كۆرۈش: 1362|ئىنكاس: 16

توقسۇدا ‹‹يۇرتۇم›› مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتى قۇرۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
580
تۆھپە
301
UID
44

جاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ تۈۋرىكىفىلمچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:30:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى : يېقىنقى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرى كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ ، ياخشى ۋەزىيەت ۋە ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ھەمدە بۈگۈنكىدەك رىقابەتكە تولغان جەمئىيەتتە تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ ، مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇت–كارخانىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشتىن ، ئۆز دىيارىمىزدا زاۋۇت قۇرۇپ، يەرلىك خام ئەشيالار بىلەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلەنمەكتە. نۆۋەتتە ، شىنجاڭ ‹‹يۇرتۇم›› مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتىنىڭ شىنجاڭدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى ئەنە شۇ سۆزلىرىمىزنىڭ تىپىك مىسالى .

06.jpg


پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش


19ـ ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن ، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تەرەققىيات رايونى باشقىچە قىزىپ كەتكەن بولۇپ ، يىراقتىن ، شىنجاڭ ‹‹يۇرتۇم›› مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا بېغىشلاپ يېزىلغان ھەر خىل رەڭلىك پىلاكاتلار كۆزگە چېلىقاتتى ، شىنجاڭ ‹‹يۇرتۇم›› مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتىنىڭ قورۇسى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ئازادە ، كۆركەم قىلىپ سېلىنغان زاۋۇت قورۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتاتتى.

001.jpg


توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئۆمەرجان ئىمىن باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى


    شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 10:00دا شىنجاڭ ‹‹ يۇرتۇم››مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاندى. يېغىنغا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى نىياز ھاشىم، توقسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما گوچياڭ، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئۆمەرجان ئىمىن، توقسۇ ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە– ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرى، رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ھەرساھەدىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەردىن بولۇپ 500 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئۆمەرجان ئىمىن باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

002.jpg


توقسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما گوچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى


  ‹‹ يۇرتۇم›› شىركىتى رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى شارائىتلىرىنىڭ يېمەك–ئىچمەك ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، سېتىشتا ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقاپ، يېڭى تەرەققىيات رايونىدىن 60 مو كۆلەمدە يەر سېتىۋېلىپ، 2009–يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ‹‹ يۇرتۇم›› مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتى قۇرۇش ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتى.
    توقسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما گوچياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ‹‹يۇرتۇم ››مۇسۇلمانچە يېمەك–ئىچمەك زاۋۇتىنىڭ توقسۇ يېڭى تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. شىنجاڭ ‹‹يۇرتۇم›› مۇسۇلمانچە يېمەك–ئىچمەك زاۋۇتى تەرەققىيات رايونىغا ئورۇنلاشقان مەبلىغى بىر قەدەر كۆپ، ناھىيەمىزنىڭ تەبىئىي شارائىتىدىن تولۇق پايدىلانغان مۇسۇلمانچە يېمەك–ئىچمەك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى. بۇ زاۋۇتنىڭ ناھىيەمىزگە ماكانلىشىشى ناھىيەمىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ يەنىمۇ زورايغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يېزائىگىلىك، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئوينايدۇ، ھەمدە ناھىيەمىزدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ناھىيەمىز بۇ زاۋۇتنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى ھەر جەھەتتىن قوللايدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

003.jpg


شىنجاڭ ‹‹يۇرتۇم ›› مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت سۆز قىلدى


  شىنجاڭ ‹‹يۇرتۇم›› مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2003 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭنىڭ مېۋە - چىۋە بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ مۇسۇلمانچە ئىچىملىكلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ، ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشاىننى بېكىتىپ ، 2004–يىلى شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ كولا ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى ،ئارقىدىنلا ‹‹يۇرتۇم ›› قۇۋۋەت ئىچىملىكى، سودا سۈيى ، قارىقات ئىچىملىكى، گىلاس ئىچىملىكى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىپ ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشى، شۇنداقلا يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

08.jpg


مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر زاۋۇتنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى


    شىنجاڭ ‹‹يۇرتۇم ›› مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت مۇنداق دېدى: مەن ئالدى بىلەن بىزنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە، ئاخبارات ساھەسىدىكى مۇخبىر دوستلارغا ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. زاۋۇتىمىز 25 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، يېمەك–ئىچمەك ئىشلەپچىقىرىشىدا تولۇق ئاپتوماتلاشقان ، خام ئەشيا تاللاشتىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىدە ھەقىقىي مۇسۇلمانچە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان مۇنتىزىم زاۋۇت. زاۋۇتىمىز كۈنىگە ئالتە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە 200 خىلدىن ئارتۇق 45 مىڭ يەشىك ئىچىملىك ، 15 مىڭ يەشىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بىز ئىشەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىمىز بىلەن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىمىز، مەبلەغنى زورايتىپ، ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مىللىي يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش، ‹‹يۇرتۇم››مەھسۇلاتلىرىنى خەلقنىڭ مەھسۇلاتى قىلىش ئارزۇيىمىزغا يېتىش يولىدا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

14.jpg


پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش


  نۆۋەتتە، بۇ شىركەتنىڭ ۋاكالىتەن سېتىش ئورنى 120 دىن، پارچە سېتىش نۇقتىلىرى 10 مىڭدىن ئاشتى. شىركەتنىڭ ‹‹يۇرتۇم››، ‹‹ئامراق›› قاتارلىق ماركىلاردىكى تۈرلۈك ئىچىملىكلىرى ۋە بوۋاقلار بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلاتلىرى 100 خىلغا يەتتى. بۇ شىركەت  2006 - يىل ئىيۇندا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن‹‹جۇڭگودىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان 28 كارخانىنىڭ بىرى››، 2006 - يىل ئىيۇلدا مەملىكەتلىك ئىشەنچىلىك كارخانىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹جۇڭگونىڭ A دەرىجىلىك ئىشەنچىلىك كارخانىسى››، 2007 - يىل سېنتەبىردە خەلقئارا يېشىل مەھسۇلات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹خەلقئارا يېشىل مەھسۇلاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا›› دېگەن شەرەپلەرگە نائىل بولدى.


پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش:


07.jpg


04.jpg


05.jpg


10.jpg


12.jpg


11.jpg


13.jpg


15.jpg


zawut maydanidinkorvnvx002.jpg


zawut maydani din korinvx 001.jpg


09.jpg


Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 12:12:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
229
تۆھپە
103
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 14:49:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بېسىلغان قەدەم، مۇبارەك بۇلسۆن!!!!!!!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1185
تۆھپە
999
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 15:49:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 4

تىللا
387
تۆھپە
59
UID
49
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 16:07:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم، دەپ تازا لاپ ئۇرىسىلەر، ئىككى قۇر خەتكە چىدىمايسىلەر! ئۇنداق قىلغۇچە مائۇسنى باشقۇرۇپ، قۇرۇق چىراي ئىپادىسىنى يوللىماڭلار! ئىككى ياشلىق بالىدىنمۇ چىقىدۇ چىراي ئىپادىسى دېگەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-23 16:24  



Rank: 4

تىللا
387
تۆھپە
59
UID
49
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 16:08:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى پائالىيەت بوپتۇ!  بۇنىڭدىن كېيىن  تېخىمۇ كۆپ مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ مۇسۇلمانچە يىمەك - ئچمەك ساھەدە يېڭى نەتىجىەرنى يارتىشىغا تىلەكداشمەن. . ‹‹يۇرتۇم›› شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يوللىرىدىن گۈل ئۈنسۇن..


Rank: 2

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
64
تۆھپە
38
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 18:09:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئشەنچىلىك مۇسۇلمانچە يىمەك ئىچمەك زاۋۇتلىرى كۆپلەپ قۇرۇلۇپ  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇت–كارخانىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئىشلەپچىقىرۋاتقان ئىشەنچىسىز شۈبىھلىك مەھسۇلاتلاردىن تەل تۆكۈس قۇتۇلساق.......................................................


Rank: 2

تىللا
129
تۆھپە
26
UID
3928
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 20:44:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ناھايىتى ياخشى بوپتۇ . مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرىدە ياسىتىدىغانلارغا مەن بەك ئۆچ . بۇلۇپمۇ يىمەك ئىچمەككە چاقچاق قىلىدىغانلار ھۇشىنى تېپىۋالسا بۇلاتتى .
  لېكىن تىما ئىگىسى ۋە دوستلاردىن شۇنى سوراپ باقاي ! ھازىر مىۋە ئىچىملىكلىرىنى رەڭ ھەم شۇبھىلىك خۇرۇچلاردىن ياساۋاتىدۇ . مۇشۇ شىركەتنىڭ قانداق ياسىلىدۇ ؟ مەسىلەن ، شاپتول ئىچىملىكى دەيلى . ئاشۇ ئىچىملىكنى شاپتولنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، ئۇزاق تۇرغۇزىدىغان ماددىنى قوشۇپلا ياسىيالامسىلەر؟ ئەگەر ياسىيالمىساڭلار بولدى قىلىڭلار !
  مەن يۇقارقى گىپىمنى بۇ شىركەتكىلا ئەمەس، دىيارىمىزدىكى يىمەك ئىچمەك ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقانلاردىن سورىماقچى .


Rank: 2

تىللا
82
تۆھپە
24
UID
9972
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 23:24:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز دىيارىمىزدا زاۋۇت قۇرگىنى ياخشى بۇلۇپتۇ،لىكىن خەلقىمىزنىڭ سادىلىقىدىن پايدىلانماڭلا،ھىقىقى ھالال بولسۇن ،ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئۆرۇپ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىلى.


Rank: 4

تىللا
177
تۆھپە
128
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 18:26:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مىللى كارخانىللىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك بارلىققا كىلىشىنى تەرەقىياتىنىڭ كۈندىن كۈنگە روناق تېپىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 02:04, Processed in 0.092333 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991