يې لىن ئىسىمىلىك بۇ قىز چېڭدۇدىكى مەلۇم بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن چىرايلىق قىزچاق ئىدى. ئۇنىڭ توي قىلماقچى بولغان لايىقى بولسا ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ، ھازىر پەقەت تىلەمچىلىك قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان 48 ياشلىق كىشى ئىدى . بۇ ئىككىيلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ، مۇھەببەت ئىلاھى ئۇلارنىڭ رىشتىسىنى چىڭ باغلىغانىدى.ئۇلار بىر يىلغا يېقىن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن توي قىلىشقا پۈتۈشكەنىدى . نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇلار خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا بېرىپ رەسىمىي يوسۇندا توي خېتى ئالماقچى بولغاندا كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەرگەن . كۆپ يىللاردىن بۇيان سىرتلاردا تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەچكە ، ئۇنىڭ نوپۇسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەنىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ توي ئىشى كەينىگە سۈرۈلگەنىدى. ئۇ داۋاملىق تىلەمچىلىك قىلىش ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ ، قىز دوستى چەتئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرى پۇل توپلاپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بارغۇسى بارلىقىنى ئېيتقان .
ئۇ ئادەتتىكى تىلەمچى ئەمەس
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ، مۇخبىر لو فۇيۈەن ئىسىملىك بۇ تىلەمچىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغىنىدا ، ئالدىدا تۇرغان بۇكىشىنىڭ تىلەمچىگە قەتئىي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان . لوفۇشىياڭ ئۇچىسغا كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ ، گالاستۇك تاقىغان ، چاچلىرىنى رەتلىك تارىغان بولۇپ ، روھىي ھالىتىمۇ ناھايىتى كۈتۈرەڭگۈ ئىدى . ئۇ قىزىقچىلىق قىلىپ: « بۈگۈن ئەسلىدە توي قىلىدىغان بولغاچقا ، خىزمەت كىيىمىمنى كەيمىدىم »دېگەن .
لو فۇيۈەن مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ فېڭئەن ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكىنى ، ئىلگىرى ئۇنىڭمۇ شانلىق تارىخى بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، 1992-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇ تۆت زاۋۇتنىڭ زاۋۇت باشلىقى ئىدى . ئەمما ئەينى چاغدا كەنتتىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقتىن ،ئەينى يىلى ئۇنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنىدى . تۆت زاۋۇتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى. ئامالسىز يۇقىرىغا ئەرز قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەرز جەريانىدا سالاھىيتى ئېنىق بولمىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنى ئۇرۇپ نىمجان قىلىپ قويغانىدى. ئۇ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مىيىت كۆيدۈرۈش مەيدانىدا ياتقانلىقىنى كۆرگەن.ئۇ قورققانلىقىدىن بۇ يەردىن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ يېنىپ چىققانىدى، ھەمدە ئوڭ قۇلىقىنىڭ ئاڭلىماس ، ئوڭ كۆزىنىڭ كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى سەزگەنىدى. ئايالى ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ 22 ياشلىق قىزى شېنجىندا تىلەمچىلىك قىلاتتى . 18 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئۇنىڭغا ئەگىشپ بەش يىل جاھان كەزگەندىن كېيىن ، ياخشى نىيەتلىك تۇغقانلىرىدىن بىرى تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغانىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يالغۇز-يىگانە ياشاپ كەلگەنىدى.رومانتىك ئۇچرىشىش
بۇلتۇر ئالتىنچى ئايدا لو فۇيۈەن لې شەنگە كېلىپ تىلەمچىلىك قىلغانىدى . ئۇ بىر كۈنى لې شەندىكى دەۋر مەيدانىدا ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئالدىغا ئۆزىنىڭ ماتىرىياللىرىنى يېيىپ قويۇپ تىلەمچىلىك قىلىشنى باشلىغانىدى.تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى يول بويىدا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغان بىر قىزغا چۈشكەن . نەچچە مىنۇتتىن كېيىن قىزچاق بېشىنى كۆتۈرۈپ لو فۇيۈەننى كۆرگەن. ھەمدە ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ماتىرىياللىرىنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇغان. شۇ چاغدىلا لو فۇيۈەن بۇ قىزنىڭ ئادەتتىكى باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان . بۇ قىزچاقنىڭ ئىسمى يې لىن بولۇپ ، ئۇمۇ لو فۇيۈەننىڭ ئادەتتىكى بىر تىلەمچى ئەمەسلىكىنى ، ئاجايىپ ئېچىنىشلىق سەزگۈرەشتىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قاتتىق ئىچى ئاغرىغان. ئۇلار ئۆزئارا پاراڭلىشىپ كۈننىڭ كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەيلا قالغانىدى . ئاخىرىدا يې لىن ئۆزىنىڭ چېڭدۇدىكى مەلۇم بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىنى چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا تېلىفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويغانىدى .
مۇھەببەت قاينىمى
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىيلەن بارا-بارا بىر-بىرىنى چۈشىنىپ ، بىر-بىرىنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى . بىر كۈنى يې لىن ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ : « ھازىر مەن بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ، ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۈشۈپ قويۇڭ»دېگەن . ئەمما لو فۇيۈەن ئۆزىنىڭ يې لىننىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ياشتا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزى سەۋەبلىك يې لىننىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان . بۇ يىل لو فۇيۈەن داۋاملىق تۈردە لې شەننىڭ كوچىلىرىدا تىلەمچىلىك قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن . يې لىن يەنە بىر قېتىم ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ :«چاغان كەلدى ، سىزنىڭ قايتىدىغان ئۆيىڭىز يوق ، شۇڭا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ، بىز بىلەن بىللە چاغان ئۆتكۈزۈڭ»دېگەن . يې لىننىڭ سەمىمىيلىك تامچىلاپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ لو فۇيۈەننىڭ كۆزلىرى نەملەنگەنىدى . توغرا ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان سىرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ ، قانچە جاپالارنى چەكسىمۇ ، كۆزىدىن بىر تامچە ياش تۆكۈلمىگەن لوفۇيۈەن يې لىننىڭ تەسىرلىك گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىغانىدى. ئەمما ئۇ يەنىلا يې لىننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغانىدى.توي خېتى ئالالمىغان ئاشىق-مەشۇقلار
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يې لىن لو فۇيۈەن بىلەن بىللە ئۆتۈشنى قارار قىلغانىدى. كېيىن ئىككىيلەن بىرلىكتە چېڭدۇغا كەلگەن . يې لىن ئانا مەكتىپىدە ئېنگىلىزتىلى تەربىيلەش سىنىپىغا تىزىملاتقان . لو فۇيۈەن چېڭدۇ كوچىلىرىدا تىلەمچىلىك قىلىش ھاياتىنى باشلىغان . ئۇ ئۆزىنىڭ لوفۇيۈەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئاتا-ئانىسى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەنىدى . يې لىن ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىنى ، ئاللىبۇرۇن قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى ، نىكاھ ئىشىدا ئۆزى قارار چىقىردىغانلىقىنى ئېيتقان .
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بۇ ئىككىيلەن خوشال -خورام ھالدا لې شەنگە كېلىپ توي خېتى ئالماقچى بولغان . ئەمما ئويلىمىغان يەردىن لو فۇيۈەننىڭ كىملىك ۋە نوپۇسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى بايقىغان . بۇنى ئاڭلاپ بۇ ئىككىيلەن ناھايىتى ئازابلانغان .
لو فۇيۈەن يې لىننىڭ 10 - ئايدا چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىدىغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ئۇ چەتئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرى توي خېتى ئېلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان . ئەگەر بىجىرەلمىگەن تەقدىردىمۇ ، يې لىن بىلەن بىللە سىنگاپورغا بېرىپ ئىشلەپ ، ھەتتا قېنىنى سېتىپ بولسىمۇ ، يې لىننىڭ ئوقۇش پۇلىنى تاپىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
كىشىلەر ھەممە جەھەتتىكى شارائىتلىرى تولۇق بولغان نەمۇنىلىك قىزچاقنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىدىن 26 ياش چوڭ تىلەمچىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىغا ئەقلى يەتمەي قالدى . يې لىن لوفۇيۈەننى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوقلۇقىنى ، ئۇنىڭ نەزىرىدە لوفۇيۈەن ئادەتتىكى بىر تىلەمچى ئەمەسلىكىنى ، ئۇنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
ئەمما ئۇ مۇخبىرغا بۇ خەۋەرنى بېسىشقا توغرا كەلسە ئۆزىنىڭ يۈز قىسمىنى ئېنىق چىقارماسلىقنى ئېيتقان. مۇخبىر بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىككىلىنىۋاتقانلىقىنى سەزگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ لوفۇيۈەن قارىغان چاغدىكى مۇھەببەتلىك نەزەرلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان .