گۇمان،تۇمان،ئىمان
( K8 k I' c" d. m1 |% n! M(ھىكايە)
, O/ h$ c$ W3 A# L5 i2 `ئەكبەر قادىر مۇرتۇق
3 R1 ]' D+ @1 J, o$ ?: d) p) ?ئۇ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئىككى يىل خىزمەتتىن ئايرىلىپ بىلىم ئاشۇرۇپ كەلدى.لېكىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ھىچكىمگە ئۆگەتمەي،ئارقا سەپكە چېكىنگەنلىگى ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆتمەي بېشىغا بەش-ئالتە سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سەۋزىگە ئوخشاش مۈڭگۈز ئۈسۈپ قالدى.سىمونت لاي ئېتىدىغان ماشىنا سېتىۋىلىپ،خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلنىپ،مەكتەپنىڭ قورۇلۇش قىلىش ئۈچۈن ئەكىلىپ قويغان قۇم-شېغىل،سىمونت قاتارلىق نەرسىلىرىنى ئۆيىگە توشۇپ،سىمونت لايدىن ھەرخىل نەرسىلەرنى قويۇپ ساتقانلىغى ئۈچۈن بۆرىكىدە تاش پەيدا بولۇپ قالدى.مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈستەل-ئورۇندۇقلىرىنى رىمونت قىلىش جەريانىدا بىرنى ئىككى دەپ مەلۇم قىلىپ،بۇنىڭدىنمۇ خېلى كۆپ پۇل تاپتى.لېكىن مەقىتىگە بىر نەرسە ئۆسۈپ قىلىپ ئورۇنداقتا ئولتۇرالمايدىغان كېسەل بولۇپ قالدى.مۇشۇ يىقىندا ئۇ يەسلىنىڭ ئاشخانىسىنى كۆتىرە ئېلىۋالغان ئىدى،ئۇزۇن ئۆتمەي مەزى بېزى ياللوغىلىنىپ،سۈيدۈك يولىدىن چاتاق چىقىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.مېنىڭچە ئۇ يەنە يەسلى بالىلىرىنىڭ تامىغىنى قىسىپ،كۆپ پايدا ئالماقچى بولغان.مەكتەپ ئاشخانىسىدا چوقۇم جىن بار!شۇ جىننىڭ كاساپىتىدىن كونا ئاشپەز توك سوقۇۋىتىپ تۈگەپ كەتتى.يېڭى ئاشپەز سوقۇر ئۈچەي ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپ تەستە ساقايدى.ئابدىرىم مۇئەللىم مائاشىدىن تۇتۇپ قېلىنغان ئىنتىزام پۇللىرىنى ئاشخانىدىن ئۈندۈرۋالىمەن دەپ،قورسىقى تويۇپ كەتسىمۇ ئىككىنچىسىگە چۆپ سالدۇرۇپ يەپ،خېمىر شورپىسىغا ئاچچىقسۇ-لازىنى ئارلاشتۇرۇپ بولىشىغا ئىچىۋىرىپ،ئاخىرى تاتلىق سېيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇمىش.مېنىڭچە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،ئۇ چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاتلىق-تۈرۈملىرىنى جىق يەۋالغان ياكى ئۇلاردىن ئارتۇق ھەق يىغىۋالغان گەپ.6 V7 i( S# j8 e# B4 {2 Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نىمە بولدۇمكىنتاڭ؟!يىقىندىن بېرى مۇشۇنداق خىياللار كاللامنى چىرمىۋىلىپ،پىيادە ماڭساممۇ يولنىڭ چېتىدىكى ئىستولبىلارنى ئۈسۈۋالدىغان بولۇپ قالدىم.مەيلى مەكتەپتە بولسۇن مەيلى ئۆيدە بولسۇن ھىچكىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغۇم كەلمەيدۇ،كومپىيوتېرغا قاراپ ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان.«ئىشەكنىڭ يېنىدا يۈر سەڭ ئىشەكنىڭ خۇيى يوقىدۇ»دىگەندەك ئايالىممۇ ئارتۇقچە خىيال سۈرىدىغان،ماڭىمۇ غەلىتە نەزەردە قارايدىغان بولۇپ قالدى.
# W# R" Q6 x* a& I! M9 y! Pكىچىك ۋاقىتلىرىمدا سودىگەرلەرگە بىر تىيىن پۇل بەرمەي،ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سېتىۋالغاننىڭ ئۈستىگە ئاشقان پۇلۇمنى قايتۇرۋالىدىغان مەندەك بىر نوچى بۈگۈن ئاخشام بىر ئىشقا ئىچىم سىقىلىپ ئولتۇرالمايلا قالدىم.ياتسام،قاتناش ۋەقەسىدە تۈگەپ كەتكەن يوقىرى ئۈسۈملۈك قەرز تارقىتىدىغان خوشنام كۆز ئالدىمغا كېلىۋىلىپ،يۈرىگىمگە قان يېتىشمەي ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىمەن.قوپسام ماگىزىن ئاچىدىغان پۇتى مىيىپ خالىق ئاكام كۆز ئالدىمغا كېلىۋىلىپ پۇتلىرىم ئاغرىپ كېتەتتى.سىرتقا چىقىپ ئىستولبىغا بىر نەچچىنى ئۈسۈپ،كاللامنى سەگىتىپ،قالايماقان خىياللىرىمنى توغۇرلاپ كىرىشنى ئويلاپ تۇرسام،تويۇقسىز ئايالىم خىيالىمنى بۈلۈپ،قۇشقاچتەك ۋىچىرلاشقا باشلىدى.2 q* p3 \+ G3 A) q+ wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ھېلىقى مايمۇن شاھنى بېيجىڭلىق خەنزو يىگىت بىلەن توي قىلىۋاپتۇ،دەيدىغۇ؟
0 O( z8 M5 A _3 t, \' ^-قايسى مايمۇن شاھ؟& L& ]4 r3 x t# j& Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-سىلى بىلەن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدىغان،ئازراقلا شامال چىقسا قوڭى ئىچىلىپ قالىدىغان ھېلىقى مىنكوخەنچۇ؟7 k/ S' ~* O/ a- I6 H/ ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ھە،ھېلىقى گۈلنۇرما؟ئۆزىمىغۇ بېيجىڭغىلا لايىق قىز ئىدى،ئاخىرى بەختىنى تېپىپتۇ،-دە!- T3 D9 @& j% u9 o6 u. n9 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-بېيجىڭغا لايىقمىش،«ياخشى قىز مەھەللىدىن چىقماپتۇ»دىگەن گەپ بار.
) H$ i* |* k o/ |* i9 \( n5 B-ھازىر دەۋىر ئالماشتى،كونا گەپلەرنى يورغىلىتىۋەرمەڭ،تەغدىر دىگەن ئەنە شۇ!
3 j J ]5 j) ^/ g1 W* j* c7 W. \-ئەجەپمۇ ياخشى يوقىلىپتۇ،ئۇ بۇزۇق!# w4 b& R: T {3 B1 ?7 Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھوي،ھوي!قارىسىغا سۆزلىمەڭ.ئۇنىڭ بۇزۇقلىغىنى سىز قانداق بىلىسىز؟
, i9 ?: A n7 m, V4 U" P" p-ئۇ ماڭا شۇنداق بىلىندۇ.; l8 B' q! S3 L+ T# r1 g( rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مېنىڭ ئەمدى گەپ قىلغۇم كەلمىدى.قالايماقان خىياللار يەنە باشلاندى.ئاخىرى پۇتلىرىم ئاغرىپ تۇرسىمۇ،ماڭماي تۇرالمىدىم.چاپىنىمنى كېيىپ مېڭىشىمغىلا ئايالىمنىڭ ئېغىزى يەنە ئېچىلىپ كەتتى.! o5 Y1 ?8 b7 L! V' O3 r0 o. [! Y9 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-كەچ كىرگەندە نەگە ماڭدىلا غوجام؟
$ n8 r# Y& U) s( z% n$ g5 a-خالىق ئاكامنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ،ئارتۇق قايتۇرۋەتكەن بەش يۈەن پۇلنى قايتۇرۋىتىپ كېلەي.9 }" B% G/ S) e2 R+ F+ Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىسىلا!% l/ h$ v/ b% qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ماشىنا ھەيدىمەيمەن،پىيادە بارىمەن.3 K' d) L- s- z# x1 e& Z* ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئەمىسە ئىشتاننىڭ تاسمىسىنى چىڭ باغلىسىلا،سىلىدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن.7 b. O, \1 j" o! D) ~/ N! cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-خاتىرجەم بولۇڭ قەدىرلىگىم،ئىشتىنىمنىڭ تاسمىسى ھەر ۋاقىت چىڭ باغلاقلىق!; g1 o# ] q% P& k1 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نىمىشقىكىنتاڭ؟سىرتنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلەنگەچ ماگىزىنغا بېرىپ خالىق ئاكامنىڭ بەش يۈەن پۇلىنى قايتۇرۋىتىپ كۆڭلۈم يورۇپلا كەتتى.يۈرەك سوقۇشلىرىممۇ نورماللىشىپ،بەدىنىم مونچىدىن چىققاندەك يېنىكلەپلا قالدى.
- J, P% L& x6 L6 gئاپتور تۇرپان شەھەر سىڭگىم يېزا مۇرتۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە. |