روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1521|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[نىدا] [شېئىر] نېمانچە سۆيىمەن سېنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-3 17:36  

پەقەت بىرلا ساڭا مۇھتاجمەن،
سەندىن ئۆزگە بولالماس مەلھەم.
ئاھ، نېمانچە سۆيىمەن سېنى،
سۆيگۈ ئوتى كۆيەر ھېلىھەم...

كۆكتىن چۈشەر شۇ گۈلگۈن چېچەك،
ئۇچار گاھى بولۇپ كېپىنەك.
ئاھ، نېمانچە سۆيىمەن سېنى،
ئۆزگە جانان ماڭا بىكېرەك.

شۇنچە يېغىپ ئاپئاق قارلارمۇ،
ئۆچۈرەلمەس دىلدىكى ئوتنى.
ئاھ، نېمانچە سۆيىمەن سېنى،
ئۇنتۇش ھەجەپ تەس كەلدى سېنى...

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى

تازا ياخشى چىقمىغاندەك بىلىندى، بەزى سۆزلەر زورلاپ ئىشلىتىلگەندەكلا... ياقماي قالسا ئۆزۈر....
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-31 20:13:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىزنى ئۈندىداردىلا ئوقۇپ، روھلان مۇنبىرىدە كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ جۇمۇ
ۋاقتى: 2014-8-31 23:36:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر ئالدىنقى شېئىرغا قارىغاندا خېلىلا ياخشى چىقىپتۇ. يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-8-31 23:37:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر ئالدىنقى شېئىرغا قارىغاندا خېلىلا ياخشى چىقىپتۇ. يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-9-1 12:03:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ، شائېرلار بارغانسېرى كۆپىيۋاتىدۇ...
ۋاقتى: 2014-9-2 12:54:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرىڭىز جۇلالىنىپ تۇرغاي .
ۋاقتى: 2014-9-5 19:05:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىرىكىلىك ھىسسىيات ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ. ياشلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-18 05:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش