ئۆتكەن شەنبە كۈنى يەنى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى قەشقەردە ھاۋا شۇنداق ياخشى بولدى، باللىرىم بىلەن بۇنداق ياخشى ھاۋادا سىرتقا چىقمىغانغا خىلى بوپتىكەن، شۇ كۈنى سائەت 10 لار ئەتراپىدا خەلق باغچىسىغا باردۇق، باغچىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ ، كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى. لېكىن كىچىك بالىلارنى خۇشال قىلىدىغىنى مەنزىرە بولماستىن ھەر خىل ئويۇنچۇقلار ئىدى، ئۇ كۈنى باللىرىم بەك خۇشال ئوينىدى، لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈم سەل پەل يېرىم، چۈنكى كامېرانى ئېلىۋالماي، شۇنداق گۈزەل مەنزىرلەرنى سۈرەتكە تارتىيالمىدم .
ئەتىسى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە كامېرانى يېنىمغا ئېلىۋالدىمدە خەلق باغچىسى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتىم ، ھاۋا ئانچە ياخشى بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن سۈرەت تارتىش ئشىتىياقىمنى توسىيالمىدى، بىرقىسىم مېۋە ھەم گۈللەرنىڭ چېچەكلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم، راستىنى ئىيتسام بەزى چېچەكلەرنىڭ قايسى مېۋىنىڭ ياكى قايسى گۈلنىڭ ئىكەنلىكىنى ئۆزۈمممۇ بىلمەيدىكەنمەن، شۇڭا تورداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن ھەم قايسى مېۋە ياكى گۈلنىڭ چېچىكى ئىكەنلىكىنى تېپىپ باقسۇن دەپ بۇ سۈرەتلەرنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
