بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قاپلان115 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-29 21:02 3 M1 W9 e& Z6 d( Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6 {0 y8 s% @. W) [2 u: _چىش كېسەللىكلىرىگە يەرلىك رېتسىپلارنىڭ راستىنلا ئۈنۈمى يوقمۇ؟
* K0 y s' l; n3 H0 [ مەن بۈگۈن مىسرانىم تورى مۇنبىرىدە بۈگۈنكى تور مەزمۇنلىرىنى زىيەرەت قىلىۋېتىپ ، تۇيۇقسىزلا توردىشىمىز ‹‹ turukyar 219›› نىڭ ‹‹ مەن چىش دوختۇرى ، بۇ يەرلىك رېتسىپلارغا مەن ئىشەنمەيمەن ›› تېمىسىدىكى ماقالىغا كۆزۈم چۈشتى . مەن قىززىقىپ بۇ دوستىمىزنىڭ ماقالىسىغا كۆز يۈگۈرتتىم . كۆز يۈگۈرتتىميۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى كۆرۈپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم ۋە بۇ مۇنازىرە ماقالىسىنى يېزىپ دوسلار بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم . كەڭ تورداشلارنىڭ بولۇپمۇ تېببى كەسىپتىن خەۋەردار كەسىپداشلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .0 b+ e0 E+ o0 g5 `' T) Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دوستۇم ‹‹ turukyar 219›› مەن ئالدى بىلەن سىزدىن سوراپ باقسام ، سىز ئوبدان ئويلىنىپ جاۋاپ بىرىپ باقسىڭىز . يەرلىك رېتسىپ دىگەن نىمە ؟ ئۇ قانداق شارائىتتا پەيدا بولغان ؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كىلىۋاتىدۇ ؟ ئۇنىڭ كىيىنكىلەرگە مىراس بولۇشى يەنە قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ ؟
3 q" B. x0 E y1 f# R5 [1 d2 \0 u8 o: K سىز ئۆزىڭىزنى مەن دوختۇر دەپسىز ، توغرا مەن سىزنىڭ دوختۇرلۇقتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر جاپالىق ھەم شەرەپلىك كەسىپنى تاللىغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن ، ياق مەنلا ئەمەس پۈتۈن جەمئىيەت خۇرسەن . چۈنكى تېببى كەسىپ دىگەن ئاغرىققا ئامال ، كېسەلگە شىپا ئىزدىگۈچى ، بۇ ئارقىلىق بىمارنىڭ تۈرلۈك تۈمەن كېسەللىكلىرىگە شىپا ئىزدەپ ، بىمارلارغا قايتا ھاياتلىق يولى ئېچىپ بەرگۈچى ناھايىتىمۇ ئۇلۇغ كەسىپتۇر . شۇڭا ئۇلۇغ ئۇستازىمىز ، تېبابەت پىشۋاسى فارابى تېببى كەسىپنىڭ ئەخلاقى تۇغرىسىدا توختۇلۇپ ‹‹ ئەمچى( تېۋىپ ، دوختۇر ) لىكنى ئۈگۈنىش بىر ياخشى خىسلەت ، ئۇ ھەر قانداق ئادەمنىڭ قولىدىن كىلىۋەرمەيدۇ ، بۇ كەسىپنى ئۈگەنگۈچىلەر تەمكىن ، سالماق ، كەمتەر ، زېھنى ئوچۇق ، ياش ، تەمبەل روھى جۇشقۇن بولىشى ، باشقىلارنىڭ ( كەسىپداشلار ۋە ئۇستازلارنىڭ ) نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمماي ، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۇنى ئۆزىنىڭ داۋالاش ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاپ ئىشلىتىپ ، بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئازاۋىنى يىنىكلىتەلەيدىغان بولىشى ، مەنمەنچىلىكتىن ، يالغانچىلىقتىن ، تەكەببۇرلۇقتىن خالىي بولىشى ، كۆڭلىدە بىمارنىڭ كېسەللىكىنى داۋالاپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا غەيرى مۇددىئانى ئويلىماسلىقى ، ئۆزىدە مەڭگۈلۈك ئۈگۈنىشچانلىق ۋە ئۈگۈتىشچانلىق روھىنى يىتىلدۈرىشى كېرەك . ئۇنداق بولمىغانلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئەمچىدۇر . يالغان ئەمچى جاللات بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ ، جاللات قىلىچ بىلەن ئادەم ئۆلتۈرسە يالغان ئەمچى ئۆزىنىڭ يالغانچىلىقى ، مەككارلىقى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرىدۇ ›› دەپ كۆرسەتكەن .
1 Z5 A2 q" t! K# l* T دوستۇم بايا سىزدىن سورىغان سوئاللارنى مەن سىزگە ناھايىتتى ئاددى قىلىپلا چۈشەندۈرەي . يەرلىك رېتسىپ ئۇنداق يەڭگىللىك بىلەن ئىنكار قىلىدىغان ئادەتتىكى نەرسە بولماستىن ، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى كېسەللىكلەر بىلەن كۆرەش قىلىش ، كېسەللىكلەرنى داۋالاش ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن ، شۇنداقلا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان دىيارىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈرلۈك- تۈمەن كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ساقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ كىلىۋاتقان ئەڭ ئۇلۇغ مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى . شۇڭا ھازىر ئىلىمىز ھەتتا خەلقارادىنمۇ مۇشۇنداق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ، ئۇنى قوغداۋاتىدۇ ۋە تەرەققى قىلدۇرۋاتىدۇ . سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئاشۇ ئاتالمىش ‹‹ ئىشەنمەيمەن›› لەر ئىلىم-پەن ئەڭ يۇقۇرى پەللىدە تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردىمۇ ئۆزىنىڭ سىرلىقلىقى ، بىباھالىقى بىلەن يەنە ئەتىۋارلىنىپ ، يۇقۇرى دەرىجىلىك كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ ، دۆلەت ۋە خەلقارا دەرىجىلىك قوغدىلىنىدىغان ‹‹ ئالاھىدە غەييرى مەدەنىيەت مىراسلىرى ›› قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ، دۆلەت ۋە خەلقارا جەمئىيەتنىڭ زور مەبلەغ ۋە ئېچىش سىياسىتى جەھەتلەردە كۈچلۈك قوللىشى ۋە مەدەت بىرىشىگە مۇيەسسەر بولىۋاتىدۇ .
, w& s$ t, q7 ]" e بۇ يەردە يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈر دەپ قارايمەن ، سىز ئۈگەنگەن ئاشۇ چىش دوختۇرلۇق ( غەرىپ تېبابەتچىلىك ئسلۇبى ) كەسپىنىڭ قاچانلاردىن ئاپىرىدە بولغانلىقىنى مەن ئىنىق بىلمەيمەن ، ئەمما ئۇنىڭ دىيارىمىز شىنجاڭغا كىرگىنىگە ئەمدىلا ئازدۇركام 100 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى . ئۇنىڭ ئالدىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىختا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان دىيارىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ، كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ، ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىشلىرىغا سىز ‹‹ ئىشەنمەي ›› كىلىۋاتقان ئاشۇ يەرلىك رېتسىپلار رول ئوينىماي ، نىمە رول ئويناپ كەلگەن ؟! مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ، بىز خۇددى قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن پاقا ‹‹ قۇدۇقنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپلا پۈتۈن دۇنيا مۇشۇ شۇ ، مەن دۇنيانى ئايلىنىپ چىقتىم ، دۇنيادا مەن بىلمەيدىغان ھىچ نەرسە ھەم ھىچقانداق سىر يوق ›› دەپ چۆيلىگىنىدەك ، ئۆزىمىز بىلمىگەنلەرنىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلىپ يوققا چىقارساق سىزنىڭچە توغرا بولامۇ؟
' K, u9 j; Q% C4 Y9 i سىز يېنىڭىزدىن ئازتولا پۇل چىقىرىپ ، ئالدىنقى يىللاردا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان ( ‹‹ ئۇيغۇر تېبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلىرى ›› 12 توم ) ناملىق بىر يۈرۈش ئەسەرلەرنى سېتىۋېلىپ ، ياكى سېتىۋېلىشقا كۆزىڭىز قىيمىسا ، تىجارەتتىن بوشانغان چاغلىرىڭىزدا ئاز تولا ۋاقىت چىقىرىپ ھەر قايسى جايلاردىكى كۈتۈپخانىلارغا بېرىپ بۇ كىتاپلارنىڭ ھەر قايسىسىدىكى ‹‹ چىش كېسەللىكلىرى ›› باپلىرىنى كۆرۈپ قويۇڭ ( بۇ كىتاپلارنىڭ ئالدى سىز شۇغۇللىنىۋاتقان ئاتالمىش چىش دوختۇرلۇق كەسپى تۇغۇلىشتىن ئاز دىگەندىمۇ 1000 يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان بىباھا گۆھەرلەردۇر ) . بۇ كىتاپلاردا سىز ئىشەنمەيدىغان نەچچە يۈزمىڭلىغان يەرلىك رېتسىپلار ساقلىنىپ ياتماقتا . بۇ كىتاپلارنىڭ قايسى بىرىنى ئاچسىڭىز چىش كېسەللىكىنىڭ مىزاج بۇزۇلۇش تۈرىدىكى سەۋەبىلا 10 نەچچە تۈرگە بۆلۈپ سۆزلىنىدۇ . داۋالاش رېتسىپلىرى بولسا نەچچە 100 خىلغا بارىدۇ .
' o( i1 I4 ], N+ K, X. u* B9 q بۇ ئالەم سەۋەپ نەتىجىلىك ئالەم ، ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ سەۋەبى بولغىنىدەك بىمارلاردا پەيدا بولىۋاتقان چىش ئاغرىقلىرىنىڭمۇ چوقۇم سەۋەبى بولىدۇ . سىز رېتسىپنى شۇ سەۋەبىگە قارىتا نىشانلىق ئىشلەتسىڭىزلا ئىشىنىمەنكى ئۇ چوقۇم ئۈنۈم بىرىدۇ . مەسىلەن سىز ماقالىڭىزدا ئىشەنمەيمەن دەپ مىسالغا ئالغان ئىككىنچى رېتسىپ ھەسەلنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى : ھەسەل يېمەكلىكلەر ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقۇرى بولغان تەبىئى قۇۋۋەت يېمەكلىكى بولۇپلا قالماستىن ، ئۇنىڭ يەنە تېبابەتچىلىكتە سوغۇق يەلنى ھەيدەش ، چىرىشكە قارشى تۇرۇش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ئەزالارنى قۇۋۋەتلەشتىكى رولىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولغان دورىدۇر . ئۇنى سوغۇق يەلدىن بولغان چىش ئاغرىقى ياكى چىشقا قۇرت چۈشۈشتىن بولغان چىش ئاغرىقىغا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە ئەشلەتكەندە چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ . يەنە ئۇندىن باشقا سىز ماقالىڭىزدا ئىشەنمەيمەن دەپ مىسالغا ئالغان بىرىنچى رېتسىپ زەنجىۋىل بولسا قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا بولۇپ ، ئۇنىڭمۇ تېبابەتچىلىكتە سوغۇق يەلنى ھەيدەش ، چىرىشكە قارشى تۇرۇش ، توسالغۇلارنى ئېچىش جەھەتلەردىكى رولىمۇ ئالاھىدە ياخشى . ئۇنىمۇ چىشقا سوغۇق ئۆتۈش سەۋەبىدىن بولغان چىش مىلكى ياللۇغلىنىش ، چىش شامالدارىش ، سوغۇقتىن بولغان زۇكام قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان چىش ئاغرىقلىرىغا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە ئەشلەتكەندە چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ . يەنە ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق يەلدىن چىش مىلكى ياللۇغلىنىپ ئاغرىغان چىشنى تاش تۇز سۈيىدە چايقاپ بەرسىڭىزمۇ ناھايىتى تىزلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز . + s( I( ?1 K; L* u( Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ يەردە كىلىپ چىققان سىزدىكى يەرلىك رېتسىپلارغا ئىشەنمەسلىك خائىشى مەنچە بۇنداق ئىككى خىل ئىھتىماللىقتىن بولغان : بىرىنچىسى ، سىز قايسى خىل رېتسىپنى قايسى خىل چىش ئاغرىقىغا ئىشلىتىشنى بىلمەسلىكتىن بولىدۇ . ئەگەر سىز ئۇنى بىلسىڭىز چىش ئاغرىپ ئالدىڭىزغا كەلگەن بىمارلار پۇل خەجلىمەي ياكى ئازلا پۇل خەجلەپ شۇ چىش ئاغرىقىدىن قۇتىلالايدۇ . ئىككىنچىسى ، سىز قايسى خىل رېتسىپنى قايسى خىل چىش ئاغرىقىغا ئىشلىتىشنى بىلىشنى خالىماسلىقىڭىزدىن بولىدۇ . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە مەنپەئەت توقۇنۇش مەسىلىسى . يەنى بىمارلارغا سىز ئاتالمىش ‹‹ ئىشەنمەيمەن ›› يەرلىك رېتسىپلارنى ئىشلەتسىڭىز بۇ بىۋاسىتە سىزگە ئېقىپ كىلىۋاتقان ئىقتىسادى كىرىم مەنبىيىڭىزنى ئۈزۈپ قويىشى ، ئۈزۈپ قويمىغاندىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشى تۇرغانلا گەپ . چۈنكى يەرلىك رېتسىپلاردىكى دورا مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك دىيارىمىز تۇپراقلىرىدىن چىقىدىغان تەبىئى يەرلىك مەھسۇلاتلار بولغاچقا ، ئۇنىڭ تەننەرقى تولىمۇ ئەرزان ھەم ھەممىگە ئاشكارە ، سىز ئۇنىڭدىن كۆپ پايدا ئالىمەن دەپ ھەر قانچە تىركەشسىڭىزمۇ ، ئۇنىڭ پايدىسى ھەرگىزمۇ سىز ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقان ئاشۇ ‹‹ سىرلىق ماتىرىيال ۋە ئۈسكىنىلىرىڭىز›› نىڭ سىزگە يارىتىپ بىرىۋاتقان پايدىسىغا يەتمەيدۇ . بۇ خىل ھالەت تەبىئى ھالدا سىزنى ئاشۇ يەرلىك رېتسىپلارغا ئىشەنمەسلىككە سۆرەپ كىرگەن . بۇنىڭلىق بىلەن سىز بۇ خىل يەرلىك رېتسىپلارغا ئىشەنمەسلىك خائىشىڭىز بىلەن خەلقىمىزنى ئالداشقا ئۇرۇنسىڭىز ، ئەڭ مۇھىمى ئەجداتلىرىمىز ئەتىۋارلاپ بىزگىچە يەتكۈزگەن ئاشۇ گۆھەرلەرنى دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنسىڭىز ۋىجدانىڭىز كۆتىرەمۇ ؟9 q! C7 o( H$ S9 M# F4 H& B; sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇڭا دوستۇم turukyar 219›› مەن دەيمەن سىز نىمە ئىش قىلىڭ ، نىمە كەسىپ قىلىڭ چوقۇم كەسپىڭىزگە ئەقىدە باغلاپ دۇرس يولدا مېڭىڭ . قىلىۋاتقان كەسپىڭىزگە باشقا خىلدىكى غەيرى مۇددىئا ئارلىشىپ كەتمىسۇن . ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بۇغدايغا قارىمۇق ئارلىشىۋالغاندەكلا بىر كۆڭۈلسىز ئىش بولۇپ ، ئاخىرقى ھىساپتا زىيان تارتقۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالىسىز . 5 l: f$ E8 P6 v; Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دوستۇم turukyar 219›› مىنىڭ سۆزلىرىم بەلكىم سىزگە قاتتىق كەتكەن بولىشى ، سىزنى سوغۇق تەرلەرگە چۈمدۈرگەن بولىشى مۇمكىن . شۇنداقتىمۇ بۇ بەلكىم سىزگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق غىدىقلاش تۇيغۇسىنى بىرىپ ، سىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن بالدۇرراق ئويغۇنىشقا سەۋەپ بولۇپ قالار ، دىگەن ئۈمۈتتە قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر بولدۇم . چۈنكى بىز تونۇشمىساقمۇ تورداش دوسلاردىندۇرمىز ، ‹‹ دوس يىغلىتىپ ئېيتار دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ›› . مىنى كەچۈرۈڭ ھەقىقەتتىن ئىككى كەلىمە سۆزلىگەنلىرىمنى ئېغىر ئالمىغايسىز . ئامان بولۇڭ ، كەسپىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي !
8 m% M6 a2 v' K* Y9 I; I+ j' S+ `8 P/ iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قاپلان115
# |4 s+ r* J$ f; N- A0 m2 d2 S+ Q1 x$ u0 g4 a8 v0 }5 t& ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2015- يىل 7- ئاي29- كۈنى ( خوتەن )
3 d$ E9 G( u9 r3 ^5 Y( D2 F9 j ~ |