روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1670|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مۇئەللىم- تۇرسۇنگۇل ئوسمان پىغانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-10 19:35:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saedi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-11 10:51  

  مۇئەللىم

تۇرسۇنگۇل ئوسمان پىغانى

سەھرادىكى مۇئەللىمە قىز
كېتىپ بارار چىغىر يوللاردا
قەلبىدە بار بىر بۈيۈك ئارمان
تاتلىق خىيال بىلەن ئويلاردا

چاچلىرى ھەم كىرپىكلىرىنى
تاڭ سەھەردە بېسىپتۇ قىراۋ
يۈرىگىدە ئوتلۇق ئارمانلار
لېكىن بۇنى چۇشەنمەس بىراۋ

باھار كېتىپ يەنە قىش كىلىپ
ئۆتۈپ كېتەر پەسىللەرمۇ تىز
لېكىن ئاشۇ توپىلىق يولدا
باردۇر يەنە كۆمۈلمەس بىر ئىز

سەھرادىكى مۇئەللىمە قىز
سەھرا گۇلى سەھەر بۇلبۇلى
تاڭ قۇياشى نۇر زىيا چىچىپ
نۇرلانسۇن شۇ توپىلىق يولى
ئالدىنقى: ھايات قىسمىتى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-10 21:50:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ئاپىرىن سىزگە  يەنىمۇ تىرىشىڭ
ۋاقتى: 2014-10-10 23:20:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز مەزمۇنلۇق، ياخشى يېزىلىپتۇ، بىراق ئىملاغا ۋە سۆز ئىشلىتىشكە دىققەت قىلغان بولسىڭىز .

پەسىلەر -پەسىللەر، يۈرۈگۈدە-يۈرىگىدە ،لىكىن- لېكىن ،كىتىپ-كېتىپ ،بىسىپتۇ-بېسىپتۇ ،......قاتارلىقلار،يەنە ئې ھەرپى ئېلىنىدىغان كۆپ جايلار ئى بولۇپ قاپتۇ .

ئەگەر ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام  ئۆزرە سورايمەن .
ۋاقتى: 2014-10-10 23:35:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمە بولغاندىكىن ماۋزۇغىمۇ مۇئەللىمە دەپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن .
ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلسىڭىز ،  شېئىرنى ئامال بار باشتىن ئاخرى ئوخشاش ۋەزىندە ،ئوخشاش قاپىيدە يېزىشقا كۆنىسىڭىز ياخشى ،
ۋاقتى: 2014-10-11 20:52:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تېرىشىڭ .
ۋاقتى: 2014-10-11 20:52:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تېرىشىڭ .
ۋاقتى: 2014-10-13 11:22:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق تىرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-16 19:01:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ قوللىغانلىقىدىن خوش بولدۇم،رەخمەت سىلەرگە !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-28 11:14

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش