روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3249|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[نىدا] [شېئىر] ئازار بەرمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئازار بەرمە

ئازار بەرمىگىن ئەي دىلبەر قاناتقاندەك جاراھەتنى،
سېلىپ باشىمگە بىر كۈندە تۈمەن سەۋدا-مالامەتنى،
قاراپ يۈزۈمگە بىلمىسەڭ ساڭا كۆيگەن ئالامەتنى،
تۈگەر قانداقمۇ سۆزلىسەم ئىشقىڭ يازغان ھېكايەتنى.

گۈلگۈن يۈزۈڭگە مەن تەشنا بولۇپ ئاشىق يۈرەر بولدۇم،
كېزىپ چۆللەرنى مەجنۇندەك تەنھا جاپا كۆرەر بولدۇم،
گويا كېرەكسىز خەس بولۇپ يار ئىشقىڭدا ئۆلەر بولدۇم،
شىپا تاپماققا رەنجىمگە ئۆزۈڭ كۆرسەت كارامەتنى.

جانىم تەسەددۇق سەن ئۈچۈن، پىدا بولسۇن مېنىڭ بارىم،
تېپىپ ئەقلىڭنى باققىنا تاتلىق كۈلۈپ بەڭباش يارىم،
ئۆلەر چېغىمدا دېگەيمەن سېنىڭ جانىڭ مېنىڭ جانىم،
كۈتۈپ ئۈمىدنى ۋەسلىڭدىن ئىزدەپ تاپاي سائادەتنى.

گويا چاقماقتەك گۈلدۈرلەپ سوقۇپ سالسا سېنى ئاھىم،
بولۇپ گوياكى سېرىتماق گېلىڭدىنلا سىقسا زارىم،
بېرىپ ئالدىڭغا مەن يەنە كەچۈر دەيمەن شېرىن جانىم،
پەقەت كۆزلەيمەن جەننەتۇل رىزۋان ئارا شۇ راھەتنى.

2014-يىل 3-ئوغۇز، ئۈرۈمچى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-3 19:09:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شېئىر  مۇخەممەسمۇ ئەمەسمۇ ؟  ئەدەبىياتتىن  خەۋىرى  بارلار  قايسى  تۈرگە  كىرىدىغانلىقىنى  دەپ  بەرسەڭلار ؟

باھا سۆز

بۇ شىئىر مۇخەممەس(بەش قاتار ئەمەس) مۇئەمما مىكى تۆت قاتارنى نىمە دەپ ئاتايدۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن.بۇ دەرىسنى ئۈگەن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-10-3 20:35
ۋاقتى: 2014-10-3 20:35:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غىلاپ يوللىغان ۋاقتى  2014-10-3 19:09
بۇ  شېئىر  مۇخەممەسمۇ ئەمەسمۇ ؟  ئەدەبىياتتىن  خەۋىرى  ب ...

بۇ شىئىر مۇخەممەس(بەش قاتار ئەمەس) مۇئەمما مىكى تۆت قاتارنى نىمە دەپ ئاتايدۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن.بۇ دەرىسنى ئۈگەنگىنى خىلى ئۇزۇن ۋاقىت بوپتۇ ،تىل-ئەدەبىيات مۇئەللىمدىن سوراڭ.

باھا سۆز

مۇئەمما دېگىنى تېپىشماق دېگەنلىك.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-10-3 23:06
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-3 23:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خىل شېئىر شەكلى مۇرەببە دېيىلىدۇ.
1-مەسنىۋىي (ئىككىلىك)
2-غەزەل (ئىككىلىك)
3-مۇسەللەس (ئۈچلىك)
4-مۇرەببە (تۆتلىك)
5-مۇخەممەس (بەشلىك)
6-مۇسەددەس (ئالتىلىك)
7-مۇسەممەس (سەككىزلىك)
8-مۇتەسسە (توققۇزلىك)
9-روبائىي (تۆتلىك)
خاتىرەمگە يېزىۋالغانلىرىمكەن. قوساقتا ئۇماچنىڭ تايىنى يوق، مۇخەممەستىن يۇقىرىسىنى يېزىپ باقماپتىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-3 23:06:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاشكارى يوللىغان ۋاقتى  2014-10-3 20:35
بۇ شىئىر مۇخەممەس(بەش قاتار ئەمەس) مۇئەمما مىكى تۆت قا ...

مۇئەمما دېگىنى تېپىشماق دېگەنلىك.

باھا سۆز

راس ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن خاتالىقىمنى تۈزەتكىنىڭىنىڭىزگە رەھمەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-10-3 23:20
ۋاقتى: 2014-10-3 23:20:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nida يوللىغان ۋاقتى  2014-10-3 23:06
مۇئەمما دېگىنى تېپىشماق دېگەنلىك.

راس ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن خاتالىقىمنى تۈزەتكىنىڭىنىڭىزگە رەھمەت
ۋاقتى: 2014-10-3 23:49:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا ئىككى پارچە شېئىرىڭىزنى روھلان ئۈندىدار سالونى (rohlancn) نىڭ 20141004 سانىغا يوللىۋېتىپتىمەن، باشقىچە پىكرىڭىز يوقتۇ ھە؟
ۋاقتى: 2014-10-4 09:09:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز،شىئېرلىرىڭىزنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

باھا سۆز

ياخشى يېزىپسىز . قەلەم تۇتقان قوللىرڭىز دەرت كۆرمىسۇن. تېنىڭىز سالامەت ،تۇرمۇشىڭىز بەختلىك بولسۇن .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-10-10 19:59
ۋاقتى: 2014-10-10 19:59:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zulpikar0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-4 09:09
ياخشى يېزىپسىز،شىئېرلىرىڭىزنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالمىس ...

ياخشى  يېزىپسىز . قەلەم  تۇتقان  قوللىرڭىز  دەرت  كۆرمىسۇن. تېنىڭىز  سالامەت ،تۇرمۇشىڭىز  بەختلىك بولسۇن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 10:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش