روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1386|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قەلبىمدىكى سىر (شىئېر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئونسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 01:06  

بىلمەك بولساڭ قەلب سىرىمنى،
نەزەر    سالغىن  ئاپئاق  بۇلۇتقا .
لەيلەپ يۈرەر كۆتۈرۈپ  مەشئەل ،
ھېچ توختىماي كېتەر قاياققا .

بىلمەك بولساڭ قەلب سىرىمنى ،
قاراپ قويغىن مەيىن شامالغا .
ھوزۇر ئالار ھەتتا باراڭمۇ ،
ئۇچۇپ يۇرگەن ئاجىز تومۇزغا .

بىلمەك بولساڭ قەلب سىرىمنى ،
دېڭىزدىكى بېلىق گۇۋاھدۇر .
ھېچ كىشىگە يېلىنماس بىر كۈن،
شۇڭا ھايات -ماماتى گۈلدۈر .

بىلمەك بولساڭ قەلب كۈچۈمنى ،
خانتەڭرىلا ئوچۇق ماياكتۇر .
ئاق سانجىغان ساقاللىرى ھەم ،
ئۆتمۈشلەرگە تۇتقان ماتەمدۇر .

بىلمەك بولساڭ قەلب سىرىمنى ,
كەڭرى كەتكەن يايلاققا قارا،  
‏بۇلۇتلارغا قوشۇپ تەڭ نەپەس،
‏كۆمۈش يىپەك ئورانغان دالا.

بىلمەك بولساڭ قەلب سىرىمنى ,
مەۋج ئۇرغان دولقۇنغا قارا
شۇنچە ئەركىن  شەپەق نۇرىدا
پارلاپ تۇرغان يانغىنغا قارا

بىلمەك بولساڭ قەلىپ سىرىمنى،
مەڭزىمدىكى قۇياشقا قارا،
‏سىڭدى جىمجىت ئىچىمگە كېچە،
‏بىر مۇناپىق تۇيغۇلار ئارا.

بىلمەك بولساڭ قەلىپ سىرىمنى،
‏كەلگىن سالاي ھەقتىن پايانداز،
‏سىرلىرىمنى چۈشىنەي دېسەڭ
‏مەن بولىمەن مەردان ، چەۋەنداز.


ئا . ھەققاني  
2014/12/30
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

رەھمەت سىزگە خېلى ياخشى چىقىپتۇ يەنىمۇ تىرىشىڭ شىئېرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
ئىنشائاللاھ ... رەھمەت
ۋاقتى: 2015-1-2 12:09:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە ئويناق، شۇنچە  تاتلىق مىسرالار بىلەن بېزەپسىز بۇ يازمىڭىزنى. بولۇپمۇ ھېسياتنى بەك ئەركىن ئىپادىلەپسىز. ئەمما بەزى قاپىيلەر مەجبۇرى قاپىيە بولۇپ قالغاندەك تۇردۇ. دەل ئاشۇ سۆزلەر شىئرىڭىزنىڭ گۈزەللىككە نوقسان يەتكۈزمەن دەپلا تۇرۇپتۇ.
تېخىمۇ تىرىشاي ... رەھمەت
ۋاقتى: 2015-1-3 13:25:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ،،،،قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن،،،،سالامەت بۇلۇڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-30 06:27

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش