روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1245|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

(شىئېر) تەكلىماكان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەپرەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-18 23:16  

تەكلىماكان


‏ئا. ھەققانى

‏2014.يىل 27.ماي ...
‏تەكلىماكاندىن ئۆتكەندە ...


‏ئەجەپمۇ  بىپايان  كۆزلەر    يەتكۈسىز ،
‏قۇم بىلەن بېزەلگەن بىر ئېسىل ماكان .
‏نېمىلەر  يوشۇردۇڭ  ناگان  تەكتىڭدە ،
‏قىزىقىپ  قارايمەن  ئې   تەكلىماكان .


‏دۆڭلىرىڭ ئەسلەتتى ئېسىل - ساراينى ،
‏ئۇندىكى باي - چۆرە ھەمدە مالاينى .
‏بايلىق چۈن قان تۆككەن ئاشۇ چىراينى ،
‏سەندە كۆپ دەرس بار ئې تەكلىماكان .


‏يەنە  بىر  قارىسام كۆرۈندى بوستان  ،
‏تولۇقكەن ئۇنىڭدا  ھەممە  خالاستان .
‏باغلىرى ئىچىدە  بىر گۈزەل  رەيدان ،
‏بوپتۇغۇ بەئەينى باغ ھەم  گۈلىستان .


‏ئېلىم مەرىپەت   بۆشۈكى   بۇ  باغ ،
‏ياخشىنى يېغارمىش ئۆزىگە ھەر چاغ .
‏بىر دەۋر ئۆتۈپتۇ گۈللەپ  چاھارباغ ،
‏ئويلاپتۇ ھەر كىشى قۇرىماس بۇ باغ .


‏كىبىرلەر   ئېشىپتۇ   ئالىملار  ئارا ،
‏ئۆز - ئارا فىتنىلەر سۇغاردى قانا .
‏بىلىملىك خار بولۇپ دىللىرى يارا .
‏زالالەت  باشلاندى بوستانىم  ئارا .


‏ئىلىمسىز  بولۇرمۇ  بۇ مىللەت  مەۋجۈت ،
‏قېلىپتۇ شۇن بىلەن  ئاراسى  ھەم  جۇت .
‏بىر - بىرلەپ يېقىلدى ئۆرتەندى ۋۇجۇت،
‏يوقىلىش باشلاندى ئەڭ ئۇلۇغ  شاندىن .


‏يېمىرلىش باشلىنىپ ئۇزاق  ئۆتمەيلا ،
‏ھۇجۇملار باشلاندى ئاجىز نىمجانغا .
‏ھەر كىشى تارتىدۇ ئۆزى ھەر  يانغا ،
‏خاراپلىق يۇلتۇزى كەلدى ھەر ياندىن .


‏قارىسام ھەر تەرەپ  نۇرغۇن  تۇيغۇلار ،
‏قەلەملەر  ئاجىزدۇر  ئۇنى   ئىزدەشكە .
‏ئېنىقكى بىلگىنىم  جەزمىيەت  بىلەن ،
‏دۇنيادا  ئېسىلماڭ  ھېچبىر  قىممەتگە .


‏ھەممىسى  تۈگەيدۇ ، پارچىسى قالماس ،
‏بۇنى  بىل ئې  دوستۇم ئارقىغا  يانماس .
‏قىلمىغان ھېچ  ئەمەل  ئۇتۇق  قازانماس ،
‏خاراپلىق كەلگەندە  نەدەم  ئەسقاتماس .


‏رەببىمىز بۇيرىغان  زىمىننى  كۆرگىن ،
‏باغىيلار ئاقىۋەت قانداق ؟  قارىغىن .
‏شۇن بىلەن ئەتراپقا  باشقا  قارىغىن  ،
‏ئۇستازسەن ، تەشەككۈر ئې تەكلىماكان .        


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-19 12:55:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھىم قەلىمىڭىزنى يەنىمۇ بەرىكەتلىك قىلسۇن.ئامىن.بۇ شېئىرىڭىز ئۈستىدە مەن باشقا بىرى بىلەن توختىلىپ بولغان ھې ھې....چۈشەنمىگەن يەرلىرىمنى سوراپ بولغان.شۇڭا قۇسۇر تاپقىدەك يېرىم قالماپتۇ شۇنچە ئىزدىسەممۇ ھې ھې....
来自安卓客户端

باھا سۆز

رەھمەت ...شۇ بارا بارا قۇسۇر تاپالمايسىز ئەمدى ... لىكىن تاپقان ھامان ئەسكەرتىپ قويغايسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-19 20:07
ۋاقتى: 2014-6-19 19:36:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنىلىك ئېسىل ئىجادىيەتكەن.  ياقتۇردۇم.
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 12:55
ئاللاھىم قەلىمىڭىزنى يەنىمۇ بەرىكەتلىك قىلسۇن.ئامىن.ب ...

رەھمەت ...شۇ بارا بارا قۇسۇر تاپالمايسىز ئەمدى ... لىكىن تاپقان ھامان ئەسكەرتىپ قويغايسىز

باھا سۆز

كىمدەيدا قۇسۇر تاپالمايسىز دەپ؟قۇسۇرچى ئادەم تۈپتۇز نەرسىدىنمۇ چىقىرىۋىردۇ قۇسۇر دىگەننى.بىراق ئاللاھ ساق  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-19 21:42
heqqani يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 20:07
رەھمەت ...شۇ بارا بارا قۇسۇر تاپالمايسىز ئەمدى ... لىكىن ...

  كىمدەيدا قۇسۇر تاپالمايسىز دەپ؟قۇسۇرچى ئادەم تۈپتۇز نەرسىدىنمۇ چىقىرىۋىردۇ قۇسۇر دىگەننى.بىراق ئاللاھ ساقلىسۇن ئۇخىلدىكى ئادەم بولۇپ قېلىشتىن.ھې ھې....ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن ئۇكام.ئامىن!
ۋاقتى: 2014-6-22 16:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق ئېسىل شېئىرنى ئوقۇپ باقمىغىلى ئۇزاق بوپتىكەن.رەخمەت 。
ۋاقتى: 2014-6-23 12:32:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي ئەپەندى ،قەلەملىرىڭىز ئۆكسىمىگەي !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-23 12:41:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ... ئەمما مەن ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي ئەمەس ... خاتا تونۇۋالماڭ ! ئۇ قېرىندىشىمىز بەكلا ياخشى يازىدۇ . ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن . ئامىن ... ھى ھى ... ئىسىم ئوخشىسىمۇ پەيزى بولىدىكەن ... كۆڭلۈمنى خوش ئېتىۋالدىم دېسە ... ئەمما بۇ ئىسىمنى قوللىنىۋاتقىنىمغا 6 يىلدىن ئاشقان بولغاچقا ئۆزگەرتكۈم كەلمىدى ... شۇڭا ئا . ھەققاني قىلىۋالدىم ... يازغان ھەممە ئەسەرلىرىمدە شۇ نام بىلەن ... رەھمەت ... مۇشۇنچىلىك سۆزلەي ...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-26 01:32

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش