بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قاپلان115 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-2 16:15
% J# x. L. K! q6 Y
r; Z; G( m8 e ساياھەتچىلەرنىڭ ئون تۈرلۈك ھوقۇقىنى بىلەمسىز؟
1 ?* ^. A U2 Y1 dنىجات ئىمىن ! M. j3 r3 o4 @7 l1 h5 s/ Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[ ئىلاۋە ] مەن بۈگۈن نۇر تورىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ ‹‹ ساياھەتچىلەرنىڭ ئون تۈرلۈك ھوقۇقىنى بىلەمسىز؟›› سەرلەۋھىلىك تىمىغا كۆزۈم چۈشۈپ ، بۇ تېمىنى ئېچىپ قارىسام ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن . بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش ئىھتىياجىمىزنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشىگە ئەگىشىپ ساياھەت ئىھتىياجىمىزمۇ كۈنسايىن ئىشىپ بارماقتا . شۇ ۋەجىدىن ساياھەت جەريانىدا بىز بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ھوقۇقىمىزنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلاپ ، نىجات ئىمىن ئەپەندى ئەجىر قىلىپ تەييارلىغان ‹‹ ساياھەتچىلەرنىڭ ئون تۈرلۈك ھوقۇقىنى بىلەمسىز؟ ›› سەرلەۋھىلىك تېمىدىكى بىلىملەرنى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇم . 1 W1 c! m9 g" p7 M$ h% xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپتونوم رايونىمىزدا ساياھەتچىلىك ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەرگە قارىغاندا نىسبەتەن كېيىنرەك باشلانغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت جەريانىدا ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشقا ئائىت بىلىملىرى كەمچىل. شۇ سەۋەبلىك ساياھەت جەريانىدا ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە سەيلىگاھلار ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك ماجىرالار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بىر قىسىم يېڭىدىن قۇرۇلغان ساياھەت رايونلىرىدا ساياھەت مۇلازىمىتى كاپالەت سىستېمىسى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن تۈرلۈك ھادىسە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنئاي ياسىن چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:& W D. O" x: Z; Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىرىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ھوقۇقى بار. ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن توختام تۈزۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ساياھەت كوپىراتىپى ئورۇنلاشتۇرغان ساياھەت لىنىيەسى، سەيلىگاھلار، ساياھەتنىڭ مەزمۇنى، ئۆزى تۆلەيدىغان ھەقلەر ( سەيلىگاھقا كىرىش بېلىتى، كىرا ھەققى، ياتاق – تاماق ھەققى، سۇغۇرتا ھەققى)، ساياھەت جەريانىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق بىلىشى كېرەك.6 Q. @- M0 w3 n, @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىككىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت داۋامىدا ساياھەت يېتەكچىسى ياكى ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ باشلىشى ۋە زورلىشى بىلەن بەلگىلەنگەن سەيلىگاھ، مېھمانساراي، دۇكان – ساراي، ئاشخانا، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى قاتارلىقلاردا ساياھەت توختامىنىڭ ئىچىدە بولمىغان ھەر قانداق شەكلى ئۆزگەرگەن ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار.' v# i! L/ Q1 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۈچىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتتىن بۇرۇن ياكى ساياھەت جەريانىدا شەخسىي ئىشى تۈپەيلىدىن ساياھەتنى داۋاملاشتۇرالمىسا ۋە ياكى ساياھەتتىن يالتىيىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ساياھەت توختامىنى ئۈچىنچى بىر تەرەپكە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى بار. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تۆلەشكە تېگىشلىك چىقىمنى ساياھەتچى ۋە توختامنى قوبۇل قىلغان ئۈچىنچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.
) W# A- k" A' Z$ N$ A7 S تۆتىنچىدىن، ساياھەت توختامى ئىمزالانغاندىن كېيىن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى توشمىغانلىقى ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ساياھەت ئۆمىكى ۋاقتىدا يولغا چىقالمىسا، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى باشقا ساياھەت ئۆمەكلىرىگە قوشۇپ قويسا، ساياھەتچىلەرنىڭ توختامنى بىكار قىلىپ، تاپشۇرغان ھەقنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار.: `/ k% t1 J+ z, oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەشىنچىدىن، ساياھەتچىلەر ساياھەت داۋامىدا ساياھەت كوپىراتىپلىرى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ جەرياندا كېلىپ چىققان جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك زىيىنى ئۈچۈن ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. سەيلىگاھ، مېھمانساراي، دۇكان – ساراي، ئاشخانا، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمەت ھالقىلىرىدىن چىققان مەسىلە، زىيانغا شۇ تىجارەتنى قىلغۇچى ئۈچىنچى تەرەپ قوشۇمچە جاۋابكار بولىدۇ.0 @5 r: d' w" _8 k, z {9 f2 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالتىنچىدىن، ساياھەت جەريانىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئىززەت – ئابرۇيى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت جەريانىدا ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپتىن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ۋە مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.( W( `8 A) H+ \$ n' ?' eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەتتىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپتىن ئۆزلىرىنى بىخەتەر، ساغلام بولغان ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت داۋامىدا ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپتىن ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا، توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىش، سالامەتلىك ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدىغان ساياھەت پائالىيەتلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار.# Y2 w- C, ?& h, N% d4 m$ Q4 Z# Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەككىزىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش داۋامىدا جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىسا، ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپ ۋە شۇ جايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. چېگرا سىرتىدىكى ساياھەت داۋامىدا مەسىلىگە يولۇقسا، دۆلىتىمىزنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.
: i) t+ f* q; O8 J- E توققۇزىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت داۋامىدا ساياھەت توختامى بىكار قىلىنغان ئەھۋالدا، ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپتىن قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. h1 b8 G& J3 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئونىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى ئورۇننىڭ قانۇن–تۈزۈمگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى بايقىغاندا، ئۇلارنى ساياھەت باشقۇرۇش، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، مال باھا، قاتناش، سۈپەت – تېخنىكا، سەھىيە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار.
: o/ W/ V1 ?4 A7 T ئەسلى مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |