كۆرۈش: 873|ئىنكاس: 13

ئۈچ يىل قوي قوتىنىغا سولاپ قويۇلغان بالا قۇتقۇزۇۋېلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
توغراق
تىللا
333
تۆھپە
68
UID
95
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 13:49:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆگەي دادىسى تەرىپىدىن ئۈچ يىل قوي قوتىنىغا سولاپ قويۇلغان بالا قۇتقۇزىۋېلىندى


توغراق خەۋەر قىلىدۇ: مارالبېشى ناھىەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسىدا يېقىندا كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان ئېچىشىلىق  ۋەقە پاش قىلىنىپ، ئۈچ يىل قوي قوتىنىغا سولاپ قويۇلغان چىڭ چىڭ ئىسىملىك ئوغۇل بالا يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكىلەر تەرىپىدىن قۇتقۇزىۋېلىندى.
بۇ يىل 10ياشقا كىرگەن چىڭ چىڭ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزا 15-كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۆگەي دادىسى تەرىپىدىن ئۈچ يىل قوتانغا سولاپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇرۇقلاپ بىر تىرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قېلىپ، پەقەت 17كىلوگىرام كەلگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى ئاللىبۇرۇن يىگىلەپ، ئورنىدىن تۇرالماس بولۇپ قالغان. دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا چىڭ چىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كىسىلى، ئۆپكە ياللۇغى كىسىلى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشى كېرەك ئىكەن. ۋاقتىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلمىسا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاقىۋەت يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن. دوختۇرخانىدىكىلەر چىڭ چىڭنى ئىككى ئاي داۋالاش ۋە پىسخىك جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، داۋالاش ۋە پىسخىكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە 50مىڭ يۈەن كىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۈچ يىلدىن بۇيان چىڭ چىڭ ئىزچىل ھالدا قاراڭغۇ ھەم نەم، زەي قوي قوتىنىغا سولاپ قويۇلۇپ، جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش كۈن ئۆتكۈزۈپ، ھايۋانلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغاچقا، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ۋە روھى پىسخىكىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا ئوخشاش خوشاللىق ۋە بەخىتتىن بەھرىمان بولالمىغان، ھەتتا 10ياشقا كىرگۈچە بىر كۈنمۇ مەكتەپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىغان.
چىڭ چىڭنىڭ بۇنداق بەخىتسىزلىككە ئۇچرىشى مارالبېشى ناھىيەلىك مائارىپ سېستىمىسىدىكى ھەر بىر مائارىپ خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈردى. ناھىيەلىك مائارىپ سېستىما پارتكومى پۈتۈن ناھىيەدىكى مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىغا «چىڭ چىڭغا قەلب ئىزھار قىلىش» توغرىسىدا تەشەببۇسنامە چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك خىسلىتىنى نامايەن قىلىپ، قىسقىغىنە بىر قانچە كۈن ئىچىدە چىڭ چىڭغا 60مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلىشىگە مەدەت بەردى.


Rank: 2

تىللا
82
تۆھپە
24
UID
9972
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:05:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارال بېشىدا ھۇكۇمەت يوقمۇ،نىمانداق ئېچىنىشلىق ئش بۇ ،ئۇمۇ ئادەمغۇ،تىزراق ساقىيىشىگە تىلىەك داشمەن


Rank: 4

تىللا
367
تۆھپە
204
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:40:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ئېچىنىشلىق   ئىش بوپتۇ


Rank: 3Rank: 3

تىللا
224
تۆھپە
80
UID
3126
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 13:40:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداقمۇ رەزېل ئادەم بولامدۇ بۇ بالېنېڭ كېسېلېنېڭ بالدۇراق ئەسلېگە كېلېشېگە تېلەكداشمەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5506
تۆھپە
2777
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 14:46:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەت بولغان بولسا بوپتىكەن!


مەن مەنسىز مەن !
مۇنبىرىمىز:
http://www.kulgin.com/bbs/forum.php
رادىيو قانىلىمىز:
http://www.kulgin.com/index.html

Rank: 4

تىللا
310
تۆھپە
173
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 14:53:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈگەي  دادىسىنى  تۇتماپتىمۇ ؟  بالىلارنى  خارلاش  جىنايىتى  بىلەن  قولغا  ئالغان  بولسىچۇ ؟


Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
229
تۆھپە
103
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 17:36:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىسىچۆ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
611
تۆھپە
409
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 00:47:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوگەي دادىسى ھايۋانغۇ -ئوخشايدۇ _ئۇنىڭ .ئانىسى نىمىش قىلدىكىنە ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 01:26:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مۇشۇ ئاجراشقانلار  نىمىشقا قايتا توي قىلىدىغاندۇ  ، چىداپ بالىرىنى ئوزى باقسا ، رىسقىنى .اللاھ بېرەر ئىدى


Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 01:36:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ئېچىنىشلىق   ئىش بوپتۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:40, Processed in 0.076026 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991