روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1020|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھېسلىرىمدىن پارچە ( شىئېر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىلدىرلايدۇ جىرادا سۈزۈك  سۇنىڭ  ئاۋازى ،
ھەۋەسلىرىم ئۆزگىچە بولغاچ بۇلبۇل ناۋاسى .
ئۇچسام دەيمەن سامادا قانات كېرىپ لاچىندەك
قەلىپلەرنى قاپلىغاچ ئەركىنلىكنىڭ نىداسى .

ئاققۇ كۆلى گۈزەلكەن ساپ ھاۋاسى ئۆزگىچە ،
جەننەتنىلا ئەسلەتتى كۆزلىرىمگە ياش تولۇپ .
نەپەسلىرىم يىنىكلا ئۇرۇلغاندا شامالغا ،
ئېچىلدىغۇ قەلبىمدە تاقاقلانغان تاش قۇلۇپ .

بىلەلمىدىم نە سەۋەپ قەلبىمدە بىر نىدا بار ،
شۇنچە بۈيۈك نىئمەتلەر ھېسابى بار جازا بار.
شۈكرانىسى نېئمەتنىڭ نەلەرگىدۇر كەتمەكتە ،
كۆزلىرىمىز  بولۇرمۇ  جەننەتلەردە  نىسىۋىدار .

ئا . باغۋەن
2014.يىل 8. ئاينىڭ 20 . كۈنى( ئاققۇكۆل )

باھا سۆز

قوللايمەن: 0.0
قوللايمەن: 0
  ۋاقتى: 2014-12-8 00:54
ئالدىنقى: تەقدىر
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-8 00:56:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماڭ ،،،،ياخشى چىقىپتۇ قەلىمىڭىز يەنىمۇ قۇۋۋەت تاپسۇن
رەھمەت سىزگە ...
ۋاقتى: 2014-12-8 13:21:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز،ھارمىغايسىز !
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2014-12-8 20:31:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياقتۇردۇم. ئەڭ ئاخىرقى كوپلىتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسىنى جەننەتلەردە نىسىۋدار دەپ ئالماي، جەننەتلەرگە نىسىۋدار دەپ ئالسىچۇ؟ مەنمۇ بەك بىلمىدىم. شۇنداقلا دەپ قويدۇم. ھارمىغايسىز. رەھمەت!
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ھە ئۇنداق دېسىمۇ بولىدىكەن ... رەھمەت ئاچا

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 12:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش