روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2916|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تۇرسۇنگۇل ئوسمان پىغانى :بەخىتسىز ئايال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بەختسىز ئايال

تۇرسۇنگۇل ئوسمان (پىغانى)

بىر ئىغىز ئۆي ئىككى بولمىدى،
ئىككىمىز توي قىلغاندىن بۇيان.
شۇڭا كۆڭلۈم بولدى بىر قىسما،
كۆز ئالدىمدا بىر سىرلىق تۇمان.

تاپقان پۇلۇڭ مۇئاشىڭنىمۇ،
قەيەرلەردە خەجلەيسەنكىن تاڭ.
باشقىلاردىن ئاڭلىسام يەنە،
ئويناركەنسەن ھەر كۈنى ماجاڭ.

يەنە تىخى قاۋاقلارغىمۇ،
پۇل بولسىلا كىرىپ تۇرۇپسەن.
يانچۇقۇڭدا سىنىت قالغۇچە،
راسا خەجلەپ كۆككە سورۇپسەن.

يەنە تېخى باشقا ئىشلارغا،
بىرىلىپسەن( بۇغۇ بىر گۇمان)
تىنىچ كۆلدەك سۈزۈك كۆڭلۈڭنى،
ئاھ ! باستىغۇ قاپقارا تۇمان.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-7 17:32:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن يېڭى شئېرىڭىزغا .
ۋاقتى: 2014-11-7 17:47:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ
ۋاقتى: 2014-11-7 18:07:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەر بەك كوپ ،شۇنداق ياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2014-11-7 18:35:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 12:44  

ئىچىملىككە ، چىكىملىككە ، ئۇيۇنغا بېرىلىپ كەتكەن ئەرنىڭ ئايالى دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە ئايالدۇر.
شئېرنى ياخشى يېزىپسىز بۇنىڭدىن كېيىنىكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2014-11-7 20:00:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزلىپتۇ تىخمۇ تىرشىڭ.
ۋاقتى: 2014-11-8 12:36:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى ئەڭ بىچچارە كىشى ، ئىرى ياكى ئايالى  ۋاپاسىز چىققان كىشىدۇر . مۇشۇندق ۋاپاسىزلارنى ، تىنىچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرسىغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتسە . دۇنيادا ۋاپاسىز  ( ئەر - ئايال ) لا قالمىغان بولاتتى.

باھا سۆز

ۋاپاسىز بولسا ئاجىرشىپلا قۇتۇلمامدۇ، ھەر ئىككىلىسى ئۆز يولىغا ماڭسا بولىدۇ ، تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلىسا بول  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-8 12:59
ۋاقتى: 2014-11-8 12:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
150015 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 12:36
دۇنيادىكى ئەڭ بىچچارە كىشى ، ئىرى ياكى ئايالى  ۋاپاسىز  ...

ۋاپاسىز بولسا ئاجىرشىپلا قۇتۇلمامدۇ، ھەر ئىككىلىسى ئۆز يولىغا ماڭسا بولىدۇ ، تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلىسا بولىدۇ. ئەمما ئاجرىشالماي  تۇرۇپ  دوزاخ ئازابىنى كۆرۈۋاتقان ئاياللىمىزغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ، مۇنداقچە قىلپ ئېيتقاندا  ئايالىغا تاپىنى ئېسىپلا  مېنى باق دەپلا ياتىدىغان ، ئۆزى قىمارخانىدىن كەلمەيدىغان ، ھاراق سورۇنىدىن كەلمەيدىغان ، كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە دەسسىمەيدىغان ، ئۆيگە كەلسە ئايالىنى پۇل بەر دەپ ئۇرىدىغان ، ئايالىنى پۇل تاپ دەپ ئۇرىدىغان، ئايالى بولسا  ئۆينى  ۋە بالىلىرىنى بېقىپ  تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغان ھالەت كۆز ئالدىمىزدىلا مەۋجۈت ، مەن ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن ئەھۋالنى دىدىم، مۇشۇنداق ئەرلەرنى يەر شارىدىن يوق قىلىۋەتسە دەيمەن...

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
قوللايمەن: 5
ھەممە ئىش سىز ئويلىغاندەك ئاسان ئەمەس .  ۋاقتى: 2014-11-9 02:46

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 04:09

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش