كۆرۈش: 2138|ئىنكاس: 23

يانفوننىڭ بىر قىسىم يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
55
تۆھپە
25
UID
11835
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 16:49:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.يوشۇرۇنغان زاپاس باتارىيە:

ئەگەر يانفونىڭىزنىڭ توكى ئاز قالسا، لېكىن داۋاملىق ئىشلىتىش ئېھتىياجىڭىز بولسا،#3370* نى باسسىڭىز يانفون قايتا قوزغىلىدۇ، قوزغالغاندىن كېيىن توك مىقدارىنىڭ %50ئاشقانلىقىنى كۆرىسىز،بۇنى ئىشلىتىپ بولۇپ يەنە توك قاچىلىشىڭىز كېرەك.لېكىن بۇ بەزى يانفونلارغا ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن. بۇنى پەقەت جىددىي ئەھۋاللاردائىشلىتىڭ!!!

2.جىددىي ئەھۋال ئاستىدا:

پۈتۈن دۇنيادىكى يانفونلاردا ئۇلىنىدىغان جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىش نومۇرى112دۇر!! سىز جىددىي ئەھۋالدا قالغان رايوندا سىگنال بولمىسىمۇ،112غا ئۇرسىڭىز ئاپتوماتىك ھالدا توردىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.قىزىقارلىق يېرى شۇكى،يانفون كونۇپكا تاختىسى تاقاق ھالەتتىمۇ 112غا ئۇرالايسىز!!

يانفوننى ئاسراشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرى:

1.يانفونغا توكى تۈگىگەندە ئاندىن توك قاچىلىماڭ!!ھەرۋاقىت توكى تولۇق ھالەتتە تۇرسا، يانفوننىڭ ئۆمرى ئۇزىرايدۇ.چۈنكى ھازىر يانفونلاردا باتارىيە ئىشلىتىلىدۇ.

2.يانفون ھەققىنىڭ قويمىچىلىرىدىن ساقلىنىڭ!جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى 0000دەپ يېزىپ 10086غا قىسقا ئۇچۇر يوللىسىڭىز شۇ قويمىچىلارنىڭ مۇلازىمەتلىرى زادى قايسىلار ئىكەنلىكى يېزىلغان قىسقا ئۇچۇر قايتۇرىلىدۇ.00000دەپ يېزىپ 186201غا قىسقا ئۇچۇر يوللىسىڭىز بۇ قويمىچىلارنىڭ ھەممە مۇلازىمىتى قايتۇرىلىدۇ!!

3.بىر مىنۇتنى توشقۇزۇپ ئۇرماڭ!بىز ئادەتتە دەل بىرمىنۇت سۆزلىشىپ توختىيالىغىنىمىزغا خوش بولىمىز ، لېكىن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شېركىتىدەئىشلەيدىغان بىر خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە 55سىكۇنت توشسىلا بىر مىنۇتقا ھېسابلىۋىتىدۇ.دېمەك،55سىكۇنتتىن 1مىنۇتقىچە سۆزلەشسىڭىز ئەمەلىيەتتە 2 مىىنۇتلۇق قىلىپ ھېسابلايدۇ.

4.يانفونغا سۇ كىرىپ كەتسە،ھېچقانداق كونۇپكىنى باسماڭ،بولۇپمۇ يانفوننى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى!!بۇنداق چاغدا قېپىنى ئېچىپ باتارىيىسىنى تېزدىن ئېلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ!!

5.يانفون باتارىيىىسنى تىرىلدۈرۈش:

پۇلنى تېجەش ئۈچۈن،باتارىيە كونىرىسا يېڭىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق!! ماۋۇنى سىناپ بېقىڭ:
1)گېزىتتاباتارىيەنى ئوراپ،توڭلاتقۇغا 3كۈن سېلىپ قوياڭ.(توڭلىتىش بۆلمىسىگە!)
2) 3كۈندىن كېيىن ئېچىقىپ ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا 2 كۈن قوياڭ.
3) 2كۈندىن كېيىن توك قاچىلاپ لىق توشقۇزۇڭ.

بۇ چارىنى مەلۇم بىر داڭلىق باتارىيە ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتىدىكى ئىنژىنىر ئاستا دەپ بەرگەن!قېرىنداشلىرىم سىناپ باقسۇن.

6.يانفونىڭىزدا دائىم توك ئۈزۈلۈپ قالامدۇ؟ياكى توكنى لىق قاچىلاپ بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي توكى تۈگەمدۇ؟يانفونىمنىڭ ئۆمرى قىسقىراپتۇ دەپ گۇمانلىنامسىز؟
ئەنسىرمەڭ،بۇ پەقەت ئۇنىڭ ''يۈرەك سوقۇشىنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قالغان''لىقى.
قېرىنداش ئۆچىرىدىغان ئۆچۈرگۈچ بىلەن باتارىيەنىڭ ھېلىقى سېرىق مېتال يېرىنى پاكىز سۈرتۈپ بېرىڭ،ئۇ راستىنلا تىرىلىدۇ!


مەنبە:پەيزاۋات مۇنبىرى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1225
تۆھپە
755
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:59:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ياخشى بىر تىما يوللاپسىز قېرىندىشىم ھارمىغايسىز.....


Rank: 6Rank: 6

تىللا
766
تۆھپە
485
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 20:58:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، بىلىۋالدىم .
                                 


Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
4
UID
11877
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 21:18:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە مۇنداق يوشۇرۇن ئىختىدارىمۇ بار  #13999999999*21*مۇشۇ نومۇر بىلەن بەلگنى تېلىفۇن ئۇرۇش  كونۇپكىسىنى بىسىپ ئۇرسىڭىز بۇ نۇمۇر يوق ياكى بۇ رايۇندا ئەمەس دەپ چىقىدۇ.      ئاچماقچى بولسىڭىز        بۇ نومۇر #21#  بىسىپ ئاچىسىز، يەني تېلىفۇن ھەققىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ نومۇر      # 310*125* بىلەن تېلفۇن ئۇرسىڭىز سىزگە  قىسقا .ۇچۇر قايتۇرۇدۇ   


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
725
تۆھپە
530
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 22:17:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسقاتىدىغان بىلىملەردە بۇ. رەھمەت بىلىۋالدىم.


Rank: 2

تىللا
96
تۆھپە
30
UID
4780
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 22:50:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئۇسۇللارنى يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە!!!!!


Rank: 2

تىللا
125
تۆھپە
36
UID
12289
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 23:03:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بىلۋالدىم


Rank: 3Rank: 3

تىللا
153
تۆھپە
90
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 00:08:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن تېلىفونلا يوق قاندا ئۆتكەن بولغىيتۇق، ئەمدى ھازىر تېلىفون توكى تۈگەپ قالسا ھېچ ئىشنى قىلامايدىغانلا بولدۇق بۇ چارا-ئاماللار  بەك  ياخشىكەن رەھمەت سىزگە!!!،


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
127
تۆھپە
86
UID
3936
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 08:21:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت


Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
37
UID
3983
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 14:10:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم .رەخمەت !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 02:01, Processed in 0.074411 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991