روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5008|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يۈز ياشقا كىرسەڭمۇ يەنىلا سېنى ياخشى كۆرىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-14 12:17:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يۈز ياشقا كىرسەڭمۇ يەنىلا سېنى ياخشى كۆرىمەن . _: {/ k7 v9 M& H2 N2 A' Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نەسىر
6 r8 @) @# K  F7 o/ a* k+ eئەكبەر قادىر مۇرتۇق

+ S& X. f: ~2 R% U& sئاشۇ گۈدەك چاغلىرىمدا،دۈمبەمگە‹‹گۇم،گۇم››قىلىپ ئۇرغىنىڭدا،پۈتۈن بەدىنىمنىڭ تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل شېرىن لەززەت ئىچىدە قانچىلىك يايراپ كەتكەنلىرىنى سەن بىلەمسەن؟!
7 @7 J/ g; U1 @ئاشۇ ئۇيقۇسىز كىچىلەردە،ئاپتاپتا قاغجىراپ كەتكەن يەردەك چاڭقىغان يۈرىگىمنىڭ، سىنىڭ شۇ مېھىر-مۇھەببەت بولدۇقلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقتەك كۆزلىرىڭنىڭ سۈيىگە قانچىلىك تەشنا، چاك-چاك يېرىلغان لەۋلىرىمنىڭ شۇ ئوتلۇق لەۋلىرىڭ بىلەن داغلاپ قويۇشلىرىغا قانچىلىك ئىنتىزار بولغانلىقلىرىنى سەن بىلەمسەن؟!
0 D# l: l0 u: P3 U‹نىمىشقا مىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ سۆيمەيدىغاندۇ؟››دەپ ئويلىغان،‹‹سەن بەك يۈرەكسىز!جۈرئەتسىز!››دەپ زارلانغان چاغلىرىڭدا،مىنىڭ نەزىرىمدە سەن بىر سۇلتان،ئۆزەمنىڭ بىر دىۋانە ئىكەنلىگىمنى سەن بىلەمسەن؟!2 J" d! \# ?: f' A& }9 D2 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىنى گۈلگە ئوخشىتىپ،گۈل تۈۋىدە ئۇخلاپ قالغانلىغىمنى،شۇنچە گۈللەرنى پۇراپمۇ،شاماللاردىن ئىسمىڭنى بىر ئاڭلىۋالغانچىلىك ھۇزور ئالالمىغانلىغىمنى سەن بىلەمسەن؟!
& O' E3 x& E" J4 {% Wقولۇمغا قەلەم ئالسام ئىختىيارسىز يېزىپ سالىدىغان‹‹گۈزەل مەكتەپ ھاياتىم››دىگەن سۆزلەرنى نىمىشقا ئەڭ ياقتۇردىغىنىمنى سەن بىلەمسەن؟!
. Y  y! ]' h- }* K& Nسىنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا گەپ قىلماي،يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشىمنىڭ سەۋەبى،خىيالىمدا ھەر ۋاقىت سىنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ كۈنۈپ قالغانلىغىم ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى سەن بىلەمسەن؟!6 u# W& U1 S' u, Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋىسالىڭغا يىتەلمىسەممۇ،سىنىڭ ھازىر بەخىتلىك ئىكەنلىگىڭدىن قانچىلىك خۇشال-خورام يۈرىدىغانلىغىمنى،يۈز ياشقا كىرسەڭمۇ،سەن بىلەن نىكاھ ئوقۇتۇپ بىر كۈن بولسىمۇ بىللە ياشىغۇم بارلىغىنى سەن بىلەمسەن؟!9 |/ n1 g3 r, b. ]  K1 {4 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نىمىشقا مەينىڭ گېپى بولسىلا مەست بولۇشقا باشلايدىغىنىمنى،ئۆزۈم ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تۇرۇپ‹‹ھىكايە،نەسىر يازىدىغان شائىر››دەپ ئاتىلىپ قالغانلىغىمنى سەن بىلەمسەن؟!
) |, k$ h; t8 f# uيوقىرىدا تىلغا ئالغان‹‹نىمىشقا؟››دىگەن سۇئاللىرىمنىڭ بىردىنبىر جاۋابى‹‹سەن مىنىڭ تۈنجى ئاشىقىم،مەڭگۆلۈك سۆيگەن نىگارىم››ئىكەنلىگنى سەن بىلەمسەن؟!
. d* r1 z6 k3 Tئاپتور:تۇرپان شەھەر سىڭگىم يېزا مۇرتۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +2 تەڭگە +1 يىغىش سەۋەبى
xahrizad + 2 + 1 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-10-15 13:52:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزپىسز چىن ھېسياتنى كۆردۈم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-15 14:53:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا چۈشەنگىنىڭىزگە رەخمەت!
ۋاقتى: 2015-10-17 13:29:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.
ۋاقتى: 2015-10-20 15:08:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزپىسز مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 01:59

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش