روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1632|ئىنكاس: 14
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەھەر قۇياشى ( شېئىر )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   heQQani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-23 22:29  

سەھەر قۇياشى

سەھەر قۇياش كۆزۈمنى چاقتى ،
ھەم دىلىمنى قەلبىمنى چاقتى .
ساپ ھاۋاسى ، لەززىتى بىلەن ،
مىسكىن دىلىم ، كۆڭلۈمگە ياقتى .
-------------------------------

ئىككىلەمچى لەززىتى بىلەن ،
يوچۇقلارنى زەر بىلەن ئەتتى .
ئەسكە سېلىپ خۇشال دەملەرنى ،
زىل قەلىبگە دىلرابا يەتتى .
------------------------------

تاڭ شامىلى يۈزۈمنى سىلاپ ،
ئۆتكۈر تىغدەك سۆڭەككە يەتتى .
ئەمما ھېچبىر ئازابى يوقكى ،
خوشلۇق بىلەن يارامنى ياپتى .
-----------------------------

بىر چاقنىشى زەررەڭ ئۇرۇپلا ،
لېۋەن يارنى ،دوستنى ئەسلەتتى ،
ئىككى مەررە قاراپ سالغىنىم ،
دىلدا يالقۇن چولپانغا يەتتى .
----------------------------

تۈن تىۋىشى ھازىرلا كېتىپ ،
نۇرلۇق قۇياش جاھانغا باقتى .
ھەممە يەرگە خۇمالىق بېقىپ ،
بىر كۆمۈلمەس بىلىم ياراتتى .
-----------------------------

بەزى تاتلىق بەزىسى ئاچچىق ،
ھايات داۋام قىلىدۇ شۇنداق .
ئۇزۇن تۈننىڭ سەھىرىمۇ بار ،
مىھىر بېرەر كۈندە مۇشۇنداق .
---------------------------

شۇڭا ئۈمىد چاقنىسۇن كۆزدە ،
مەيۈسلىنىش بىزگە ياراشماس .
تۇيغۇ ، غايە چېنىقسۇن ھەردەم .
شۇندا بولۇر ئادەم يېڭىلمەس .
--------------------------
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-24 09:17:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھەر ئىلھامىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە قۇت تىلەيمەن !
شۇنچە نۇرلۇق شۇنچىلىك يارقىن،       تاڭ سەھەر نىڭ ئللىق قۇياشى…ئارامبەخىش بىرىپ دىللارغا،  ئ‍وغىتىدۇ ئ‍زگۈ ھىسلارنى
ئ‍ىلھاملىرىڭىزغا بارىكاللا،
ۋاقتى: 2015-3-24 14:19:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم .
ۋاقتى: 2015-3-24 17:15:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاخىردىكى ئىككى كوپلىتنى تولىمۇ ياقتۇردۇم. قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن!
ۋاقتى: 2015-3-24 18:53:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھەر تۇرمىغان ئادەم مۇۋاپىقىيەت قازىنىالمايدۇ دەپتىكەن ، داۋاملىق تىرشىڭ!
ۋاقتى: 2015-3-24 18:53:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھەر تۇرمىغان ئادەم مۇۋاپىقىيەت قازىنىالمايدۇ دەپتىكەن ، داۋاملىق تىرشىڭ!
ۋاقتى: 2015-3-24 22:04:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭز يەنىمۇ ئۆتكۈر بولسۇن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-24 23:04:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ ياخشى باھالىرىغا رەھمەت .. تېخىمۇ ياخشى يېزىشقا تىرىشىمەن . كەمچىلىكلىرىم بەكلا كۆپ  . كۆپچلىكنىڭ ياردىمىدە بارا - بارا ئىلگىرلەۋاتىمەن  ...

باھا سۆز

شېئرڭىزنى قايتا -قايتا ئوقۇپ چىقتىم ، شېئر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان .خۇددى ئاق قەغەزگە ناھايتى ئۇستىلىق بىل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-29 12:26

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

روھلان ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-7-1 04:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش