تىللا
138
تۆھپە
65
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 15:57:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، رەھمەت، بىلىۋالدىم!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
858
تۆھپە
422
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 17:17:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئاڭلىدىم ھەم بىلىۋالدىم . مەنمۇ ۋاراتار ، ھەقىقەتەن تەس ...


ئاسان ئەمەس ئادەمدەك يۈرمەك...

Rank: 2

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
64
تۆھپە
38
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 17:37:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، تېما ئىگىسىگە رەھمەت، بىلىۋالدىم.....


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغۇن13325
تىللا
830
تۆھپە
275
UID
3059
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 23:13:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، رەھمەت، بىلىۋالدىم


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغۇن13325
تىللا
830
تۆھپە
275
UID
3059
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 23:13:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، رەھمەت، بىلىۋالدىم


Rank: 4

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
363
تۆھپە
113
UID
2458
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 15:30:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدىكى مەن مارادونا دېسە مەن ئوسمان ۋارتار دەپ يۈرۈيدىغان چاغلىرىمىز كۆز ئالدىمىدىلا تۇرىدۇ، ھەتتا تېخى ئوسمان ۋارتارنىڭ قورسىقى ئىچىدە بىر مايمۇن بارئىكەن، شۇڭلاشقا ھەركىتى شۇنداق چاققان ئىكەن دەيتتى...ھاھاھاھا!!!
   نېمە دېگەن ياخشى تېما، رەھمەت.
ئەمدى بىلىۋالدىم ئوسمان ۋارتارنىڭ قورسىقىدا ئەسلى مايمۇن يوق ئىكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1625
تۆھپە
1025
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 16:57:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، رەھمەت، بىلىۋالدىم! بۇلسا نۇنداق تېملانرنى كۆپرەك يۇللاپ تۇرۇڭ ~!


غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:52, Processed in 0.081806 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991