كۆرۈش: 1644|ئىنكاس: 18

كەلگۈسى بەش يىلدا ئالتۇن 162يۈەنگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
191
تۆھپە
104
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 17:28:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«كەلگۈسىدە ئالتۇن 162يۈەنگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن »



      تېخنىكىلىق ئانالىز ئامىللىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، 22-مارت بېيجىڭ ۋاقتى 18:25مېنۇت ئۆتكەندە ، خەلىقئارا ئالتۇن كۆمۈش باھاسى تۈز سىزىقلىق لىنىيە بويىچە تۆۋەنگە سېيرىلىشقا باشلىدى .ئالتۇن كۆمۈشنىڭ ئاز كەم بىر ئايغا يېقىن (2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ،تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ ) چوڭ لىنىيەلىك چۈشۈش ھالىتىدىن ھالقىپ،ئەسلىدىكى تۆۋەنگە شۇڭغۇش بوشلۇقى بارغانسىرى كېڭىيىشكە باشلىدى .كىشىنى تېخىمۇ ئەنسىزلىككە سالىدىغان يېرى شۇ بولدىكى : كەلگۈسىدىكى ئالتۇن كۆمۈشكە تىرەك بولدىغان ئامىللارنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ، چۈشۈش يۆلىنىشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى بولماقتا .بۇ قېتىملىق چوڭ چۈشۈشتىكى دەسلەپكى ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرىمىز ،ئالتۇن1690دوللار (342يۈەن خەلق پۇلى) دەپ مۆلچەر قىلغان بولساق، ئەمما ھازىرقى بازار ۋەزىيىتى تولىمۇ پاسسىپ ھالەتتە تۇرۇۋالغاچقا ،1690(342يۈەن خەلق پۇلى) دىن ئۆلچەمنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، 1630دوللار (330يۇەن خەلق پۇلى ) غا چۈشتى .ئەمدى بىزنىڭ كېيىنكى مۆلچەرىمىز جەزمەن 1600دوللاردىن تۆۋەن بولىشى كىرەك .
   بۈگۈن ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى يەنى ئەنگىلىيە ئىقتىسادىي بازىرىدا بۇلتۇرقىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چېكىنىش بولىشى ۋە جۇڭگو تاۋار مال ئېكىسپورت بازىرىدىمۇ قىزىل رەقەمنىڭ زورىيىشى نەتىجسىدە ، ئالتۇن كۆمۈشتە كۈچلۈك چۈشۈش يۆلىنىشىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ .دوللار ئايرىۋاشلاش قىممىتىنىڭ كۈنسايىن يۇقىرىغا يامىشىشى نەتىجىسىدە ، ئالتۇن كۆمۈش بازىرى ئۆتكەن ئايقى 1790دوللارلىق (362يۈەن خەلق پۇلى)سەۋىيەدىكى دالدىلىنىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدى .ئالتۇن بازىرىنىڭ دالدىلىنىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېلىشى نەتىجىسىدە ، بازارغا تايانچ بولىدىغان ئۆستۈرگۈچى ئامىللار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ،داۋاملىق چۈشۈش ۋەزىيىتى كونتىرول قىلىنىپ ماڭىدۇ .
   جۇڭشىن بانكىسى خەلىقئارا پۇل-مۇئامىلە مۇتەخەسىسى لىيۇۋىيمىڭ تۆنۈگۈن مىكروبىلوگىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ،كەلگۈسى 5يىل ئىچىدە ، ئالتۇن 800دوللار (162يۈەن خەلق پۇلى ) غا ۋە 900دوللار (182يۈەن خەلق پۇلى)غا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى دەلىللىدى .
  لىيۇۋىيمىڭ مۇنداق دىدى : كەلگۈسى 10 يىلدا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى 6000كۆرەلمىگەندىن باشقا ، ئالتۇنمۇ 1920دوللارنى كۆرەلىشى ناتايىن ، پۇل پاخاللىقىنى كونتىرول قىلىشى چارىسى ، پايدا نىسبىتىنىڭ يۆلىنىشى ۋە دوللارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ، كەلگۈسىدە كۆرىدىغىنىمىز ئالتۇن 800-900دوللار بولسا ، كۆمۈش 12~15دوللارغىچە بولىدۇ .

   ئالتۇن باھاسىنىڭ 800~900دوللارغا چۈشۈپ قېلىشىنى كۈچەيتىدىغان ئامىللار :
    ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلىشىنى ئارقىسىدا ، دوللارغا ئۆسۈش يۆلىنىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ ،.بۇنىڭ يىلتىزىنى سۈرۈشتۈرىدىغان بولساق ، ئامېرىكىنىڭ ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىدىغان ئىقتىسادىي چىقىم كۆرسەتكۈچىنىڭ، پىلاندىكىدىن ياخشى چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ .ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تەخىتكە ئولتۇرغاندىن باشلاپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىي ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ .چۈنكى ئوباما خام چوت لاھىيەسىنى قىسقارتىپ، بىرتۈرلۈك داۋالىنىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى . بۇ ئاساسلىق ئامىل .
  ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئىمپورت بېجىنى ئۆستۈرىشى نەتىجسىدە ، دۇنيا ئالتۇن ئىستىمالى 30% كەينىگە چېكىندى .
  بۇنىڭ مەنبەسىنى تېپىش تولىمۇ ئاسان . ئاسىيانى مەركەز قىلغان جۇڭگو ،ھىندىستان، روسىيە قاتارلىق ئۈچ ئاساسى دۆلەت دۇنيا ئالتۇن ئىستىمالى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھىساپلىنىدۇ .ھىندىستان مەركىزى بانكىسىنىڭ ئالتۇن ئىمپورت بېجىنى ئۆستۈرۈش لاھىيەسى ، ھىندىستانغا كىرىدىغان ئالتۇن ئومۇمىي مىقتارىنى ئازلىتىۋىتىدۇ .بۇنىڭ نەتىجىسىدە ،ئاسىيا بازىرىدىكى ئالتۇن "تۆكمە"قىلىپ سېتىلىشقا دۇچ كىلىپ، ئامېرىكا ،ياۋروپا .ئالتۇن بازىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
  دۇنياۋى چوڭ ئالتۇن كۈمۈش ماگناتلىرىنىڭ بازاردىن چىكىنىشى
ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ، ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئېمپورت بېجىنى ئۆستۈرگەنلىك خەۋىرى بىلەن تەڭلا، يەنە بىرقىسىم ئالتۇن ماگناتلىرى بازاردىن چېكىنگەن ، بۇنداق ھالەتتە ئالتۇن كۆمۈشكە چۈشۈش يۆلىنىشى ئارتىپ كىتىدۇ .
   جۇڭگۇ تاۋار مال ئىكىسپورت بازىرىدا قىزىل رەقەم پەيدا بولىشى .
  دوللارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى
  ياۋوپاغا ئېغىر "بوغچا" بولغان گىرىتسىيە مەسلىسى .

   22-مارت خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1636دوللار (131.39يۈەن خەلق پۇلى )غا چۈشتى ، كۆمۈش  31.65دوللار (6.41يۈەن خەلق پۇلى )غا چۈشتى .


  يۇقارقى ئامىللار ئالتۇن بازىرىغا بىۋاستە كۆرسىتىدۇ ، تەسىر كۆرسىتىش نىسبىتى يۇقىرى ، ئەمەلىيلىشىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى .
   ئەگەر ئالتۇن بازىرى ئاي ئاخىرغىچە 1700دوللارلىق ئەسلى يۆلىنىشى تىپىپ بولالمىسا ، كىيىنكى ئالتۇن كۈمۈش بازىرى تىخىمۇ پاسسىپ تىخىمۇ خەتەرلىك . تارتىش كۇچى سەۋەبىدىن داۋاملىق چۇشىشى مۇمكىن .

      ئەسكەرتىش : بۇ پەقەت پايدىلىنشى ئۇچۇ يوللاندى ، ئەمەلىي ھۆكۈم يەنىلا ئۆزىڭىزگە باغلىق.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
183
تۆھپە
103
UID
3842
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 18:48:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
22-مارت خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1636دوللار (131.39يۈەن خەلق پۇلى )غا چۈشتى ، كۆمۈش  31.65دوللار (6.41يۈەن خەلق پۇلى )غا چۈشتى .

بىز بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرمىدۇققۇ. بۇ خەلقئارادىكى باھاسى بولغان بولسا چوقۇم دۆلىتىمىزگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى كېرەققۇ؟؟؟


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 18:49  

سېغىنىش ئازابىنى تارتىۋاتقانسەن ھە .....

Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 19:12:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 2

تىللا
125
تۆھپە
36
UID
12289
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 20:27:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 6Rank: 6

تىللا
766
تۆھپە
485
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 00:59:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر 160 يۈەنگە چۈشۈپ قالسا پۇل يىغىش قىلىپ ئىككى كېسەك  (20كىلوگىرام) ئالتۇن ئېلىپ قويامدۇق .

Rank: 3Rank: 3

تىللا
153
تۆھپە
90
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 17:06:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ قاچان ئالتۇن باھاسى چۈشەركىن دەپ ئولتۇراتتىم ،بۇمۇ بولغىنى   دىمىسىمۇ ئالتۇن بەكلا ئۆرلەپ كەتكەنتى

Rank: 4

تىللا
367
تۆھپە
204
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 19:04:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەنىمۇ  بولسا  چۇشىدىكەان...ئالتۇننىڭ   باھاسى   چۈشسە  كوپ  ئىشلار    يۈرۇشەتتى  ...تىزراق   چۈشسۇن،،،تۆت  كۆز  بىلەن  كۈتىمەن

Rank: 4

تىللا
367
تۆھپە
204
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 19:05:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پات -پات   خەۋەر  بېرىپ  تۇرۇڭ  جۇمۇ،ئالتۇننىڭ  باھاسىدىن

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1248
تۆھپە
921
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 19:36:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قاچان چۇشەكىن دەپ تۇرغان پات پات خەۋرىنى بىرىپ تۇرۇڭ بىلىۋالايلى.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1225
تۆھپە
755
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 21:53:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياشىى بوپتۇ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:55, Processed in 0.076661 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991