روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 17372|ئىنكاس: 16
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كېچىدە قالغان ئايال (تولۇق قىسىمى)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كېچىدە قالغان ئايال
6 ]8 Z- }2 V6 ^" }% Xئاپتۇرى :ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت

/ E* q2 C; y+ Y
: S$ T5 f' g- t6 k; t8 J7 I5 q. O& r) t8 f9 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
توك يەنە تۈگەپ كىتىپتۇ،ئەللىك كويغا قاچىلاتقان توك ئاران 68كۈن يىتىپتۇ،شۇنچە ئاۋايلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم بولمىسا.....مەنغۇ مەيلى بىر ئىشلارنى قۇلۇمنىڭ دىمىدە قىلىۋېرىمەن ،يامان بولغىنى ئەسمىرە تاپشۇرۇقنى ئىشلىيەلمىدى،توكنى يا خوشنىلاردىن ئارىيەتكە سوراپ كىرگىلى بولمىسا. سەن بۇيۇڭنى كۆرسەتمىگىلى ئون كۈندىن ئېشىپتۇ. يېنىمدا ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ئون كوي قالدى ،ئەتە گۈلىرەگە ھەپتىلىك تاماق پۇلىنى بەرمىسەم بولمايدۇ. ئۆيدىن تىلفۇن  ئۇرسام تىلفۇنىڭ بىر نىمىلەرنى دەپ كەتتى،لىكىن ئەسمىرە سىرىتتىن ئۇرسا ئۇلىنىپتۇ ،ھاياتكەنسەن ،ئىشلەۋېتىپسەن.
$ i- y. \: S5 G; C' x' ?ئالدىڭدا نىمە گۇناھ قىلدىم بىلمىدىم ؟مەن يا ساڭا زورلاپ تەككەن ئەمەس،سەن بۇسۇغىمىزدا ئىتتەك يېتىۋالمىغان بولساڭ،ئاتا ئانام سىنى يوغان يەردە خىزمىتى بار ئىكەن ،بالىمىزنى سىقىپ قويىدىغان ئاتا ئانىسى يوق ئىكەن ،دەپ مىنى ساڭا بەرمىگەن بولسا مەنمۇ بۇنداق يوقنىڭ دەردىنى تارتىپ سارغىيىپ يۈرمەستىم.شۇ يىلى تۇلۇقسىزدىن قاتناشقان ئىمتاھاندا نۇمۇرۇم شۇنداق ياخشى ئىدى،ئەدىلىيە مەكتىۋىدىن چاقىرىقمۇ كەلگەن ئىدى.لىكىن ئۇ ۋاقىتتا مەن ئالا بۇرۇن سىنىڭ بەكرەك قارىسام بىر يىرى ئاغرىپ كىتەرمۇ دەپ ئاۋايلايدىغان ئارزۇلۇق خۇتۇنۇڭ ئىدىم،ئۇرۇق ۋىجىك گەۋدەم قىممەت باھالىق كىيىملىرىڭ ئاستىدا يەنجىلىپ قالغان،بوينۇم ئالتۇن زەنجىرلىرىڭدە باغلىنىپ بولغان ئىدى. 1 ?# T9 S' x2 s; s& Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
گۈلىرە بىر ياشقا كىرگۈچە يامان ئەمەس ياشاپتىمىز،لىكىن نىمىشقىكىن ئۆيدە ئاش ئىتىپ قاچە يۇيۇپلا بۇ بۇ ھاياتنى ئۆتكۈزۋەتكىم يوق ئىدى.بىر ئاماللارنى قىلىپ ھېىقى پوپايكا تۇقۇيدىغان دۇكاننى قۇردۇم،(سىنىڭ ياردىمىڭدە)ئىشىم يامان ئەمەس ئىدى،باشقىلارنىڭ خىيالىدىكى پاسۇنلارنى ئۇلارنىڭ خىيالىدىكىدەك تۇقۇپ چىقىرالىسام نەچچە كۈن خوشال يۈرەتتىم،لىكىن سەن شۇ ئىشلارنىمۇ ئاماندا قويمىغان ئىدىڭ.ئۈزۈڭچە چوڭ زاۋۇت قۇردۇڭ،ھىچكىمگە ھىچنىمە دىمەي ئۈزۈڭ بىلگەنچە قىلىۋەردىڭسىنىڭچى تۇلۇقسىزنى ئاران پۈتتۈرگەن بىر ئايال (18ياشلىق)مۇشۇنداق چوڭ ئىشلارنى قىلالارمىدى؟ئۇ كۈزىنى ئېچىپلا سىنى كۆردى،ئەمدى مۇشۇنچە چوڭ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بۇلالارمىدى؟؟؟سەن بۇلارنى ئويلاپ باققانمۇ ياكى چۈشۈڭگە پۇل  كىرىپ قېلىپ خىيالىڭغا كەلگەننى قىلىۋەرگەنمىدىڭ؟قاتار قاتار قۇراشتۇرۋېتىلگەن ماشىنىلار،ماشىنىلاپ ئەكىرگەن يىپ،قاتارلىشىپ كەتكەن ئىشلەمچىلەر.....مەن ھەيران بۇلاتتىمايسى پۇلىمىزغا شۇنداق چوڭ زاۋۇت قۇرغاندىمىز ؟قايسى پۇلغا ئىشچىلارغا ھەق بىرىۋاتقاندىمىز ؟بۇ پوپايكىلارنى كىمگە ،قەيەرگە ساتارمىز؟سەن خۇددى گاچىدەك ،ياكى مەن جاۋاپ بىرىشىڭگە ئەرزىمەيدىغاندەك زادى جاۋاپ بەرمەيتىڭ.
* f; \$ w; y# p4 T  _  v7 u/ C0 X8 x  ~# s! d: Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاخىرى مەن ئويلىغاندەك چاتاق چىقتى،بۇ پوپايكىلارنى يېزىلاردىكى يايمىچىلارغا ساتساقمۇ تەننەرقى توختىمايتى،چوڭ ماگىزىنلاردا سېتىشقا دەرىجىسى توشمايتى.بىز نەلەردە يۈرۈپ ئۈگىنىۋالغان ھۈنىرىمىزگە تاينىپ قىلدۇق بۇ ئىشنى؟مەن پەقەت بىر ئايالنىڭ كىچىك كارخانىسىدا بىر ئىككى ھەپتە تۇرۇپ باققان ،ئۇ پوپايكىلارنى پەقەت بۇيرۇق بۇيرۇقچىلارغا تۇقۇيتۇق،بۇنداق دۆۋىلەپ قۇيۇپ خىرىدار كۈتۈپ ياتمايتۇق.
' Z3 H4 N+ z( R' L" j0 R6 Q, kئىشچىلارغا نەچچە ئايلىق ئىش ھەققىگە ،توك ئىدارىسىگە نەچچە ئايلىق توك پۇلىغا قەرىز بوپتۇق،سەن ئۈسكىنىلەرنىمۇ كىشىلەردىن قەرىز ئېلىپ ئاپسەن ،سوممىسىنى ئېغىزدا دىيىشتىىنمۇ قورقىمەن يىپنىچۇ؟يىپنىمۇ قەرىزگە ئاپسەن،قەرىز ئالمىغان نىمە قالدى؟كىملەرگە نىمىلەرگە قەرىزدار بولمىدۇق؟نىمىسىنى دەي،كىشىلەر ئىشلەمچى چۈمۈلىلەردەك ئۆيگە كەلگىلى تۇردى،ھەممىسى قەرىز ئىگىسى ئىكەن ،بانكىنىڭ ،خۇسۇسىيلارنىڭ ،ئىشلەمچىلەرنىڭ،،،،،،ھەممىسنىڭ بىزدە ئالىدىغان پۇلى بار ئىكەن.% \$ ]) {3 M+ A0 h3 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
8 m# L, P7 K1 c5 A( pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
لىكىن بىزدىچۇ ،ئىسىق جاندىن باشقا نىمە بار ئىدى ئۇلارغا بەرگىدەكھەممە يەر مۇدھىش،،،ھەممە يەر قورقۇنۇچلۇق،،،،ئىشىكتىن چىقىشمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇشمۇ ئوخشاشلا قورقۇنۇچلۇق بۇلۇپ كەتكەن چاغلار ئىدى ئۇ كۈنلەر.
# e- [5 }" G9 U2 Jئاخىرى ئەسمىرەنى تۇغۇپ ياتقان ۋاقتىمدا ئۆيدىكى چىنە بىلەن قازاندىن باشقا ھەممە نىمىنى بانكىدىكىلەر قەرىزگە ھىساپلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى.سەن نەلەردىندۇر ئېلىپ كەلگەن ئۇ ئۈسكىنىلەر ئەسكى تۈمۈرنىڭ پۇلىغىمۇ يارىمىدى،ئاشقان يىپ پوپايكىلارمۇ قەرىز ئىگىلىرگە قەرىزگە ھىساپلاپ بىرىلىپتۇ،بۇ بىر يىل جەريانىدا بىر ئۆمۈر ئىشلىسەكمۇ تۈگمىگىدەك قەرىزگە بۇغۇلۇپتۇق.( X# c0 F) F: ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
غۇربەتچىلىك ...يوقلۇق ھەممە يەردىن تۈكۈلۈپ تۇراتتى،تاممۇ ،ئىشىكمۇ ،يەرمۇ،،،،ھەممىسى يوق يوق يوق دەيتتى.ھاراق ئىچىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم ،ئەمما بۇنچىلىك ئىچىدىغانلىقىڭنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن ،بىر ئىچسەڭ ھىچنىمە ئىسىڭدە يوق ئىچىۋىرەتتىڭ،بىر ئىچىشنى باشلىساڭ نەچچە يۈز يۈئەنگە قەرىزدار بولمىغۇچە توختىمايتىڭ،نە ئۆي نە بالا،نە خىزمەت ھىچنىمە ئىسىڭگە كەلمەيتى،بەزىدە ئايىقىڭ يوق،بەزىدە چاپىنىڭ يوق ئۆيگە كىلەتتىڭ،ئەمدى ماڭا يېڭى ئىش چىقتى،بۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىردا قاۋاقمۇ قاۋاق يۈرۈپ سىنى ئىزدەيتىم،مەقسىدىم بىرلا،خىزمىتىڭنى ساقلاپ قېلىش،شۇ ئارقىلىق بالىلىرىمنىڭ يەيدىغان نېنىنى ساقلاپ قېلىش ئىدى.
$ B8 [. v  U- l0 O0 D7 ?
& Q+ F1 Y* j" z! g$ H7 x: t7 Hبەزىدە سىنى ئۆيگە مەس ھالىتىڭدە ئەكەپ بولغۇچە ئۈلۈمۈمنى كۈرەتتىم،ئەتە ئىشقا كىچىكىپ قالمىسۇن دەپ كىچىچە ئۇخلىماي سىنى ساقلاپ پاكىز كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ ئىشقا يولغا سالسام چۈشتە كەچتە ئىشخاناڭنىڭ ئالدىدا بالىسىنى ساقلىغان ئانىدەك سىنى ساقلايتىم ،سەت گۆلەيگەن كۆزلىرىڭنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كىتەتتىم،بىرەر ھەپتە ئىچمىسەڭ بىرەر ئاي ھاراق ئىسىڭگە كەلمىگەندەك بىر ئوبدان بۇلۇپ قالاتتىڭ،لىكىن ئىچىشنى بىر باشلىدىڭمۇ سىنى توختىتىش بەسى مۈشكۈل ئىدى.( u: C+ A8 o0 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىنى ئىزدەپ يۈرۈپ قاۋاقنىڭ يېنىدا دۇكان ئاچىدىغان بىر ئايال بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم،ئۇ بالىلار ئوينايدىغان ئۇيۇنچۇقخانا ئاچىدىكەن،مەنمۇ ئېچىپ باقسام بۇلارمۇ دىگەن خىيال كاللامدىن كەچتى.
, o5 Q7 R; l- e6 O
  B' r  h# L& c1 S( N( V5 B* m' Yسىنىڭ ئىش ھەققىڭنى سوتتىكىلەر قەرىز ئىگىلىرىگە بۇيرىۋەتكەچكە بىزگە يىگىدەك نان بەكمۇ تەستە چىقىۋاتاتتى.ھەر كۈنى قەرىز سۈيلەپ كىلىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتى،شۇنچە كۆپ پۇلنى نەگە ،نىمىگە ئىشلەتكەن بولغىيتىڭ بەكمۇ ھەيران قالىمەن ،،،500مىڭ يۇئەن ،ئويلىسام شۈركىنىپ كىتىمەن ،لىكىن بۇ چۇقۇم قايتۇرۇشىمىز كىرەك بولغان قەرىز ئىدى ،بۇ سان ھەر كۈنى مىڭەمنى ھەرىدەك چاقاتتى.مەن 19يېشىمدىن باشلاپ مۇشۇ قىسمەتكە چۈكۈپ كەتكەن ئىدىم .0 e! m; \# e: W. O/ {/ V6 m! qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىنىڭ قىممەتلىك غۇرۇرۇڭغا مىڭ قېتىم يالۋۇرۇپ ئاخىرى ئىككى ماشىنىسى بار بىر ئۇيۇنچۇقخانا ئاچتىم.بالىلاردىن 20پۇڭدىن 50پۇڭدىن ھەق ئالساممۇ ھەر ھالدا يامان ئەمەس كىتىۋاتاتتى،بەزىدە چوڭلارمۇ كىرىپ ئوينايتى،بۇنداق كۈنلىرى كىرىم باشقىچە ئاۋۇپ قالاتتى.ئەمدى قەرىز ئىگىلىرى ئۇدۇل بۇ دۇكانغا كىلىپ مىنى ئىزدەيدىغان بۇلۇشتى ،سىنى ئىزدىسە يەردىن زۇۋان كەلسە كىلىدۇ ئەمما سەندىن زۇۋان كەلمىسە مىنى ئىزدىمەي كىمنى ئىزدەيدۇ؟بەزىلىرى شۇنداق بىچارە چىراي كىلىپ پۇللىرنى بىرىۋېتىشىمنى ئېيتىدۇ،بەزىلىرى سەت تىللار بىلەن ھاقارەت قىلىپ تۇرۇپ پۇللىرنى دادلايدۇ،ئۇلاردىن رەنجىشكە قىلچە ھەققىمىز يوقلىقىنى بىلىمەن مىڭ بىر جاپادا يىغقان پۇلللىرنى ساڭا بىرىپ تۇرۇپ ئۇلارغىمۇ نىمە كۈن؟شۇ چاغلاردىكى جان جېنىمدىن ئۈتۈپ كەتكەن ھاقارەتلەر ئىچىدىكى بىرسى ئۆلسەممۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.قىزلىرىڭنى ساتامسەن ياكى بىرەر ئىچكى ئەزالىرىڭنى ساتامسەن ئۈزۈڭنىڭ ئىشى،لىكىن چۇقۇم پۇلۇمنى بىرىسەن ،،،، ئۇنىڭ قانخورنىڭكىدەك قىزارغان چىرايى،،،،كاپىلداپ سۆزلەۋاتقان ئېغىزى،قاراڭغۇلاشقان زىمىن.....ئەسمىرەنى باغرىمغا چىڭ باسقىنىمچە كەچكىچە يىغلىغان ئىدىم.ئۇنىڭمۇ قىزلىرى بار ئىدى،ئۇنىڭمۇ چىرايلىق بولمىسىمۇ ئايالى بار ئىدى...ئۇ بىر ئەرنى بىر ئادەمنى مۇشۇنداق ھاقارەت قىلسا قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلەتتى،لىكىن بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغان ئىدى،چۇنكى ئۇمۇ پۇلنىڭ ئاچچىقىدا شۇنداق قىلىۋاتاتتى،بۇ سۆزلەر ساڭا ئېغىر كەلمىگەنمىدى؟شۇ يەردە سەنمۇ بار ئىدىڭغۇ؟لىكىن مۇھتاجلىقتا ئادەم ھەممىگە چىدايدىغان بۇلۇپ كىتىدىكەن ،ئەگەر سەن بىرەر قاپ تاماكىنى ئاز چەكسەڭ بىرەر قېتىم ھاراقنى ئاز ئىچسەڭ بىز مۇشۇ خەقنىڭ پۇلىنى ئاز ئازدىن بولسىمۇ قايتۇرساق بۇنداق ھاقارەتكە ئۇچىرامىدۇق؟ئۇلارمۇ ئادەم بەلكىم بۇنداق قىلماس ئىدى.  U+ E. Q$ G% T, s3 u1 F1 G" \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇنجى قېتىم دۇكاننىڭ پۇلىسىدىن ھېلىقى مىڭىسىگە قان چۈشكەن ئادەمنىڭ پۇلىنىڭ 500يۇئەن بەردىم،ئۇ كىشى ھەر قېتىم ئىككى قولتۇقىدا ھاسا،كۆزلىرى پولتىيىپ تۇقۇغىسىز بۇلۇپ كەتكەن ھالەتتە كىلەتتى،ئۇنىڭ كالۋالاشقان تىللىرى ماڭا پۇلۇمنى بىرىڭ دىيەلمىسىمۇ ئۇنىڭ پۇلغا كەلگەنلىكىنى بىلەتتىم،ئۈزۈمگىمۇ شۇنداق ۋەدە قەلغان ئىدىم ‹ئەگەر پۇل تاپسام مۇشۇ كىشىنىڭ پۇلىنى ئەڭ ئاۋال بىرىمەن ›دەپ،تۇنجى قېتىم شۇ ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بۇيۇم ئازراق ئۆسكەندەك خوشال بولدۇم،يىنىكلىدىم ،ئازراق بولسىمۇ غەمدىن قۇتۇلدۇم.1 Q: X7 b5 n5 R% x7 t- zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7 k+ @$ f6 T( e2 c: F3 n3 j/ |' ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
گۈلشەننىڭ دۇكاندا پەيدا بۇلىشى بىلەن تورخانا ئېچىشقا قىزىقىپ قالدىم ،ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۈرۈمچىدە تورخانىلارنىڭ تىجارىتى ناھايتى ياخشىكەن ،ئۇ تەتىلى تۇشۇپ مەكتىۋىگە كەتكۈچە ماڭا ياردەم قىلىپ ئۈگۈتۈپ قۇيدىغان بولدى.شۈكرى سەن بۇ ئىشقا تىزلا قۇشۇلدۇڭ،20مىڭ كوي قەرىز سوراپ كىرمىگەن تۈشۈك قالمىدى،لىكىن تاپتۇق،تورخانا باشقۇرۇش مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالامۇ تەس ئىش ئەمەسكەن ،مەن كومپىيوتىرنى نورمال قوزغىتىپ بەرسەملا قالغان ئىشنى كىرگەن خىرىدار ئۈزى قىلاتتى،،،،،
6 y  \/ o  B! L2 yگۈلشەننىڭ ئۈگەنگەن كەسپى بىزگە بەك ئەسقاتتى،مەنمۇ ئوقۇغان بولسامچۇقۇم گۈلشەندەك ئىقتىدارلىق ئادەم بۇلاتتىم،ئۇ سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ياخشى دوستۇم ئىدى،ئەھۋالىم ھەققىدە زادى گەپ سورىمىدى ،ئۆيگە كىر دىيىشكىمۇ پېتىنالمىدىم .سەنمۇ بۇ قېتىم خېلىلا قىزىقىپ قالغان ئىدىڭئۇ ئۈگەتكەن نەسسىلەرنى تىزلا ئۈگۈنەلەيتىڭ،ئەمدى گۈلىرەنى ئۇرۇندۇققا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ ،ئەسمىرەنى پوكىنىمغا بېسىپ ئوتتۇرا كىچىگىچە تورخانا ئاچىدىغان بولدۇم،ئاچقان قورساق تالغان كاللا ھىچنىمە ئىسىمگە كەلمەيتتى پەقەت پۇل تېپىشىم كىرەك ئىدى.7 [  ]& S6 t) ]" t9 G% uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
( K" T$ B/ N! Z9 g) }- dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنداق پۇل تېپىشىم كىرەك ئىدى،پۇل ئارقىلىق يۇقالغان ئىززەت ھۆرمىتىمنى قايتۇرۇپ كىلىشىم مەنمۇ ئادەمدەك بېشىمنى ئىگىز كۈتۈرۈپ ياشىشىم كىرەك ئىدى.سودىنىڭ نەقەدەر يۈرۈشۈپ كەتكىننى بىلىسەن ،ئېيىغا ئون مىڭلاپ قەرىز قايتۇراتتىم،بالىلارغا بىرەر كوي بىرىشكىمۇ قىيماي پۇل يىغاتتىم.4 a9 O# R, ~( Y( t, dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھېلىقى كۈنى سنى ساراڭ بۇلۇپ قالدىمىكىن دەپ قالىمەن ،ئەسمىرەنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئۈگدەپ قاپتىمەن ،بىر چاغدا مىڭەمگە قاتتىق بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى،كۈزۈمنى زادىلا ئاچالمىدىم ،قورقۇپ كەتكەن ئەسمىرە قىقراپ يىغلايتى....دۇكاندىكى خىرىدارلار ساڭا ئېسىلۋالغان ئىدى ،سەن ماڭا ھۈرپىيىپ قاراپ تۇراتتىڭ ئوڭ يۈزۈم چىدۇغۇسىز ئاغىرۋاتاتتى،ياندىكى دۇكاندىكى ھاراق ساتىدىغان ئايال مىنى يۈلەپ ئەپچىقىپ كەتتى،ئۇنىڭ ئۈيىدە ئەينەككە قارىسام ئوڭ كۈزۈم بىلەن يۈزۈم قۇشۇلۇپ قاپقارا كۈكىرىپ كىتىپتۇ،ئىچ ئىچىمدىن بىر يىغا قايناپ چىقىۋاتاتتى....نىمە قىلغان گۇناھىمغا مىنى ئۇرغاندۇ؟....ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتىم،ھەممە دەردىم مۇشۇ يىغا بىلەن تۈگەيدىغاندەك شۇنداق ئۇزۇن شۇنداق بۇغۇلۇپ يىغلىدىم ،قىزلىرىم مەن تەڭ يىغلىدى ،ئۇلار يىغلاشتىن باشقا نىمىمۇ قىلالىسۇن؟بىزگە بالا بۇلۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنى ئۈچۈنلا ئۇلارمۇ بىز بىلەن تەڭ جاپا چىكىۋاتاتتى.5 r$ F- U. @# ?7 s! Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

+ Q' T( P; H6 j" t* i# ?3 \ئەتىسى بېشىمدىكى ياغلىقنى چوڭراق ياغلىققا ئالماشتۇرۇپ كۈزۈمگە قارا كۆز ئەينەك يەنە دۇكاننى ئاچتىم،دۇكان بىر كۈن توختىسا سەككىز كومپىيوتىرنىڭ بىر كۈنلۈك چىقىمى گەدىنىمگە چۈشىدۇ،تاقاپ قۇيۇشقا ئامالىم يوق ئىدى،ئۈزۈمنى باقالمايۋاتقاندا يېتىپ قالغان كومپىيوتىرلارنىڭ چىقىمىنى قانداقمۇ كۈتۈرەلەيمەن ؟
: Y5 Q" U/ t  Q) H& h8 Fسەندىن سەسكىنىپ كەتكەن ئىدىم،چۈشتە سىيىپ قويغان كىچىك بالىدەك يەرگە قارىغىنىڭچە دۇكانغا كەلدىڭ،-نىم بولغاننى بىلمەيمەن ،مەنغۇ سىنى ئۇرغاندەك قىلمىغان ،خاپا بولما....+ K% T8 x& b0 p# Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇمكىنمۇ؟يۈزۈمگە تۈنجى قېتىم ئۇرغىنىڭ بىلەن يۈرۈكۈمگە تالاي قېتىم ئۇرۇپ بولغان تۇرساڭ،،،گەپ قىلمىدىم،دۇكانغا كىرگەنلەر شۇبىھە بىلەن كۈكىرىپ كەتكەن كۈزۈمگە قارايتى....بىرەر گۇناھ قىلغانمىدىڭىز يە؟دىققەت قىلماي بىرە ئەر كىشى بىلەن....قارا بۇ ھاقارەتنى....يەنە ئىشخاناڭدىكى ھېلىقى قىلىقى سەت خۇتۇن كىچىچە دۇكان ئاچىمەن دەپ باشقا ئەرلەر بىلەن بىر ئىش قىلىپتىكەنمۇ دەيمەن شۇڭا ئۇرۇپتۇ دەپ يۈردى....مەن بۇ ھاقارەتلەرنىڭ ھەممىنى خۇداغا قۇيۇپ قويدۇم!خۇدا ھەممىنى كۈرۈپ بىلىپ تۇرىدۇ ،كىم نىمە قىلىۋاتىدۇ ،،،،# f! g1 x' N& v: tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

) V1 j; m" m+ dكاللامدا پۇلدىن باشقا بارلىق ئۇقۇملار يۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى،بىرەر ئىككى موچەن ئۈچۈنمۇ بەك چىڭ تۇراتتىم،چۈنكى بۇ پۇللارغا مىنىڭ قان تەرىم ،ياشلىقىم ،ئازاپ ئۇقۇبىتىم ،قەدىر قىممتىم غەم ئەندىشىلىرىم ،تۇلىمۇ يىراقتا قالغان بەخىت تەلىيىم سىڭگەن ئىدى.
6 o& A2 M9 |! l9 N0 I ناھىيىمىزدە بىزدىن باشقا تورخانا ئاچقان بىرمۇ ئادەم بولمىغاچقا ئىشىمىز ئوڭچە يۈرۈشۋاتاتتى،بىر كۈنى سەن يەنە يېڭى گەپ تاپتىڭ.-ئىدارە شەھەرگە ئۆي سالىدىكەن ،تىزىملىتىپ قويدۇم،-دىدىڭ،خۇددى تۇلىمۇ ئاددى بىرەر ئىشنى قىلماقچىدەك،ياكى بازاردىن بىرەر كاللەك پالەك ئەكىرگەندەك.-ھازىرقى 20مىڭ يۇئەنلىك ئۆينى ئېلىشقا قۇربىمىز يەتمەيۋاتسا....دىدىم سەل رەنجىپ.
$ L) v, o  z7 z1 F-قەرىز بىجىرىپ بىرىدىكەن .
4 ?) J3 j/ J- }-ھازىرقى قەرزىمىز يەتمەيۋاتامدا!؟' k* E0 |' T0 X- H) X8 ?9 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-بىر گەپ بۇلا.....  `& \2 @0 N- yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ نىجىس ئۆي !ھەممىدىن بەك مىنىڭ دۇكىنىمغا بېرىپ تاقىلاتتى ،شەھەردە تورخانا دىگەن ساماندەك،سەككىز تال كومپىيوتىر بىلەن تورخانا ئاچىمەن دەپ ئىلتىماس قىلغىلىمۇ بولمايتى.لىكىن سەن پەرۋايىڭ پەلەك ھالدا يېڭى ئۆينىڭ چۈشىنى كۈرۈشنى باشلىدىڭ.! m- H1 s! l, W% Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

$ Y+ s$ J; N0 A( g, ~, S' B: C ئويلىسام دۇنيادا چۈمۆلىچىلىكمۇ ئورنى يوق ئادەم ئىكەنمەن ،ئىككى بالىنى جېنىم بەدىلىگە تۇغۇپ ....بېقىپ چوڭ قىلىۋاتىمەن ،لىكىن ھەممە ئادەم تۇرسۇننىڭ بالىلىرى دەيدۇ،جېنىمنى گۆرۈگە قۇيۇپ ئاچقان دۇكىنىمنى تۇرسۇننىڭ دۇكىنى دەيدۇ،ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان مىنى تۇرسۇننىڭ خۇتۇنى دەيدۇ.% L+ X- x9 @1 I3 n1 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دىمەك مەن ،مەن ئەمەس،مەن تۇرسۇننىڭ سايىسى ئىدىم،تۇرسۇن ماڭا يۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولسىمۇ مەن يەنىلا تۇرسۇننىڭ ئىدىم،بۇ خۇددى يۈك ئىشەككە تەۋە بولماي ئىشەك يۈككە تەۋە دىگەندەكلا تۇيۇلاتتى., H2 P: u1 i% ]) j/ Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

- B$ d1 _4 g! y/ bسىنىڭچە مەندە تۈگمەس پۇل بار ئىدى،...ئاغزىڭ پۇل دەپ مىدىرلاپلا تۇراتتى،يوق دىسەم ئىشەنمەيتىڭ،بەرسەم يەنە ئىچىۋالاتتىڭ،تىقىپ قويغان يەرلىرىمدىن بىر ئاماللارنى قىلىپ تېپىۋالاتتىڭ،سىنى ئادەم ئەمەسمىدۇ ؟تۇمۇرىدا قان ئەمەس باشقا نەرسە ئېقىۋاتقانمىدۇ دوپ ئويلاپ قالاتتىم،قىسقىسى قەلبىڭگە بىرسى قۇلۇپ سېلىۋەتكەندەكلا ھىچنىمىدىن تەسىرلەنمەيتىڭ،خوش بولمايتىڭ،خاپىمۇ بولمايتىڭ.....
8 L: U( M0 @. ^6 p* u, X$ X  Lگۈلىرە بىر قېتىم ساق ۋاقتىڭدا دادا ئەمدى ھاراق ئىچمەڭ ،مەن مەكتەپكە باراي دەپ قالدىم ،مەكتەپكە بارسام بالىلار مىنى ھاراقكەشنىڭ قىزى دىسە قانداق قىلىمەن ؟ھاراق ئىچىپ ئىشقا چىقمىسىڭىز ئانام بەك ئەنسىرەپ كىتىدۇ،سىز خىزمەت قىلمىسىڭىز بىز نىمە يەيمىز؟6 M( L+ ]4 e0 B/ s5 X7 y# Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
* Z7 F9 M9 e$ d# x, F6 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يا خىزمىتىڭىزنى ئانامغا ئالمىشىپ بىرىڭ ،ئانام ئىشلەپ ھەممىمىزنى باقسۇن-دىگەن ئىدى ،سەن سىڭا تەرىپىڭدە كۈلۈپ تاماكاڭنى شوراپ ئولتۇرۇۋەرگەن ئىدىڭ.قىزىڭغا مەستلىكىڭمۇ كەلمىگەن ئىدى،ۋىجدان ئازابىمۇ چەكمىگەن ئىدىڭ،خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئويلاۋاتقاندەك ئولتۇرىۋەرگەن ئىدىڭ./ j( X, d3 u- R% `* }2 ^9 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

" r/ a) b( W" ~" J5 r% {: `  o  O-ھېلىقى ياز سەن يېزىدا قۇنۇپ ئىشلىگەن ياز ،مەن ئىككى بالىنى ئانا قۇشتەك پوكىنىمغا بېسىپ كىچىچە ئۈرە ئولتۇراتتىم ،ھاجەتكە بېرىشقىمۇ ئىمكان يوق ئىدى ،تاماقنىمۇ بىرەرسىگە پۇل بىرىپ ئەكەلتۇرەتتىم،تورخانىغا ئەرلەر كۆپ كىرەتتى،بەزى كىچىسى تۈنەپ قالدىغانلارنىڭ پۇلى خېلى ئاينىيتى،شۇنى كۆزلەپ لىق تاماكا ئىسى قاپلىغان بىر ئېغىز ئۆيدە 24سائەت ئولتۇرۇپ دۇكان ئاچاتتىم ،ياز ۋاقتىلىرىغۇ ئىشىك ئالدىغا ئۇرۇندۇق قۇيۇپ ئولتۇرسام بۇلاتتى،لىكىن قىشتا ئەڭ تەس كۈنگە قالاتتىم،تاماكا ئىسى دىمىمنى سىقاتتىياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بالىڭىزنى ئۆيگە ئاچىقىپ قويۇڭ دەيتتى،لىكىن بالىلار بولسا يۈرۈكۈم پۈتۈن تۇراتتى،يامان كۆزلەر مەندىن نېرى بۇلدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بۇلاتتىم،شۇڭا بالىلارنى يېنىمدىن نېرى قىلمايتىم.2 |, h  D, ^" u. v0 k- J4 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

+ V5 v7 l( v' H6 f. \8 I سەن ئۆيگە قايتمىغىلى ئون كۈندىن ئاشقان ئىدى،بىر كۈنى ئىر ئادەم چاقىردى،يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ يۈگۈرۈپ چىقسام ،چوڭ ياشلىق بىر ئادەم ،-ئۇكام تۇرسۇنناخۇننى ياندۇرۇپ كەلسىلە بوپتىكەن ،يېتىۋېرىپ ئۈلۈپ قالمىسۇن ،تاماق يىمىگىنىگىنىمۇ بىر ھەپتىدىن ئاشىتى،توختىماي ھاراقلا ئىچىدۇ،ئىدارىسى ئۇقۇپ قالسا تېخى تەس بۇلىدۇ ،بىر ئىش بىلەن بۇ تەرەپكە سىلىگە خەۋەر بەرگەچ ئۈتەي دىدىم -دەپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى.دۇكاننى تاقاپ ئىككى بالىنى يىتىلەپ بىر ماشىننى كىرا قىلىپ كىچىلەپ باردىم،سەن ئادەمگە ئوخشىمايدىغان بىر سىياقتا ئىدىڭ،قۇسۇق،تۈكۈرۈك،چىۋىن،ئەخلەت ،،،شۇلانىڭ ئارىسىدا ،سىنى تەستە ئېلىپ چىقىپ ماشىنىغا باستۇق،قانداق قىلىشنى بىلمەيتىم،ئۇرۇق تۇققانلىرىمغا بۇ دەرتلىرىمنى بىلدۈرگۈم يوق،ئاخىرى قوشنىمىزغا تىلغۇن قىلسام ئۇ بالا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويايلى،ئىدارىمۇ خەۋەر تېپىپتۇ،بۇ ئىشنى ئۇقسا خىزمىتىنى ساقلاپ قېلىشمۇ تەس،شۇڭا ئاغرىپ قالدى دەپ تۇرايلى بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ياخشى بولغاندا ئىشقا چىقار-دىدى،دوختۇر مەسنى ياتاققا ئالمايمىز دەپ ئۇنىمىدى،قانداق قىلىشنى بىلمەيتىم،بۇ تۇرۇقتا ئۆيگە ئەكەتسەم ئەتە يەنە ئىشقا چىقمىساڭ بولمايدۇ،،،،،ھېلىقى قوشنىمىز ئاخىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ سىنى ياتاققا ئالدۇردى.يەنە بولغۇلۇق ماڭا بولدى،ساڭا تاماق تۇشۇۋاتقان،بالا بېقىۋاتقان،دۇكانغا قارىمىسام بولمايۋاتقان.....ئىدارەڭمۇ ئاشقازىنى قاناپ بالنىستقا كىرىپ قالدى دىگەن گىپىمىزگە ئىشەندىمۇ ياكى بىزگە ئىچى ئاغىردىمۇ ئارتۇق بىر نىمە دىمىدى.بۇنداق ئشلار تالاي تەكرارلاندى.....بەزىدە ھەتتا چۈشۈمدىمۇ سىنى مەس ھالاتتە يۈلەپ تۈرۈپ چارچاپ ئويغىنىپ كىتمەن .
5 n$ u. ?. X: ?+ C* j9 n
$ Y% M% M7 D2 O/ J$ J$ [ئاخىرى ھېلىقى شەھەردىكى ھەشەمەتلىك ئۆيگىمۇ كۈچۈپ كىردۇق،لىكىن ھېلىقى ئاخىرى چىقمايۋاتقان قەرىزنىڭ ئۈستىگە يەنە 100مىڭ يۇئەن قەرىز پۇلنى قۇشۇپ ئاندىن كىردۇق،بىزنىڭ باشقىلاردەك ئارتۇق پۇلىمىز بولمىسا بىر بىرىمىزگە قاراپ ھىجىيىپ ئولتۇرغانغا قۇرساق تويمىسا،،،،باشقىلار بەس بەستە يېڭى ئۆينى بىزەشنىڭ جابدۇشنىڭ كويىدا،لىكىن مىنىڭ بۇ ئۆيگە كىرگۈممۇ يوق،چۇنكى سىنىڭ ھە دىسىلا دۇكاننى ئەكىرگۈڭ كىلىپ كەتتى،لىكىن مەن زادى خالىمايتىم،سەن مەندىن سوراپمۇ قويماي ئەكىردىڭ، ئايرىم دۇكان ئېچىشقا شارائىتىمىز بولمىغاچقا خەق بىلەن شىرىك ئاچىدىكەنمىز ،شىرىك دۇكاندا ئەسلىدىكى كىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ ئىرىشەلمەيتىم،ئايرىم دۇكان ئاچقۇدەك قۇربىمىزمۇ يوق ئىدى،كىرىمىمىز بارا بارا تۆۋەنلەپ كەتتى،بەزىدە ئۈزىنىڭ چىقىمىنىمۇ كۈتۈرەكمىگىدەك ھالغا قالاتتۇق.
& r6 z# h  ~% C% Y& ?4 P
8 t) X& i" X& w. z' f/ Y, N5 ]: K ئىككى بالىنىڭ مەكتەپ خىراجىتى،كىيىم كىچىكى ،ئۆينىڭ سەر چىرىقى.....مىنى ھالىمدىن كەتكۈزمەكتە ئىدى.# e- D, Y8 w4 w0 v7 V! V/ lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەن يەنە شۇ ھالىتىڭدە تۇماندەك لەيلەپ يۈرەتتىڭ،سىنى يا يوق دىگىلى يا با دىگىلى بولمايتى،ئارلاپ ئىش تاشلاپ يېتىۋالاتتىڭ،ئىچەتىتىڭ،،،،ئىچەتتىڭ،،،خۇددى سىنىڭ ياشىمىقىڭ ھاراق ئىچىش ئۈچۈندەك.0 }. L6 C5 N! F& a7 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شىپاخانىدىكى بىر تىۋىپتىن سورىسام ئىرىڭىز ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپتۇ،ھاراققا خۇمار بۇلۇپتۇ ،ئەكەلسىڭىز مەن داۋالايمەن ،ئۆزىلا تىرىشسا ئاستا ئاستا ئامال قىلغىلى بۇلىدۇ ،بۇ مۇھىمى ئىرادىگە باغلىق دىدى، لىكىن سىنىڭ بۇ گەپنى ئاڭلىغانكى چىرايىڭ،پۈرۈشكەن ئاغزىڭ،مىنى ھېلىلا يەۋىتىدىغاندەك سەت گۈلەيگەن كۆزلىرىڭ.3 ?9 U, ]9 z. n8 t4 h$ _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
% O3 J6 p" U6 A  x, V0 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-مەن ھاراققا خۇمار ئەمەس،نۇمۇسۇمنى كەلتۇرۇپ شۇ يەرگە بېرىپ داتلاپ يۈردۈڭما؟....ھەيرانمەن ،سەن نىمىشقا نۇمۇس قىلدىغان ئىشقا نۇمۇس قىلماي ،نۇمۇس قىلمايدىغان ئىشقا نۇمۇس قىلدىغانسەن؟.....مەن ئامالسىز ئىدىم،سەن ھەپتىلەپ ئۆيگە كىرمەيتىڭ،دۇكاننىڭ ئازلاۋاتقان كىرىمى خىيالىڭدا يوق،قىزلىرىمنى ئەگەشتۇرۇپ سىنى ئىزدەپ بارمىغان يىرىمىز قالمايتى ،يالغۇز بارسام كىرىپ مارىلاپ يۈرسەم قاۋاقتىكى ھەر قانداق ئادەم غەلىتە قارايدىكەن ،غۇرۇرۇمغا تىگىدىغان سۆزلەرنى سورايدىكەن ،ئىرىمنى ئىزدەيتىم دىيىش تېخىمۇ تەسكەن،شۇڭا بالىلار دادا دادا ...دەپ كىرىۋەرسە بۇلىدىكەن ،بالىلارغا نىمە كۈن بۇ؟ھەممە ئادەمنىڭ بالىلىرى ئاتا ئانىسىنىڭ راھىتىنى كۆرسۈن،ئەمما بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىز بىلەن تەڭ سەرگەردان ئىدى.: c5 h; J0 c/ _; }5 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خىزمەتتىن ھەيدىلىپ كەتمىسۇن دىمىسەم سىنى سېغىنىپمۇ كەتمەيتىم بولمىسا./ A: q  u% B9 `4 u6 G- c. fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەر بىر ۋاق تاماقنىڭ قازىننى جىق ئويلىشىپ ئەڭ ئاز خىراجەت كىتىدىغان تاماقلارنى ئىتتەتتىم،يېرىم جىڭ گۆش تاپسام ئىككى بالىغا گۆش نان ياكى تۈگرە ئىتىپ بىرەتتىم.& _- y, P& F# w4 ]  r: S' a0 w7 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

4 {- @7 M" z6 Hكىيىمنىغۇ قىشتا بىر قېتىم ياشدا بىر قېتىم ئالسا بۇلىدىكەن ،لىكىن بېشىمنى ئەڭ قاتتۇردىغىنى ئاياق ئىدى،شۇنچە ئاۋايلىساممۇ ئاياق يىرتىلىپ كىتەتتى.ئىككى بالىغا ئاياق ئېلىپ ئۈلگۈرتەلمەيتىم،يامىتىپ ھىچ ھالا قالمىغان ئاياقلارنى مەلىكىدەك قىزلىرىم كۆزلىرگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ كىيىپ مەكتەپكە كىتەتتى،مەنمۇ بۇرۇنقىدەك ئۆيدىنلا چىقىدىغان ئاسان ئىش بولمىغاندىكىن بىر كوي پۇلنى ئاياپ ئۈچ بىكەت يولنى پىيادە ماڭاتتىم ،يېرىم كىچە بۇلۇپ كەتسىمۇ پىيادە ماڭاتتىم ،يولنى كۆپ ماڭسا ئاياققا ئۇۋال بۇلىدىكەن ،ئايىقىم زادىلا توشىمايتى ....يۈزۈمدە ماڭغاندەك ماڭساممۇ يەنە يىرتىلاتتى.- ]( u' E; F% v5 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاز تولا يىغىلغان پۇللارنى قەرىز ئىگىلىرگە بىرەتتىم،پۇل يوق...پۇل يوق ...پۇل يوق ئىدى.
- d0 X7 Z# i! {! }8 M% d1 n# h4 i; r) B8 {) n3 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەن بۇ دۇكاننى شىرىك ئاچتۇق دەپ ماڭا جاپانى كۆپەيكەندىن باشقا ھىچ ئىش قىلماپسەن،قارشى تەرەپ ھىچ ئىش قىلمايدۇ ،پايدىنى بىز بىلەن ئوخشاش ئالىدۇ ،بىز يەنە ئۇلارنىڭ دۇكىنىغا ئىجارە تۈلەپ ئولتۇرمىز ،ساراڭمۇ بۇنداق تىجارەتنى قىلمايدۇ،سەن مىنى جاپانى كۆپرەك تارتسۇن دەپ شۇنداق قىلغانمىدىڭ؟
# [5 M- N4 m4 ~3 ^4 w. \  e% p* wبۇ دەرتلەتنى سۆزلىسەم تۈگمەيدۇ ،بۇ دەرتلەرگە مۇپتىللا بولغۇنۇمغا ئون بىر يىل بۇلۇپتۇ،گۈلىرە 14 ياشقا كىرىپتۇ،ئەسمىرە ئون بىر ياشقا كىرىپتۇ ،لىكىن بىز بالىلارغا ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمىدۇق،ئۇلار بىرەر قېتىممۇ كەچلىك تاماقنى بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەپ باقمىدى،بىرەر قېتىم ھېيىت بايراملاردا بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كۈلۈپ ھېيتلاپ باقمىدى،بىرەر قېتىم بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا قاراپ باقمىدۇق،ئىككىسى بىر بىرىنى بېقىپ چوڭ بولدى،مەن سىنىڭ 15يىللىق خۇتۇنۇڭ،31ياشقا كىرىپتىمەن ،لىكىن بىرەر قېتىم ئېچىلىپ كۈلۈپ باقمىدىم .
2 c  [4 a* V. t
4 Y+ K5 ]0 E) `% `( Kئەر ئايال ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىپ بىرىش كىرەك ؟دادا بالىلار .ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىپ بىرىش كىرەك ؟سەن بۇلارنى ئويلاپ باققانسەنمۇ؟
3 g. ~4 D! m7 G% H( {1 s6 Mكىرىم كۈندىن كۈنگە ئازلاپ كەتتى ،كىچىك بالىلار كىرسە جەرىمانىسى تېخى ئېغىر،مەدىنيەت ئىدارىسىدىكىلەرگە ،جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدىكىلەرگە تۇلا يالۋۇرۇپ زىرىكتىڭمۇ بىلمىدىم،تورخانامنى مىنى قاڭغىر قاقشىتىپ يۈرۈپ سېتىۋەتكىنىڭگە يېرىم يىل بولدى،سىنىڭ پۇتۇڭغا ئېسىلىپ يالۋۇرۇشلىرىم ،يىغلاپ بىشەملىك قىلىشلىرىممۇ كار قىلمىدى.ئاخىرى بۇ ئۆيگە يەنە مەھكۇم بولدۇم،بازارلارنى ئارىلىغان ۋاقتىمدا ھەيران قالدىم ،ھازىر ئاياللار بەكمۇ چىرايلىق ئالپىتە ،ئىكەن ....مەن سىلاپ بېقىشقىمۇ ئەيمىندىغان كىيىملەرگە مۇنداقلا قاراپ قۇيۇپ -ۋىيەي ئادەمگە ياققۇدەك بىرەر قۇر كىيىم يوقكىنا دىيىشىپ كىتىدىكەن .# E& u: Q+ Y$ o8 k/ gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

/ b- v" O* P% K5 ]- E7 s) kمەن پەشتىقىغا پۇتۇمنى ئېلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ئوردىدەك ئالى تاماقخانىلاردىكى تاماقلارنى ،ئۇنى بىر نىمەن بۇنى بىر نىمە دەپ بەزىدە تېخى سەمىرىپ كىتىمىز دەپ يىمەيىدكەن ،پەردازخانا دىگەن جايلاردا ......ھەر خىل نامدىكى چايلاردا.....لىكىن مەن بىر ۋاقلىق تامىقىمنى قەيەردە قايسى تۇققۇنۇمنىڭ ئۈتىدە يىسەم بۇلار دەپ باش قاتتۇرمەن.
( r3 |; m+ M' v! K1 p2 R1 ~! @5 Q( }% k6 ~3 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
گۈلىرەنىڭ بىر ھەپتىلىك تاماق پۇلىغا بىرىدىغان 20كوي پۇلنى قەيەردىن تاپارمەن دەپ كىچىچە ئۇخلىماي چارە ئىشدەيمەن ،سەن قۇلۇڭغا ئاشىدىغان ئىش ھەققىڭگە ھاراق ئىچىپ تۈگتىپ يەنە مەندىن پۇل سورايسەن،سىنىڭ سىرىتقا چىقىپ ھاراق ئىچىۋېلىشىڭنى تۇسۇش ئۈچۈن كىچىچە ئىشىك يېنىدا ئۆرە ئولتۇرغان كۈنلىرىم ئازمۇ مىنىڭ ....ئەسمىرەنىڭ ئايىقىڭنى تىقىپ قۇيۇشى نىمە ئۈچۈن؟سىنى يالاڭ ئاياق سىرىتقا چىقالمىسا ھاراق ئىچمىسە دەيدىغاۇ شۇ .....!گۈلىرەنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرغانلىرى ئىسىڭدە يوقما؟ئىدارەڭدىن بالىلارنىڭ يېشىنى سورىغاندا دەپ بىرەلمەي قىزارمىغانمىنىدڭ؟ئىسىت ئۆتكەن ئۆمرۈم تورىانىنى سەندىن ئاجىرشىپ ئاچقان بولسام بالىلارنى گۈلدەك باقاتتىم ،بانكىدا پۇلۇم بۇلاتتى ،چۈنكى مەن ھىچكىمدىن قەرىز ئالمىغان ئىدىم .
8 H* O; E& ]- }- L+ n5 t! ^6 Q# Hمەن ئامالسىز ئىش ئىزدەپ ھەممە يەرگە بىرىپ باقتىم،لىكىن خەنزۇ تىلىنى بىلەمسىز ؟قانداق ئارتۇقچىلىقىڭىز بار؟كومپىيوتىر بىلەمسىز ؟قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دەپ دورايدىكەن بىردەم يېشىڭىز چوڭكەن ،كىيىن سىزگە ئۇقتۇرايلى دىگەندەك جاۋاپلارغا ئىرىشتىم ،دىمەك مەن قۇلىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان بالىلارغا تاماق ئىتىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ساۋاتسىز بىر ئايالغا ئايلىنىپ قاپتىمەن .4 ^% t& B8 u8 B# w' jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
9 P5 ~( d; ^; h  G3 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن پەشتىقىغا پۇتۇمنى ئېلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ئوردىدەك ئالى تاماقخانىلاردىكى تاماقلارنى ،ئۇنى بىر نىمەن بۇنى بىر نىمە دەپ بەزىدە تېخى سەمىرىپ كىتىمىز دەپ يىمەيىدكەن ،پەردازخانا دىگەن جايلاردا ......ھەر خىل نامدىكى چايلاردا.....لىكىن مەن بىر ۋاقلىق تامىقىمنى قەيەردە قايسى تۇققۇنۇمنىڭ ئۈتىدە يىسەم بۇلار دەپ باش قاتتۇرمەن.
! \6 S" A) E9 C: k$ Y5 t
! i' J) ~& A/ z6 \& w8 u2 _& ?گۈلىرەنىڭ بىر ھەپتىلىك تاماق پۇلىغا بىرىدىغان 20كوي پۇلنى قەيەردىن تاپارمەن دەپ كىچىچە ئۇخلىماي چارە ئىشدەيمەن ،سەن قۇلۇڭغا ئاشىدىغان ئىش ھەققىڭگە ھاراق ئىچىپ تۈگتىپ يەنە مەندىن پۇل سورايسەن،سىنىڭ سىرىتقا چىقىپ ھاراق ئىچىۋېلىشىڭنى تۇسۇش ئۈچۈن كىچىچە ئىشىك يېنىدا ئۆرە ئولتۇرغان كۈنلىرىم ئازمۇ مىنىڭ ....ئەسمىرەنىڭ ئايىقىڭنى تىقىپ قۇيۇشى نىمە ئۈچۈن؟سىنى يالاڭ ئاياق سىرىتقا چىقالمىسا ھاراق ئىچمىسە دەيدىغاۇ شۇ .....!گۈلىرەنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرغانلىرى ئىسىڭدە يوقما؟ئىدارەڭدىن بالىلارنىڭ يېشىنى سورىغاندا دەپ بىرەلمەي قىزارمىغانمىنىدڭ؟ئىسىت ئۆتكەن ئۆمرۈم تورىانىنى سەندىن ئاجىرشىپ ئاچقان بولسام بالىلارنى گۈلدەك باقاتتىم ،بانكىدا پۇلۇم بۇلاتتى ،چۈنكى مەن ھىچكىمدىن قەرىز ئالمىغان ئىدىم .
0 n4 q+ I" C# p% x) eمەن ئامالسىز ئىش ئىزدەپ ھەممە يەرگە بىرىپ باقتىم،لىكىن خەنزۇ تىلىنى بىلەمسىز ؟قانداق ئارتۇقچىلىقىڭىز بار؟كومپىيوتىر بىلەمسىز ؟قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دەپ دورايدىكەن بىردەم يېشىڭىز چوڭكەن ،كىيىن سىزگە ئۇقتۇرايلى دىگەندەك جاۋاپلارغا ئىرىشتىم ،دىمەك مەن قۇلىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان بالىلارغا تاماق ئىتىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ساۋاتسىز بىر ئايالغا ئايلىنىپ قاپتىمەن .
/ e4 U2 {. J( k0 C3 g% |. M
  @& G$ K  E! y, L: Z/ x+ z0 qباشقىلار تۆتىنچى قەۋەتتىكى قوشنىمىزنى تۇل خۇتۇن دەپ كەمسىتىدۇ،كۆزگە ئىلمايدۇ.لىكىن مەن ئويلايمەن ،ئۇ نىمىشقا تۇل خۇتۇن بولغۇدەك؟سەندەك بىر يۈكى سەندەك بىر پۈتمەس يارىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈنما؟ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇرمۇشى بار،ئۆيى بار،ھەر ئايدا ئۇنى ئۈزۈلدۇرماي يوقلاپ تۇردىغان مۇئاشى بار،ئۈزى بەك ئۈزى خان ،ھىچكىمكىمدىن ھىچكىمگە قەرىزدار ئەمەس،ئەسلى تۇل خۇتۇن مەن ئىكەنمەن،مىنىڭ ئىرىم بار لىكىن ئۇ قېنى ؟!...ئۇ بىر ئەر بىر دادا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلالىدىمۇ؟ئەڭ ئادىيسى بىر نورمال ئادەم بۇلۇپ ياشىيالىىدىمۇ؟ئەر دىگەن كىچىسى چىراق،كۈندۈزى قۇياش ئىدىغۇ؟قېنى مىنىڭ قۇياشىم ؟قېنى مىنىڭ چىرىقىم؟مەن كىچىسى ئەمەس كۈندۈزىمۇ تەمتىرەپ يۈرىمەن ،قېنى مىنىڭ يول باشچىم ؟مەن باشقا نەرسىگە ئەمەس،بىر ئەرنىڭ ئىللىق باغرىغا تەشنا بولدۇم!....بىر يۆلەنچۈككە مىنى پوكىنىغا ئالالايدىغان بىر قاناتقا مۇھتاج بولدۇم....ئۇزۇن كىچە ...سوغۇق كارۋات ...تۈگمەس مۇھتاجلىق ....مەن مۇشۇلارنى قۇچاقلاپ يۈرىۋاتقىلى نىكەم؟7 _6 P& C% U' Z. Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' g8 n! A: ?' hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەن نەدە ؟ئۆي ئىسىڭدىمۇ؟بقز ئىسىڭدىمۇ ؟يەنە ئۆتكەن قېتىمقىدەك بىرەر قاۋاقتا قەرىزگە بۇغۇلۇپ ياتتىڭمۇ ؟% S* y; \% [  k1 L/ @! Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مىنىڭ ئەمدى سىنىڭ قەرزىڭنى قايتۇرغۇدەك ھالىم يوق.مەن چارچىدىم ،سىنى قايتۇرۇپ كەلگۈدەك پۇلۇمممۇ يوق.ئەتە تاڭ ئاتسا مۇھتاجلىق يەنە بىز بىلەن تۇرىدۇ., N( c2 W: Y! qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
" u( T1 c) V, u3 C& ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئاھ !ئەرلەرگە تۇلۇپ كەتكەن ئەرسىز  دۇنيا....دىگىنە مەن قانداق قىلاي؟قانداق قىلاي.....؟
$ \" V% v  q, ^-جېنىم دادا سىزنى بەك سېغىندىم،ئۇرۇق قوللىرىڭىزنىىڭ مىھرىنى ،ۋەزنىلىك سۆزلىرىڭىزنىڭ تەپتىنى بەكمۇ سېغىندىم.جېنىم دادا سىز ماڭا سەۋىر تاقەتنى ،ئەقىدە ئىتىقاتنى ئىپپەت ھايانى ،چىدامچانلىقنى ئۈگەتكەن ئىدىڭىز ،لىكىن جېنىم دادا ئەمدى مىنىڭ قەيسەر بولغۇم يوق.مەن چىدىمىدىم جېنىم دادا!......چىداۋەرگىلى بولمايدىكەن ،ھەممە ئىشنىڭ چىكى بۇلىشى كىرەكقۇ؟ئاخىرى چىقمايدىغان بۇنداق مۇھتاجلىق كىمنى تالدۇرمايدۇ؟كىمنى زىرىكتۈرمەيدۇ؟كىمنى چارچاتمايدۇ؟......ئېيتىڭە مەن قانداق قىلاي ...قەيسەرلىك چىدامچانلىق ئۈچۈنمۇ قورساق توق بۇلىشى كىرەكقۇ دادا!
' t- P: h0 ^1 ~$ K5 s8 }" y-دادا مىنىڭ بۇ دەرىتلەرنى دىگۈدەك يا دوستۇم يا ساۋاقدىشىم يوقكەن،مەندەك ئىشسىز ،يار يۈلەكسىز ،پۇلسىز، ئۇرۇن مەرتىۋىسىز ئادەمنىڭ ھەممە نىمىسى تىزىپ كىتىدىكەن ،ھەممە كىشىسى تاشلىۋىتىدىكەن،دادا يېنىڭىزغا بارغۇم كەلدى،،،دادا سىز ماڭا مۇسۇلمان قىزلىرى ئەدەپ ئەخلاقنى ،ئىپپەت ھايانى ساقلىمىسا بولمايدۇ دىگەن ئىدىڭىز،مۇسۇلمان بەندىسى ھاياتىنى ئۈزى ئاخىرلاشتۇرسا بولمايدۇ دىگەن ئىدىڭىز ،مەن قايسىسىنى ساقلاپ قايسىسىدىن ۋاز كىچىشنى بىلمىدىم....
+ J" V( r5 B- Z% Y  ~6 }% Y8 U% U( e2 b6 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇ تاپ ئەتە تاڭ ئاتماسلىقىنى تىلەۋاتىمەن ،كىممۇ قاراڭغۇ كىچىگە خۇشتار؟.....لىكىن مىنىڭ ئەتىنى نىمە بىلەن ئۆتكۈزۈشۈم مۇمكىن؟.....مەن مۇشۇ كىچىدە قالاي...مەڭگۈ قالاي.....مۇھتاجلىق ،غۇربەتچىلىك يوق،ئەنسىرەش يوق،تەشۋىشلەر يوق مۇشۇ كىچىدە قالاي.  h( ?$ p4 ~0 R' E2 k- ^6 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-دادا بۇ پۈتمەس كىچىلىرىمىزدە سىز بىلەن مۇڭدىشاي،دادا يۇرۇق دۇنيادىن مەن ئورنۇمنى تاپالمىدىم.
9 M0 Z, F0 f; }3 F% Xكومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ  يوللىغۇچى :گۈلبوستان موللىمىن (سىھىر)
4 m9 q& L) P6 o+ X. x( j9 U! Tمەنبە كىروران ژورنىلى   
1 P; j2 n/ V2 I2 ~& u$ L7 H
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ماۋزۇسى نىمىشقا <<كىچىدە قالغان ئايال>>كىن دىسەم گەپ ئاخىرىدىكەندە بۇ ئەسەرنىڭ.......

باھا سۆز

ھەئە ،،،بەك ئازاپلىق ،،،شۇڭا سىلەرگە يوللاپ بەرگىم كەلدى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-6-10 19:33
بەك تەسىرلىك ئىكەن. كۆپ رەھمەت سىزگە!

باھا سۆز

رەھمەت ،،،،،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-6-10 19:32
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-10 19:32:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىنھانx يوللىغان ۋاقتى  2015-6-10 15:18
6 J' k* m, L( p$ x4 ?! K1 eبەك تەسىرلىك ئىكەن. كۆپ رەھمەت سىزگە!
) ^9 l* j* X# O: `. Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
رەھمەت ،،،،،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-10 19:33:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىنھانx يوللىغان ۋاقتى  2015-6-10 15:17
) ^. q! T: u6 v1 P: Aماۋزۇسى نىمىشقا كىن دىسەم گەپ ئاخىرىدىكەندە بۇ ئەسەرن ...
7 a9 [5 E9 ^. Y8 d" s/ x; t8 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەئە ،،،بەك ئازاپلىق ،،،شۇڭا سىلەرگە يوللاپ بەرگىم كەلدى
ۋاقتى: 2015-6-11 08:44:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىك ئىكەن، مۇشۇنداق ئەر كىشىلەرنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئاياللار بىر ئۆمۈر جاپادا ئۆتىدۇ، لىكىن يەنىلا ئائىلىسى، بالا چاقىلىرى ئۈچۈن ۋايسىمايدۇ. ئۇلۇغ ئاللا مۇشۇنداق مەزلۇملارغا بەخىت ئاتا قىلغاي

باھا سۆز

سەمىمى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-6-11 11:09
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-11 11:09:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SALEH يوللىغان ۋاقتى  2015-6-11 08:44
$ }3 k, I: f8 g5 ]' z. W* [2 oبەك تەسىرلىك ئىكەن، مۇشۇنداق ئەر كىشىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ...
4 L! W  ^: {# I3 m. ^1 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەمىمى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت
ۋاقتى: 2015-6-11 13:21:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىككەن، مۇشۇنداق لىڭتاسما ،لايغەزەل،مەسئۇليەتسىز ئەرلەر سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئاياللار......... جاپادا قېلىۋاتىدۇ......................  M# }6 O7 H2 O) I9 e5 Q7 Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
: J# ?: F( ?! X3 n, j- u* x" |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاللاھ شۇنداق ئەرلەرگە جاسارەت ئاتا قىلسۇن،ئەنە شۇنداق مەزلۇم ئاياللارغا سەۋېر ،ئامان-ئىسەنلىك،خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن.........

باھا سۆز

رەھمەت گۈزەل تىلەكلىرىڭىز ھەممىمىزگە بولسۇن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-6-11 15:49
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-11 15:49:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانا2013 يوللىغان ۋاقتى  2015-6-11 13:21
" {# C+ `8 y" ?  z- I' u4 kبەك تەسىرلىككەن، مۇشۇنداق لىڭتاسما ،لايغەزەل،مەسئۇلي ...
" q- h$ A, i6 b% o; mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
رەھمەت گۈزەل تىلەكلىرىڭىز ھەممىمىزگە بولسۇن
ۋاقتى: 2015-6-11 17:18:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇپ رەھمەت  ئىشلرڭىز ئۇڭۇشلۇق بولغاي

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 08:05

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش