بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قاپلان115 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-1 20:34 % L* g. S6 e8 F/ qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. D% o# u6 _/ x3 O x7 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى8 خىل ئۇسۇل
, @* A0 E& W& s$ s9 W$ r$ Lيۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى نۆۋەتتە 40 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەردە كۆپ ئۇچراۋاتقان ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان ، داۋالاش ئۈنۈمى نىسبەتەن تۆۋەن ، ئاقىۋىتى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ كىلىۋاتقان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا بۇ كېسەللىكنىڭ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . شۇڭا بۇ كېسەللىك يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى . تۆۋەندە مەن بۇ كېسەللىكنى داۋالاش توغرىسىدىكى تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا تورداشلارنىڭ دىققىتىگە يۈرەەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئائىلە شارائىتىدا ئالدىنى ئېلىشنىڭ8 خىل ئۇسۇلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن :
) K, Q. v/ X; M. u! ~ 1. ھاراق ئىچمەسلىك ، تاماكا چەكمەسلىك . ھاراق ، تاماكىنىڭ تەبىئىيىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ ، بۇ خىل كەيپىيات بەدەنگە ئۇزۇن ۋاقىت تەسىر قىلسا بەدەندە ساۋدا خاراكتىرلىك چۆكمە پەيدا قىلىدىغان مادددىلار مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا تەركىۋىدىكى نىكوتىن يۈرەك مۇسكۈل تىقىلمىسىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە قوزغۇلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ . ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قاننىڭ بۇزۇلىشىنى پەيدا قىلىدۇ . ھاراق بولسا مىڭە خىزمىتىى جىددىيلەشتۈرۈپ ئۇنىڭ قۇماندانلىق خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، جىگەرنىڭ ساپ خىلىت ئىشلەپچىقىرىش ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا قىلىدىغان ئاساسى سەۋەپلەردۇر .4 g# H: M* I* |' t' C) O: ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2. ئوزۇقلىنىشنى تەرتىپكە سېلىش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى يىمەكلىك تەركىۋىدىكى تۇزنى كونترول قىلش بىلەن بىرگە ، يۇقۇرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ، بولۇپمۇ ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئاز ئىستېمال قىلىش ياكى ئىستېمال قىلماسلىق ، يېزائىگىلىك دورىلىرىدىن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق ، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، يەل پەيدا قىلىش تەسىرى بولغان يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش ، ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەر ، قارا ئاشلىق ، سەي- كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ، سوۋۇتۇلغان ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق .
n( m) c4 H+ _6 C$ x0 L3 ?0 ? 3. يىمەكلىك مىقدارى ۋە يىمەكلىك ئىستېمال ۋاقتىنى كونترۇل قىلش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئەتىگەندە ياخشى نەرسىلەر بىلەن قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىش ، چۈشتە تاماقنى كۆپ تاللاپ كەتمەسلىك ، كەچتە بولسا مۇمكىن قەدەر تاماق يېمەسلىك ، يىيىشكە توغرا كەلسىمۇ ۋاقىتنى بالدۇرراق ئورۇنلاشتۇرۇپ يەڭگىل تائاملار بىلەن ئوزۇقلىنىش لازىم ( ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قەدىمكى كىلاسسىك كىتاپلىرىدا << ئادەم ئوزۇقلىنىشتا ھەر ئىككى كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يىگەندە تېۋىپقا ھاجىتى چۈشمەيدۇ>> دەپ قەيىت قىلىنغان ) .
, V( M+ c: f0 ?* Y 4. ھەرىكەت ۋە ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تاماق يەپلا يېتىۋالماسلىق ، ئۇخلاش ئالدىدا تەس ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق ، جىسمانى ۋە ئەقلىي ھەرىكەتتە زىيادە چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كۆپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش شۇنداقلا ئۇيقۇسىز قېلىشتىنمۇ ساقلىنىش كۈندىلىك يەڭگىل ھەرىكەتلەرنىڭ مىقدارىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش.
$ i0 j! W# c0 \# d8 U0 O; c7 z 5. روھى جەھەتتىن ئۆزىنى ساغلام تۇتىشقا كاپالەتلىك قىلىش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى ھەر قانداق بىر ئىشقا يولۇققاندا سوغۇققان بولۇپ ، زىيادە ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش ، ئاچچىقلانماسلىق ، غەزەپلەنمەسلىك ئارتۇقچە خۇشال بولماسلىق ، كەيپىياتى تۇراقسىزلاشقاندا ئۇنى تەڭشەيدىغان كىتاپ ئوقۇش ، كىنو كۆرۈش ، ساياھەت قىلىش ، دوسلار بىلەن ئۇچرىشىش ، ناخشا ئېيتىش ، ئۇسۇل ئويناش ، چېنىقىشقا قاتنىشىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىشقا تىرىشىش ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا پەقەت پەقەت ئامال بولمىغاندا پىسخىك مەسلىھەتچىلەردىن ياردەم سوراش . ' J( Z2 p [+ B: J# Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6. بەدەن سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئۈنۈملىك ئالدىنى ئېلىش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى يۇقۇردا ئېيتىلغان يىمەكلىكنى تەرتىپكە سېلىشتىن باشقا ، يەنە كۆپ ئۇخلىماسلىق ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ، يول ماڭغاندا قاتناش قۇراللىرىدا كۆپ ئولتۇرماسلىق ، پىيادە يولنى كۆپرەك مېڭىش ، ئولتۇرۇپ ئەمگەك قىلىدىغانلار جىسمانى ھەرىكەتنى تولۇقلاشقا چوقۇم ئەھمىيەت بىرىش ، چوڭ تەرەت قېتىۋېلىشنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىش ، ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەدەندىكى ماددىلارنى تازىلىتىش چارىسىنى قوللىنىش .
7 |: R) B$ X. u 7. قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتىشكە ئەھمىيەت بىرىش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى يېشى 40 ياشتىن ئاشقاندا يۇقىرى قان بېسىم ، قەنت سىيىش كېسەللىكى ، قان قويۇلۇش ، جىگەر كېسەللىكى ، بۆرەك كېسەللىكى ۋە ئىچكى ئاجراتما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا كېسەللىكلەرگە قارىتا قەرەللىك تەكشۈرتىش ئېلىپ بېرىپ ، كېسەللىك بايقالغان ھامان ۋاقتىدا ، بالدۇر داۋالىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش .
* X5 m! q" a4 L" F1 Y 8. قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى تېۋىپ ياكى دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتىسىزلا ئۆز مەيلىچە دورىخانىلاردىن دورا سېتىۋېلىپ قالايمىقان ھالدا دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىدىغان ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىش ، ھەر قانداق بىر دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىشتا ئامال بار تېۋىپ ياكى دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ئاندىن ئىستېمال قىلىشنى ئويلىشىش .
! f2 _; i% ]6 \2 N* c5 x. X قاپلان115 |