روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5418|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

چۆپ ساتىمەن،ۋىجدان ساتمايمەن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چۆپ ساتىمەن،ۋىجدان ساتمايمەن: |& n7 \+ x  V+ [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
)ھىكايە(
+ ~( Q% Z9 ]: M. V+ P" m  ~ئەكبەر قادىر مۇرتۇق
; o1 ?# g8 o( T% D, lبىزنىڭ يېزا شەھەرگە بەك يىراق،يېزا باشلىقىمىزنىڭ لەقىمى قالاق،دېھقانلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىمۇ ئانچە ئىلغار ئەمەس.بەرىبىر سۇ ئىچىپ بىكار تۇرىدىغان تەك ئېرىقلىرىنىڭ ئىچىگە ھىچكىم بىرەر تۈپ پەمىدۇر كۈچىتى تىكمەيدۇ،قىش-ياز باشقا يېزىلاردىن كىرگۈزۈلگەن پارنىكنىڭ سەي-كۆكتاتلىرىنى يەيدۇ،<<مال باق>>دىسە،<<چىشى بار نەرسىنىمۇ باقامدۇ؟>>دەپ غىڭشىيدۇ،بەزىلىرى تېخى<<چىشى باركەن>>دەپ ئۆيىدىكى ھەرىلەرنىمۇ تاشلىۋەتكەن.سېتىۋالدىغان ئادەم ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە،بىرى توخۇم ساتسا يەنە بىرىمۇ تۇخۇم ساتىدۇ.بىرى كۆمۈر ساتسا يەنە بىرى ھەرگىز تۆمۈر تەرمەيدۇ.بۇ ئىشلارغا ئىچىم پۇشۇپ،پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ،يېڭىلىق يارىتىپ بىيىش ئۈچۈن بىر پارچە يېرىمدىكى تەكنى بىراقلا قومۇرۋىتىپ،ئورنىغا پارنىكتىن بىرنى ياسىدىم.سەي-كۆكتاتلىرىمنى كاربون(Ⅳ)ئوكسىد بىلەن ئوغوتلايمەن دەپ،ئىس سۇقىۋىتىپ ئۆلگىلى تاس قالدىم.<<بۇ بەك خەتەرلىك ئىشكەن>>دەپ ئويلاپ،پارنىكتا توخۇ باقتىم.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مۇزىكا مۇئەللىمىمنىڭ<<مۇزىكا جانلىقلار تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىغىنى يوقىرى كۆتىرىدۇ>>دىگەن گېپى بويىچە،توخۇلارنى تېزرەك سەمىرتىپ،كۆپ تۇخۇم ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا كۈن بۇيى<<سۆيگانۇشكا>>نى ئاڭلىتىپمۇ باقتىم.نەدىمۇ ئۇنداق ئوڭاي ئىش بولسۇن؟ئاقىۋەت 7000يۈۋەنلىك يەم بېرىپ6000يۈۋەنلىك توخۇ ساتتىم.<<يەمنىڭ باھاسى قىممەتكەن>>دەپ ئويلاپ،كالا بىقىشتىن قورقۇپ بىر نەچچە ئىشەك باقتىم.بۇ ئىشنىڭ پايدىسى ياخشى ئىدى،لېكىن ئويلىمىغان يەردىن يۇرت ئىچىدە<<ئەكبەر ئىشەك>>دەپ ئاتىلىپ قالدىم.ئۆزەمغۇ خېلى كېلىشكەن،لېكىن لەقىمىمنىڭ سەتلىگى،ئۇنىڭ ئۈستىگە توي-تۈكۈنلەردە<<قېلىن دارىسى>>نى جىق ئىچىۋىلىپ تۆت-بەش قىزغا بىراقلا توي تەكلىپى قويىدىغان ئادىتىم بار بولغاچقا،تا ھازىرغىچە ئۆزەمنىڭ يىگىتلىكىدىن پەخىرلىنىپ يۈرىمەن.داۋاملىق توي قىلماي يۈرىۋەرسەم<<ئىشەك>>دىگەن لەقىمىم<<خىچىر>>غا ئايلىنىپ قالمىسۇن دەپ يىقىندىن بېرى خېلى ئەقىللىقلىشىپ قالدىم،شەھەرلەرگە بارسام كىتاپخانىلارنى چۆرگىلەيمەن،توي-تۈكۈن ۋە ھەرخىل سورۇنلارغا بارسام مەدەنىيلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمەن،بولۇپمۇ<<قېلىن دارىسى>>نى ئامال بار ئىچمەيمەن،ئامالنىڭ يوقىدا ساناپ تۇرۇپ ئۈچ رومكىدىن ئارتۇق ئىچمەيمەن.
& K) |9 {! O; l0 p( t( y. p8 X" zبۈگۈن كەچ ئاغىنىلىرىم ئىچىدىكى بىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق نىكاھ تويى.ئادىتىم بويىچە كاستىيوم-بۇرۇلكامنى كېيىپ،ئاياقلىرىمنى پارقىرىتىپ،بالدۇر بېرىپ قالسام باشقىلارنىڭ نەزىرى چۈشمەي قالمىسۇن دەپ،سەل كىچىكىپ باردىم.زالنىڭ ئىچىگە كىرىشىمگىلا،بىرى قولۇمنى تارتىپ ياندىكى ئايرىمخانىغا باشلاپ قويدى.ئايرىمخانىنىڭ ئىچى قويۇق ئىس-تۈتەككە توشقان بولۇپ،ئون نەچچەيلەن بىر يومىلاق ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇراتتى.ئۇلار مىنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ،ئورۇندۇقلىرىنى ئاز-ئازدىن سۈرگەچ:
" O" I( }- h& O% t! t* L2 V-كىلە،كىلە،سەنلا كامتىڭ،-دىيىشىپ ماڭىمۇ سورۇندىن بىر كىشىلىك ئورۇن بەردى.تاماق تېخى تارتىلمىغان بولۇپ،ئۈستەلدىكى نان-ساڭزا،مېۋە-چېۋە تەخسىلىرى قۇرۇقدىلىپ كەتكەنىدى.تاغدىن-باغدىن پاراڭ سىلىشقاچ،چۆگۈننى بىر يەردىن،چىنىنى بىر يەردىن تېپىپ،ئەمدى بىر چىنە چاي قويۇۋىلىپ ئولتۇرسام،ئاغىنىمىز ئابدۇل بودەك گەپ باشلىدى.% [* w+ q! [' S* Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-قىز-يىگىت كەلگۈچە باشلاپ تۇرامدۇق؟
  W0 D: \2 E7 }# R( p-باشلايلى،باشلايلى!
0 _0 H* C) ?( S& m, E+ h% Cبىر نەچچەيلەننىڭ قوللىشى بىلەن ئابدۇل بودەك ئۈستەلنىڭ ئاستىدىن بوتۇلكىنى چىقىرىپ ئىككى چىنىگە قويدى،ئاندىن ھەممىمىزگە بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋىتىپ،سەل قوپال تەلەپپۇزدا:3 ?. u/ ]5 t7 }' P9 U  C* \6 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-بۇرادەرلەر،بۈگۈنكى سورۇندا ھاراق ئىچمەيدىغان ھىيجىقىزلار يوقتۇ؟
* F* o' A1 F( P' M4 h# V$ U+ Xبۇنداق دەپ تۇرۇۋالسا،كىممۇ ئىچمەيمەن دىيەلىسۇن!5 H# ~' ^" V% F) t2 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-يوق،يوق.
/ a1 b1 a. [+ q' ~! I0 \3 Aشۇنداق قىلىپ يەنە بىر مەيدان<<جەڭ>>باشلىنىپ كەتتى.7 j  W6 S$ {% J  d- zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئاغىنىلەر،بىز تەڭشەلگىچە قىزلار كېتىپ قالمىسۇن،تېز-تېز ئىچىڭلار!. S" v0 z: C. N( s6 o5 qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئابدۇل شۇنداق دىگىنىچە،بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئۈچكىلا بۈلۈپ تېز-تېز ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى.ھەر بىرىمىز ئۈچ چىنىدىن ئىچىپ بولغاندا يىنىمدىكى ئابلەت ھەممىمىزنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۈرىۋەتتى.ھاراققا نان چىلاپ يىگەننى،تەييار چۆپ چىلاپ ئىچكەننى ئاڭلىغان. مانا بۈگۈن ئاشقازاننى ساياھەت قىلىپ قايتىپ چىققان ھاراقنى<<پۇلغا ئالغان ھاراق زايە بولۇپ كەتمىسۇن>>دەپ قايتۇرۇپ ئىچىۋەتكەننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم!6 ?5 V/ p6 ~( W2 `$ s* x1 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەممىمىز ئۇنىڭ جايىللىقىغا قول قويۇپ ئولتۇرغاندا،ئابدۇل بودەك ئابلەتكە قاراپ<<ھوي،نىمانچىۋالا ئىچىسەن؟راڭپىزاڭنى ئىشەك يەۋالمىغاندۇ؟>>دەپ چاقچاق قىلغاچ،ئەڭ ئاخىرقى رومكىنى ماڭا تەڭلىدى.<<ئەمدى سېسىق گەپكە كۆمۈلۈپ كېتىدىغان بولدۇم>>دەپ ئويلاپ ئولتۇرسام،تاماق سۈيلەپ چىقىپ كەتكەن ئاغىنىمىز قايتىپ كىردى.
$ T  \8 G: K- P-ئاغىنىلەر،تاماق تارتىلمىغۇدەك،توي بۇزۇلۇپتۇ!
3 B5 e! d$ c( ]  q$ z-نىمىشقا بۇزۇلۇپتۇ؟, V2 e6 S4 O3 I$ _! d5 e' Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-توي قىزىنىڭ گىرىمى تۈگىمىگەچكە،ياسىن تولا ساقلاپ چىدىيالماي،ئاخىرى ئىككىسى جىدەللىشىپ كېتىپتۇ.6 p9 E: {. R( Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنداق قىلىپ سورۇندىكىلەرمۇ تارقاشقا باشلىدى،لېكىن ئابلەت كۆڭۈل چۈشەندۈرىمەن دەپ،مىنى قەتئىي قويۇپ بەرمىدى.ئۇ مىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاغدىشىم بولۇپ،كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا،بىرنەچچىمىز بىرلىشىۋىلىپ دائىم ئۇنى بوزەك قىلاتتۇق.ئۇ بىر قېتىم بىزدىن قېچىپ يىراق بېرىۋىلىپ،ئاۋازىنى بولىشىغا قويۇۋىتىپ<<مەن چىشى!مەن چىشى!مەن چىشى!>>دەپ ئۈچ قېتىم توۋلاپ بولۇپ،ئارقىدىنلا يېڭىلىپ قالغانلىغىنى ھېس قىلىپ<<ياق،ياق،ياق!مەن ئەركەك!>>دەپ ۋارقىراپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۋەتكەن ئىدى.ئۇ بۈگۈن ئاخشاممۇ شۇنداق گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى.
: d6 [# |; r% l6 v' W-ئەكبەر،سەن مېنى كۆزگە ئىلمايسەن،لېكىن بىلىۋال!مەن ۋىجدان ساتسام ساتىمەنكى،چۆپ ساتمايمەن!ياق،ياق،ياق!چۆپ ساتسام ساتىمەنكى،ھەرگىز ۋىجدان ساتمايمەن!; ?/ a% h$ r$ B2 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇ ئەنە شۇنداق بىر گەپنى قايتا-قايتا سۆزلەپ،تۈكۈرىگىنى چاچرىتىپ،مەيدەمگە مۇشتلاپ مېنى بەكمۇ قېينىدى.ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي،بار كۈچۈمنى يىغىپ،ئۇنىڭ خېمىر يۇغۇرۇپ كۈچلىنىپ كەتكەن چاڭگىلىدىن تەستە قۇتۇلۇپ،ئالدى-كەينىمگە قارىماي يۈگۈرگەن پېتى ئۆيگە كېلىۋالدىم.ئۆيگە كىرىپ چىراقنى ياندۇرۇپ قارىسام،ئامراق كاستىيومىمنىڭ بىر يېڭى يوق.ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ئابلەتنىڭ ئۆيىگە كەلدىم.ئۇ تېخى ئۇخلاۋاتقان بولۇپ،يوتقان-كۆرپىسى كارىۋاتتا،ئۆزى كاستىيومىمنىڭ يېڭىنى چىڭ چاڭگالدىغىنىچە داق يەردە،ئوڭدىسىغا ياتاتتى.مەن ئۇنى تەستە ئويغىتىپ ،كاستىيومىمنىڭ يېڭىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن:
& K. y+ p* @% p9 `7 P  X* O-بۈگۈن راڭپىزا ساتمامسەن؟-دەپ سورىدۇم./ U  X5 a0 E  I4 n1 ]" e. U% z8 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇ نېرىدىكى قول يۇيىدىغان ئۇيرۇقنى ئېلىپ چوغىسىنى ئاغزىغا تىرەپلا بىر نەچچە يۇتۇم سۇ ئىچىۋالغاندىن كېيىن،<<ساتمايمەن>>دەپ كەسكىنلىك بىلەن جاۋاپ بەردى.- {+ [& x% m- ^4 e5 Q9 T% lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-كۈندە ئىككى-ئۈچ يۈز كوي تاپىدىغان شۇنداق ياخشى تىجارەتنى نىمىشقا قىلمايسەن؟
$ [4 Z) Q5 n6 O8 d+ R-باشقىلار مېنى يۈزۈمدە دىمىگەن بىلەن كەينىمدىن<<ئابلەت چۆپ>>دەپ ئاتىشىدىكەن،بۇنى ئويلىساملا كۆڭلۈم بىئارام بولىدۇ،شۇڭا مۇۋاپىق ئادەم تېپىپ دۇكاننى ئۆتكۈزىۋىتىپ،كىرا ماشىنىسى ھەيدەيمىكىن دەيمەن.
# W3 m6 C" Y: f1 j0 Bئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ،تولىمۇ ئەپسوسلاندىم.ئىمكان بولسا،مىنى<<ئەكبەر ئىشەك>>،ئۇنى<<ئابلەت چۆپ>>دەپ زاڭلىق قىلىدىغان بىكار تەلەت،ھارامتاماقلارنىڭ ئاغزىغا ئىشەكنىڭ ھور چىقىپ تۇرغان ئىسسىق تېزىكىنى تىقىپ،پىلاستىر بىلەن يەملىۋەتسەم،دەپ ئويلاپ كەتتىم.ئابلەتكە نەسىھەت قىلىپ<<نىمىشقا بۇ ئىشتىن نومۇس قىلىسەن؟ئاخشام دىگەندەك ۋىجدان ساتمىساڭلا بولمىدىمۇ؟>>دىگۈممۇ كەلدى،لېكىن مەن ئۇنى ياخشى چۈشىنەتتىم،ئۇ نىمىلا ئىش قىلسا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياخشى قىلىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپ قىلىشنى لايىق كۆرمەي،ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم.
% C: o# C3 N# @5 X' Gتۇرپان شەھەر سىڭگىم يېزا مۇرتۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە. # E9 n: T8 C! Z3 s& ^& b/ P1 v7 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +11 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
uygur26 + 11 + 9 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-9-30 16:56:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغالبالىدەك يېزىپسىز، مۇشۇ ھاراق ئىچمىسە نىشە ،تاماكا چەكمىسە ،ئاتا-ئانىڭىز 3 كويلوق شۇمەك سالمىغان ئاداشكەنسە دەيدىكەن ،.  ئاشۇنداق ئىشنى قىلدىغانلار ئۇزۇى كارغا كەلمەس ، ھېجقىز بوپ قالىدۇ ،ھاراق ،نىشە ،تاماكا چەككەن ئۇغول بالا ،  خۇتۇنغا كۇچى يەتمەيدۇ ، خوتۇن كىشىنى جايلاپ ئىتەلمەيدۇ ھاراق ،نىشە ،تاماكا چەككەن ئۇغول بالا . ياخشى ئەسەركەن.

باھا سۆز

ئۆزىگە ئۇيغۇر دەپ نام قويغان ئەپەندىم: ئىنكاسىڭىزنىڭ بەزى يەرلىرى سەل چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ، بۇ مۇنبەر- ئاممى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-12-19 19:48
ئۆزىگە ئۇيغۇر دەپ نام قويغان ئەپەندىم: ئىنكاسىڭىزنىڭ بەزى يەرلىرى سەل چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ، بۇ مۇنبەر- ئاممى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-12-19 19:48
ۋاقتى: 2015-10-1 12:11:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس، يارايسىز، يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2015-10-1 15:58:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.  ئاپىرىن.
بەك.ياخشى. يىزىلغان .ئەسەركەن. سىزگە قايىل بولدۇم.كۈلۈپ .ئۈچەيلىرىم .ئۇزلۈپ كىتەي دەپ قالدى  مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرللەرنى كۆپرەك .يوللاپ . تۇرشڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن ......م
خو                                                   
ۋاقتى: 2015-12-19 19:48:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uygur26 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-30 16:56
( V, \' E  @6 z! N. Xئوغالبالىدەك يېزىپسىز، مۇشۇ ھاراق ئىچمىسە نىشە ،تاماك ...
/ ]8 h8 S, `! A( F  R. G" L' X/ Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆزىگە ئۇيغۇر دەپ نام قويغان ئەپەندىم: ئىنكاسىڭىزنىڭ بەزى يەرلىرى سەل چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ، بۇ مۇنبەر- ئاممىۋىي سورۇنغا ئوخشايدۇ، گەپ-سۆزلەرنى جايىدا قىلغۇلۇق. مۇنبەرگە خانىم-قىزلىرىمىزمۇ كىرىدۇ.
ۋاقتى: 2015-12-19 19:48:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uygur26 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-30 16:56& P+ E1 I( c7 c. \! b) z+ R8 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوغالبالىدەك يېزىپسىز، مۇشۇ ھاراق ئىچمىسە نىشە ،تاماك ...

' E0 n8 R0 z" P% I6 }1 jئۆزىگە ئۇيغۇر دەپ نام قويغان ئەپەندىم: ئىنكاسىڭىزنىڭ بەزى يەرلىرى سەل چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ، بۇ مۇنبەر- ئاممىۋىي سورۇنغا ئوخشايدۇ، گەپ-سۆزلەرنى جايىدا قىلغۇلۇق. مۇنبەرگە خانىم-قىزلىرىمىزمۇ كىرىدۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-7 19:14

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش