روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1136|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يۈرۈيمەن يىگانە ئايدىڭ كەچلەردە - تۇرسۇنگۈل ئوسمان پىغانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-25 15:02:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 13:08  

يۈرۈيمەن يىگانە ئايدىڭ كەچلەردە

تۇرسۇنگۈل ئوسمان (پىغانى)

بۇ كېچە يۈرۈيمەن ئاسمانغا بېقىپ،
ئايمۇ ھەم مەن بىلەن يۈرەر سەيلانە.
تەنھا مەن بۇ ئاخشام ئۆزەملا يالغۇز،
پەقەتلا كۆلەڭگە بولار غەمخانە.

يۈرۈيمەن يىگانە ئايدىڭ كەچلەردە،
ئۆزۈمگە ئۆزۈملا تەسەللى بىرىپ.
يالغۇزمەن تائەبەت يالغۇزمەن يەنە،
يوق بەلكىم مەندەك بىر يىگانە غىرىب.

يۈرۈيمەن مۇشۇنداق تالاي ئاخشاملار،
شۇ مىسكىن كۆڭلۈمنى تەسكىن تاپقۇزۇپ.
بىلمىدىم خاتىرجەم ئاراملىرىمنى،
قويدۇمكىن مىڭ ئەپسۇس كىمگە تارتقۇزۇپ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +4 ئىناۋەت +12 تەڭگە +20 بايلىق +12 تۆھپە +4 يىغىش سەۋەبى
جام + 4 + 12 + 20 + 12 + 4 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

bak yahxi yizipsiz jumu
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-11-25 20:28:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان لېرىكا ئىكەن. قەلىمىڭز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن.
تەكلىپ: " يۈرىيمەن" ئەمەس، يۈرىمەن.
ۋاقتى: 2014-11-26 11:57:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى ئىلھاملىرىڭىزغا ئاپىرىن !
تۇرسۇنگۈل قولىڭىزدىن ياخشى يازمىلار تۈكۈلۈپ تۇرسۇن. ياخشى يېزىپسىز . ئايال قەلەمكەشلەرنىڭ روھلاندا ئاۋۇۋاتقىنىدىن سۈيۈنۋاتىمەن.
تۇرسۇنگۈل قولىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن. ياخشى يېزىپسىز داۋاملىق تېرىشىڭ. روھلاندا ئايال قەلەمكەشلەرنىڭ ئاۋۇۋاتقىنىدىن سۈيۈنۋاتىمەن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-19 02:20

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش