كۆرۈش: 2799|ئىنكاس: 29

لاسادىكى ۋەھشىي ئۇسسۇل بىلەن ئۆزىنى ئازابلاۋاتقان قىزچاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
281
تۆھپە
181
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 00:09:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاسا-شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى، ئۇزۇندىن بۇيان شىزاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي مەركىزى بولۇپ كەلگەن جاي ، 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، بۇددا دىنىي ناھايىتى كەڭ تارقالغان ۋە ئەۋج ئالغان. بۇ جايدىكى كوچا-كويلاردا چوڭ-كىچىك بۇددىستلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇددا دىنىدىكىلەر دۇنيادا قانچە ئازاب تارتساڭ، كېيىن بۇ دۇنياغا قايتا تۆرەلگەندە ھالاۋىتىنى كۆرىسەن، دەپ نىرۋاناغا يېتىش ئۈچۈن، ئۆزىنى ناھايىتى ئېغىر ئۇسۇللار بىلەن ئازابلايدۇ. بۇ خىل ئىدىيە ئۇلارنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كەتكەن. ئەگەر سىز لاساغا ساياھەتكە ۋە خىزمەت ئىشى بىلەن بېرىپ قالسىڭىز، بۇ خىل ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشنى كۆرەلەيسىز.

تۆۋەندىكى قىزچاققا قاراڭ، ھازىر ئۇنىڭ ئەمدىلا مەكتەپتە شاد-خۇرام ئوقۇيدىغان ۋاقتى، ئەمما ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ئېچىنى ئېچىشتۇرىدىغان بۇ خىل ئۆزىنى ئازابلاش ئۇسۇلىنى ئادەم چۈشەنمەك قېيىن. بۇ خىل ئىخلاسمەنلەر ئۆيىدىن تاكى بۇتخانىغا مۇشۇنداق يېقىلىپ-قوپۇپ بارىدۇ. ئەمدى بىز بىر قىسىم تورداشلارنىڭ مەزمۇن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى ئىنكاسلىرىغا قاراپ باقايلى:
Rose ناملىق تورداش: بۇ بىر كىچىك قىز، مېنىڭچە ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ تاپتا نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىسە كېرەك...
miss桃 ناملىق تورداش: زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەجەبا ئۇنى ئاپىسى باشقۇرمامدىغاندۇ؟
清影斓韵 ناملىق تورداش: ئەگەر بۇددا دىنىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشى راست بولىدىغان بولسا، ئۇ قىز قايتا تۆرەلگەندە ناھايىتى بەختىيار بولۇپ كېتىشى مۇمكىن
玥尔媛 ناملىق تورداش: بۇ گۈللەپ ياشناۋاتقان جۇڭگودىكى ئادەممۇ؟
三三 ناملىق تورداش: بۇنى كۆرۈپ، زادى نېمە دېسەم ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدىم.
青青 ناملىق تورداش: بىچارە قىز! ئۇ يەنىلا ۋەتەننىڭ غۇنچىسى ئىدى، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟...
مانا مۇشۇنداق، ئادەم بۇ خىل كۆرۈنۈشكە قاراپ زادى نېمە دېسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ، ياشاشتىكى مەقسەت، مۇددىئا زادى نېمە؟ بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
20120420063116534.jpg

20120420063400557.jpg

20120420063301101.jpg

20120420063219822.jpg

20120420063144979.jpg

20120420063442256.jpg

20120420063512171.jpg

20120420063551573.jpg

20120420063644793.jpg


كىلىش مەنبەسى : نۇر خەۋەرلەر تورى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1043
تۆھپە
761
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:21:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە قىزچاق شۇنداق كىچىك ئىكەن ، قىزچاق ئۆزىنىڭ  نىمە قىلۋاتقانلىقىنى مەنچە تولۇق چۈشەنمەيدۇ ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا باشلامچى بولمىسا بۇ قىزچاق ھەرگىز بۇ  قاراڭغۇ  يولنى تاللىمغان بولاتتى .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 1

تىللا
17
تۆھپە
7
UID
12115
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 14:02:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۇسسۇل» دېسە، قانداق ئېسىل ئۇسسۇلكىن دەپتىمەن...
   «ئۇسسۇل» ئەمەس، «ئۇسۇل» تى، ئەسلى. ئىملانى ئوڭشاپ يازىلى، بولسا.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5506
تۆھپە
2777
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 14:51:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېتىقادنىڭ  قۇدرىتى بۇ! ئۇلار قانداقمۇ  ئۆزىنى ئازابلىسۇن؟


مەن مەنسىز مەن !
مۇنبىرىمىز:
http://www.kulgin.com/bbs/forum.php
رادىيو قانىلىمىز:
http://www.kulgin.com/index.html

Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
37
UID
1941
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 16:00:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك نېفىت ئەپەندى:
تورداشلىرىمىزنىڭ يەر-جاي ناملىرىنى توغرا ئىگەللىشى ئۈچۈن تېمىڭىزغا كچىككىنە ئىزاھات بىرىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم،ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز:
شىزاڭ(تىبەت)ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئۆلكە مەركىزى--لىخاسا شەھىرى      لاسا(拉萨)خەنزۇچە ئاتىلىشى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
725
تۆھپە
530
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 16:32:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ناكەس دىندارلارغا شىزاڭ ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللانماي يۈرۈۋەرگەندىمۇ؟


Rank: 6Rank: 6

تىللا
858
تۆھپە
422
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 17:00:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
努尔艾力江 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 16:32
مۇشۇنداق ناكەس دىندارلارغا شىزاڭ ھۆكۈمىتى تەدبىر قولل ...

سىزنى ناماز ئوقۇما دېسە سىز قارشى چىقمامسىز؟ ئۆرىپ - ئادەت ئىدىقاد مەسلىسى بار .
    ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىدىقادى بولسا ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە ، ھەيران قالغۇچىلكى يوق . چۈنكى بىزنىڭ كۆزقارشىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئوخشايمايدۇ.


ئاسان ئەمەس ئادەمدەك يۈرمەك...

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2082
تۆھپە
733
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 17:23:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ!


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 4

ئىسىمى
مۇساجان
تىللا
297
تۆھپە
179
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 17:48:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىز ئەسلى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ، پارتىيە-ھۆكىمىتىمىزنىڭ تەمىنلەپ بەرگەن ھەقسىز مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلسا بوپتىكەن. ئۆمرى شۇنداق ئۆتۈپ كېتەرمۇ ھە ؟


ئۇيغۇرنىڭ دەردى قانچىلىكتۇ ؟

Rank: 3Rank: 3

تىللا
150
تۆھپە
83
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 22:59:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇقىز ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاللانى تەسىرلەندۈرمەكچىمىكىن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 02:07, Processed in 0.088021 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991