روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 12016|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

غۇلجىغا سەپەر لىنىيىسى ( بىلىۋېلىڭ )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tulpar2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-12 13:25  : `! @- ~9 s) S7 x* Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

% H$ x3 X7 j: _% r# t3 N$ M   غۇلجا ھەقىقەتەن گۈزەل جاي ، بۇ يەرنىڭ ساياھەت قىلغۇدەك جايلىرى ناھايىتى كۆپ ، مۇبادا سىز كىچىك ماشىنىدا ماڭغان بولسىڭىز ،قەشقەردىن ماڭغان بولسىڭىز  ئالدى بىلەن ئاقسۇ تەرەپتىن بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى قوغداش رايۇنىغا كېلىسىز ، ئاندىن ئۇ يەردىن 38 كلومېتىر يول يۈرۈسىز .
5 x$ z, r4 A1 O9 b4 w" ~' x  ئاندىن نارات داۋىنىدىن ئېشىپ ، ناراتقا چۈشىسىز ياكى داۋاندىن چۈشمەي دىسىڭىز ، بايىنبۇلاقتىن 80 كلومېتىرچە شەرققە يول يۈرۈپ ،ئوت كەتكەن كۆۋرۈكتىكى ئاچالدىن غەرىپكە قاراپ مېڭىپ ، ئورمان دېگەن جايغا بارىسىز ، ئۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىمۇ سىزنى مەھلىيا قىلىدۇ ، بۇ يەردە بىرەر كۈن تۇرسىڭىز ، يېمەك ئىچمەك ئەرزان ، گۆش پارچىمۇ سېتىلىدۇ ، بىر كىلوسى 48 يۈەندىن 55 يۈەنگىچە ، پىشۇرۇپ يەيمەن دىسىڭىز ئاشپەز ئۇستاملار 20 يۈەنگە پىشۇرۇپ بېرىدۇ ، ئۇ يەردىن چىقىپ يەنە ئۇدۇل يول ئارقىلىق مېڭىۋەرسىڭىز ، نارات ئۆسۈملۈك باغچىسى، يەنە ساياھەت رايۇنىغا كىرىسىز ، ئۇ يەردىن يەنە مېڭىۋەرسىڭىز ، نارات خەلق ھۆكۈمىتىگە كېلىسىز ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ ، كۈنەس ناھىيىسىگە بارىسىز . غۇلجا شەھىرىگە كىرمەكچى بولسىڭىز شىمالىدىكى يول ھازىر رېمىنۇت قىلىنىۋاتىدۇ ، جەنۇبىي تەرەپتىكى يولغا ماڭسىڭىز  توققۇزتۇرا ناھىيىسىگە كىرىسىز . توققۇزتۇرا ناھىيىسىدىن بىۋاستە غۇلجا شەھىرىگە كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ ، بولمىسا تېكەس ناھىيىسىگە بېرىڭ يەنە ناھىيە بازىرىدىن غەرپكە قاراپ مېڭىپ ، بىر ئاچالغا بارسىڭىز جەنۇپقا بۇرۇلىدىغان يول بار ، بۇ يول بىلەن 80 كلومېتىرچە ماڭسىڭىز تېكەس ناھىيىسىگە چۈشىسىز ، بۇ يەرمۇ بەك گۈزەل ، بۇ ناھىيە بازىرىدا سەككىز كوچا دېگەن مەملىكەتكە داڭلىق بىر جاي بار بۇ يەرنى كۆرمىسىڭىز ئارماندا قالىسىز ، تېكەستىن چىقىپ يەنە جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ ، مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسىگە بارسىڭىز بولىدۇ ، ئارىلىقى تەخمىنەن 60 كلومېتىرچە كېلىدۇ ، ئۇ يەردىن غەرپكە قارپ مېڭىپ ‹‹ ئەۋلىيا ئاتا چوققىسى ›› دېگەن داۋانلىق يول بىلەن ماڭسىڭىز چاپچال شىبە ئاپتۇنۇم ناھىيىسىگە كىرىسىز ، ئۇ داۋانلىق يولدىن ئۆتكىچە ماشىنىڭىز ياخشى بولۇشى ، شوپۇرلۇقتا تەجرىبىلىك بولۇشىڭىز كىرەك . يولدا ئەتراپى چوڭقۇر ھاڭلىق ھاۋا شالاڭ ، چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك . چاپچال شىبە ئاپتۇنۇم ناھىيىدىن مېڭىۋەرسىڭىز غۇلجا دەريا كۆۋرىكىگە يېتىپ بارىسىڭىز ، ئۇ يەردە سەيلە ساياھەت قىلىپ بولۇپ ، غۇلجا دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى  كۆۋرىكىنىڭ غەرپى يۈنۈلىشىدىكى يول بىلەن قورغاس چېكرا ئېغىزىغا قاراپ ماڭسىڭىز بولىدۇ ، ئۇ يەر قازىقىستان بىلەن چېگىرلىنىدۇ ، ئۇ يەردىن يېنىپ قورغاس ناھىيىسىگە(سۈيدۇڭ)  كىرسىڭىز بولىدۇ .كىرمەي بىۋاستە سايرام كۆلى تەرەپكە ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ . كىرسىڭىزمۇ يەنىلا تېز سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىپ سايرام كۆلى تەرەپكە قاراپ ماڭىسىز ،  سايرام كۆلىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئۇ يەردىن ئارام ئېلىپ( قازاق ئۆيلىرىدە )ماڭسىڭىز بولىدۇ ، سايرام كۆلىگە ئۆتكىچە تەلكە داۋىنىدىن ئۆتىسىز ، بۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان كۆۋرۈك ھەقىقەتەن ھەيۋەتلىك ، ئۆتىدىغان ئىككى تونېل بار تېخى، ئۇزۇنلىقى 1.5 كلومېتىردىن ئاشىدۇ . ئەگەر ماشىنىلىق بولسىڭىز ، ماشىنىڭىزغا ماينى كۆپ جىقلىۋېلىشنى  ۇنۇتماڭ ، چۈنكى سايرام كۈلى بويىدا ماي جىقلاش  پونكىتىدىن بىرىمۇ يوق ، ماي قويۇش پونكىتىغىچە سايرام كۆلىدىن 100 كلومېتىردىن ئوشۇق يول بار . ‹‹ ۋۇتەي ›› دېگەن جايغا بارسىڭىز ماي چىقلاش پونكىتى بار ، يەنى ۋۇتەي دېگەن ئاچالغا بارسىڭىز بۆرتالا ناھىيىسى ۋە جىڭ ناھىيىسىگە بارىسىز ، بۆرتالانىمۇ چوقۇم كۆرۈڭ ناھىيىتى گۈللەنگەن شەھەر ، دائىرىسىمۇ ناھىيىتى چوڭ ، بۆرتالادىن غەربىي شىمالغا 85 كلومېتىر ئەتراپىدا ماڭسىڭىز ، بۆرتالانىڭ ئارشاڭ ناھىيىسىگە يېتىپ بارىسىز ،مۇبادا چۆچەك شەھىرىگە بارماقچى بولسىڭىز 360 كلومېتىرچە ماڭسىڭىز بولىدۇ ، ئالاتاۋ ئېغىزىغا 100 نەچچە كلومېتىر كېلىدۇ .  ئارشاڭ ناھىيىسىدە  شىپالىق بىرقانچىلىغان ئارشاڭلار بار ،ئارشاڭغا چۈشسىڭىز بولىدۇ ،  ئۇ يەردىن يېنىپ يەنە بۆرتلا شەھىرىدىن ۋۇتەي دېگەن ئاچالغا قايتىپ كېلىسىز ، ئارىلىقى تەخمىنەن 26 كلومېتىر كېلىدۇ ، ئۇ يەردىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالىسىز ، يول بويىدا جىڭ ناھىيىسى ، شىخۇ  ، مايتاغ ، قاراماي ، كۇيتۇن ، شېخەنزە ، ساۋەن ، ماناس قاتارلىق ناھىيە شەھەرلەر بار ، شېخەنزىدىن ئۆتسىڭىز سانجى شەھىرىگە كىرىسىز ، ئاندىن ئۈرۈمچىگە كېلىۋالىسىز  ،

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +70 ئىناۋەت +55 تەڭگە +75 بايلىق +75 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 70 + 55 + 75 + 75 + 10 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

رەخمەت ،ساقلاپ قۇياي كىيىنچە لازىم بۇلۇپ قالار !
3-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-8-12 20:44:44 | ئايرىم كۆرۈش
قىممىتى بار تېما بولۇپتۇ، مەن ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا بېرىپ يولنى كۆپ بىلمىگەچكە 3 كۈندە يېنىپ كەلگەن ئىدىم.
6 B: H( P( e- T  e8 }ئەمدى بارسام ماۋۇ تېمىڭىزنى قەغەزگە بېسىپ چىقىرىۋالسام بولغۇدەك
4-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-8-12 22:01:29 | ئايرىم كۆرۈش
يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىمۇ  بۇنداق تەپسىلىي دەپ بېرەلمەيتتى. مەن بۇ سەپەرنى سىز بىلەن يەنە بىر قېتىم بىللە باسقانداق تۇيغۇدا بولدۇم، رەھمەت!
5-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-8-13 01:28:59 | ئايرىم كۆرۈش
تۇلپار ئەپەندىمنىڭ يول باشلاشتا خېلى ئېپى بار ئىكەن مەن 2 قېتىم مېڭىپمۇ تۇلپار ئەپەندىمدەك بىلمەيمەن تېخى...
* x* V8 J3 f7 h0 D; D8 L/ ]$ @+ eغۇلجىغا بېرىپ قالسام تۇپلار ئەپەندىمگە ئۇچۇر يوللاپ يول سوراپ ماڭمىسام ھىساپ ئەمەس.................
6-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-8-13 09:34:03 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن، تۇلپارغا رەھمەت.
7-قەۋەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-13 14:46:53 | ئايرىم كۆرۈش
تېمامنى نادىرلاپ قويغان بېكەت باشلىقىغا تەشەككۇر ،تېمامغا نەزىرىنى ئاغدۇرغان ئەركزات قاتارلىق بارلىق ئەزىزلەرگە ئالىي ئېھتىرام .
مەن كۆرمىسەممۇ بولغۇدەك ھى ھى ..
9-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-8-15 21:11:48 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ مەنمۇ ساقلاپ قۇياي كىلەر يىلغىچە بىرىپ قالسام لازىم بۇلۇپ قالار كۆپتىن كۆپ رەخمەت
باشقىلارنى ئ‍ازراق  نەپكە  ئ‍ېرىشتۈرەلىگىنىم ،ئ‍ازراق  مەسئۇلىيىتىمنى ئ‍ادا  قىلغانلىقىم.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

روھلان ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ
كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-8-30 00:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش