روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1473|ئىنكاس: 14
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر] كۆرۈشتۈرۈڭ ئۇلارنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك روھلان ئەھلى، بۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن! بۈگۈن دەرستىن چۈشۈپ كارىدوردا بىر ئايالنى كۆردۈم. مەن دەرسكە كىرىدىغان بىر سىنىپتىكى قىزىنى كۆرگىلى كەلگەن ئايالكەن. ئۇنى سىنىپقا باشلاپ قويۇپ ئىشخانىغا كىرىپ كىيىنكى سائەتلىك دەرسكە ئاز قالغاندا چىقسام ئۇلار كارىدوردا پاراڭلىشىۋاتقان ئىكەن. ئانىنىڭ كۆزلىرىدىكى قىزىللىق ئۇنىڭ يىغلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. مەن ئۇ قىزنىڭ ئانىسىنى كۆرۈپ باقمىغان بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشىدىن ئاز تولا خەۋرىم بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىشخانىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرسكە چىقىدىغانلىقىنى، ئىشخانىغا كىرىپ پاراڭلاشسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئانىسى بولدى دەرسكە كىرىۋەرسۇن دىدى. مەن پاراڭلىشىۋىلىڭلار، تەكرار قىلدۇرۋاتقان، تاپشۇرۇقنى ئايرىم ئۆيگە بېرەي دەپ كىرىپ كەتتىم. ئەسلى ئۇ قىزنىڭ ئاتا ئانىسى ئاجىرشىپ كەتكەن بولۇپ، دادىسى قىزىنى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتمەس بولۇپ قالغاچقا كۆرگىلى مەكتەپكە كەلگەنىدى. خىيالىمدا شۇ ئانا بالا...... بەزى دادا ياكى ئانىلار بالىنى قارشى تەرەپكە پەقەت كۆرسەتمەيدۇ. ھەركىمنىڭ تۇرمىشى ھەرخىل. بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ.بىراق.....شۇ بالا....
شۇ خىياللار بىلەن ئاددى بولسىمۇ بىر شېئىر يېزىلىپ قالدى. ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.



[شېئىر]كۆرۈشتۈرۈڭ ئۇلارنى


تەقدىر دىگەن ئاجايىپ،تىلسىمغا تولغان،
ئادەملەرگە ھەر قىسمەت يېتىپ كېلىدۇ.
گاھى چاغدا خوشاللىق يار بولسا بىزگە،
گاھى چاغدا ئازاپلار يۈرەك ئېزىدۇ.

ئائىلەم دەپ،بالام دەپ ياشاپ كەلگەنلەر،
ئايرىلىدۇ بىر چاغدا جىمى بارىدىن،
بالا قالار دادىغا بويۇننى قىسىپ،
ۋاقىتسىزلا ئايرىلار تۇغقان ئانىدىن.

نەسەۋەپلىك بۇزۇلدى ئىناق ئائىلە؟
نەسەۋەپتىن ياش تۆكتى گۇناھسىز بالا؟
جاۋابىنى ئىستىمەك ئەمەسمەن ھازىر،
كۆز تۇتقىنىم شېئىردا ئاجىزە ئانا.

بەلكىم ئۇندا گۇناھ بار قارغىش تۇتقىدەك،
بەلكىم ياشاش ھەققى يوق زېمىن يۇتقۇدەك.
بىراق ئۇمۇ ئانىغۇ كۆرسۇن بالىنى،
سەۋەب يوقتۇر بالىنى ئۇندىن سۇققۇدەك.

لەختە قاندىن تۆرىلىپ ئانا جىسمىدا،
ياشىغانتى توققۇز ئاي بىر تەن،جان بولۇپ.
خىيالىدا،جىسمىدا پەقەتلا بالا،
ياشىغانتى ئانىمۇ گۈلخان،شام بولۇپ.

تۇغۇلغاندا كۆز يورۇپ دۇنياغا بالا،
يورۇغانتى ئانىنىڭ كۆزىمۇ قايتا.
"باغرىم"بالام قېنى سەن كۆرەيچۇ بىر دەپ،
ئىستەر ئىدى يېرىم جان ھالەتتە ئانا.

كېچەلىرى پۇشۇلداپ ئۇخلىسا تاتلىق،
پۇرىۋىلىپ كۈچ،ھوزۇر ئالاتتى ئانا.
نىمە ھاجەت بار بولسا كۆزنى چىڭ يۇمۇپ،
بولىشىغا خاتىرجەم يىغلايتى بالا.

كۆز ئاچماستا دۇنياغا مىھرىنى ئۇنىڭ،
سالغان ئىدى ئاللاھىم ئانىغا شۇنداق.
شۇنچە قەرغىش بولسىمۇ سۆيەتتى شۇڭا،
قايسى ئىنسان سۆيەركىن بالىنى بۇنداق؟

ئانا بولسا بالىنىڭ روھىي تۈۋرىكى،
ياق دەپ بېقىڭ قايسىڭىز ئاڭلايچۇ قېنى!
سىز بالىسىز ئانىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ،
چۈشىنىسىز ئانىغا بولغان مىھىرنى.

ئانا بالا مىھرىنى ئاللاھ ياراتقان،
كۆرۈشۈشكە ھەققى بار توسماڭ ئۇلارنى.
ئاجىزلاردۇر ھەممىسى سىزگە نىسپەتەن،
بەرمەسلىكتىن قورقمامسىز ئاجىز ھەققىنى؟

كۆرۈشتۈرۈڭ ئۇلارنى قانسۇن مىھىرگە،
ئادا قىلىڭ ھەققىنى قورقۇڭ ئاللاھتىن.
خۇرسەن بولسۇن بالىڭىز مەرت ئەردىن بولۇڭ،
ئۈلگە ئالسۇن سىزدىكى گۈزەل ئەخلاقتىن.
يانفۇن تېرمىنالىدا يوللانغان
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   heqqani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-18 23:56  

‏ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋال ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىزگىمۇ يات بولغان قىلمىش بولۇپ ، بالىنى ئانىدىن يىراق قىلغانلىق ئۇنىڭ دۇنيالىق خوشاللىقى ، بەختى ، ئاخىرەتلىك كاتتا ئەجىر ، جەننىتىدىن يىراق قىلغانلىقدۇر . نىمىشقا ؟ چۈنكى ئانا بالىنىڭ بەخىت كانىدۇر . بالا ئۇنىڭدىن چىققان مىھرى - مۇھەببەتنى قايسى بىر شەخستىن ئەسلا تاپالماس . چۈنكى ئۇ ئىككىسى بىر تەن ئىدى ئەمەسمۇ ؟ ھايات قىسمەتلىرى تۈپەيلىدىن بالىنى ئىللىق ئائىلىدىن ئايرىغان بولساقمۇ ، ئۇنى ئانا مىھرىدىن ئايرىمايلى قېرىنداشلار . ئۆزىمىزدە كۆرۈلگەن بولسا دەرھال تۈزىتەيلى . بالىلىرىمىزنىڭ بوينى قىسلمىسۇن . ئانىلار ھەم ئازاپ ئىچىدە ياشىمىسۇن . ئىككىلىسگە شەپقەت قىلايلى . چۈنكى كىم رەھىم قىلمىسا ئۇنىڭغىمۇ ئاللاھ رەھىم قىلمايدۇ . ( ھەدىستىن )

‏ئانىجانىمغا

‏ئەي ئانىجان !غەمكىن بولما!جىگەر پارەڭ ئالدىڭدىدۇر ،
‏بىر ساڭىلا مەنسۇپ بولغان غەمگۈزارىڭ ئالدىڭدىدۇر .
‏كۆرەلمىدىم باغرىم كاۋاپ دەرت ئېيتمىغىن ئاچچىق بىلەن
‏ئىنشائاللاھ مىھرى ئاتەش ، كۆز قارچۇغىڭ ئالدىڭدىدۇر


‏ئاچچىق ھايات ئۆتۈپ كېتەر كېيىن كۈنلەرچوقۇم نۇرلۇق
‏ئىنساپ تىلەپ دۇئا قىلدۇق قەلبىمىزدىن ئەجەپ يوللۇق .
‏كۈلۈپ بېقىڭ ! نۇردار  ھايات ئۆتۈپ كېتەر قىسمەتلەر ،
‏كېلەچەكتىن ئەندىش ئەتمەڭ بەك ياماندۇرقەلبى قۇللۇق


‏ئاتىلار ھەم ياخشىدۇر   ئويلاشقاندۇر  بىر  قانچىسى  ،
‏ۋىجدانلىرى تىترىگەندۇ؟ تەگكەندە  ھەق  قامچىسى .
‏ئىنساپ ، تەۋپىق تىلەڭ دائىم ئاققۇزۇپ  ياش تامچىسى ،
‏تىلەكلەرگە يەتكەيسىز ھەم  بولسىمۇ  گەر  ھەرقانچىسى .


‏تىرىشايلى   قېرىنداشلار   بۇ   بىزلەرگە  مەجبۇرىيەت ،
‏يىغلىمىسۇن   ئارىمىزدا ئانىلار  ھەم  كۈچسىز  ئۈممەت .
‏يەتكۈزەيلى ئاتىلارغا ئېلىپ  قالسۇن  ئۇنسۇ -ئۈلپەت  ،
قاقشىمىسۇن  ئارىمىزدا  ئانىلار  ھەم  ئاجىز  ئۈممەت  .




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-18 21:51:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-18 22:39  
heqqani发表于2014-06-18 20:58:43
‏ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋال ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىزگىمۇ يات بولغان قىلمىش بولۇپ ، بالىنى ئانىدىن يىراق قىلغانلىق ئۇنىڭ دۇنيالىق خوشاللىقى ، بەختى ، ئاخىرەتلىك كاتتا ئەجىر ، جەننىتىدىن يىراق قىلغانلىقدۇر . نىمىشقا ؟ چۈنكى ئانا بالىنىڭ بەخىت كانىدۇر . بالا ئۇنىڭدىن چىققان مىھرى - مۇھەببەتنى قايسى بىر شەخستىن ئەسلا تاپالماس . چۈنكى ئۇ ئىككىسى بىر تەن ئىدى ئەمەسمۇ ؟ ھايات قىسمەتلىرى تۈپەيلىدىن بالىنى ئىللىق ئائىلىدىن ئايرىغان بولساقمۇ ، ئۇنى ئانا مىھرىدىن ئايرىمايلى قېرىنداشلار . ئۆزىمىزدە كۆرۈلگەن بولسا دەرھال تۈزىتەيلى . بالىلىرىمىزنىڭ بوينى قىسلمىسۇن . ئانىلار ھەم ئازاپ ئىچىدە ياشىمىسۇن . ئىككىلىسگە شەپقەت قىلايلى . چۈنكى كىم رەھىم قىلمىسا ئۇنىڭغىمۇ ئاللاھ رەھىم قىلمايدۇ . ( ھەدىستىن )

‏ئانىجانىمغا

‏ئەي ئانىجان ! غەمكىن بولما ! جىگەر پارەڭ ئالدىڭدىدۇر ،
‏بىر ساڭىلا مەنسۇپ بولغان غەمگۈزارىڭ ئالدىڭدىدۇر .
‏كۆرەلمىدىم . باغرىم كاۋاپ . دەرت ئېيتمىغىن ئاچچىق بىلەن ،
‏ئىنشائاللاھ مىھرى ئاتەش ، كۆز قارچۇغىڭ ئالدىڭدىدۇر .


‏ئاچچىق ھايات ئۆتۈپ كېتەر ، كېيىن كۈنلەر چوقۇم نۇرلۇق ،
‏ئىنساپ تىلەپ  دۇئا  قىلدۇق  قەلبىمىزدىن   ئەجەپ يوللۇق .
‏كۈلۈپ بېقىڭ ! نۇردار  ھايات  ئۆتۈپ كېتەر قىسمەتلەر ،
‏كېلەچەكتىن ئەندىش ئەتمەڭ . بەك ياماندۇر  قەلبى قۇللۇق .


‏ئاتىلار ھەم ياخشىدۇر   ئويلاشقاندۇر  بىر  قانچىسى  ،
‏ۋىجدانلىرى تىترىگەندۇ؟ تەگكەندە  ھەق  قامچىسى .
‏ئىنساپ ، تەۋپىق تىلەڭ دائىم ئاققۇزۇپ  ياش  تامچىسى ،
‏تىلەكلەرگە يەتكەيسىز ھەم  بولسىمۇ  گەر  ھەر  قانچىسى .


‏تىرىشايلى   قېرىنداشلار   بۇ   بىزلەرگە   مەجبۇرىيەت ،
‏يىغلىمىسۇن   ئارىمىزدا   ئانىلار  ھەم  كۈچسىز  ئۈممەت .
‏يەتكۈزەيلى ئاتىلارغا ئېلىپ  قالسۇن  ئۇنسۇ -  ئۈلپەت  ،
قاقشىمىسۇن  ئارىمىزدا  ئانىلار  ھەم  ئاجىز  ئۈممەت  .





ھې ھې....قاچانلاردا يېزىۋەتتىڭىز بۇ شېئىرنى؟بايىمۇ ياكى بارمىتى بۇ شېئىر؟ھەجەپ ياخشى يېزىپسىز.....
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-18 22:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رازى بولسۇن.
يىتىم دەردىنى يىتىم چۈشەنمىسە........
بولدىلا

باھا سۆز

ھەممىمىزگە ئامىن!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-18 22:37
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 21:51
ھې ھې....قاچانلاردا يېزىۋەتتىڭىز بۇ شېئىرنى؟بايىمۇ بار ...

شۇ ... بايا كۆرۈپلا يازغانتىم

باھا سۆز

دەھشەت جۇمۇ ئۆزلە.ئاللاھىم قەلەملىرىنى تېخىمۇ بەرىكەتلىك قىلسۇن.ئامىن!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-18 22:40
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-18 22:37:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 22:16
ئاللاھ رازى بولسۇن.
يىتىم دەردىنى يىتىم چۈشەنمىسە........
...

ھەممىمىزگە ئامىن!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-18 22:40:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heqqani يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 22:29
شۇ ... بايا كۆرۈپلا يازغانتىم

دەھشەت جۇمۇ ئۆزلە.ئاللاھىم قەلەملىرىنى تېخىمۇ بەرىكەتلىك قىلسۇن.ئامىن!
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 22:40
دەھشەت جۇمۇ ئۆزلە.ئاللاھىم قەلەملىرىنى تېخىمۇ بەرىكە ...

ئامىن ... رەھمەت ... ھە راست ' قانداق بولسا تېما قۇلۇپلىنىدۇ ؟

باھا سۆز

تېما قۇلۇپلىنىش؟ بىلمىدىم.باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىنمۇ؟بەلكىم نامۇۋاپىق سۆزلەر كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن.....ھېلى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-18 23:30
ۋاقتى: 2014-6-18 22:50:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى قەلەم ساھىبى ،مەيلى ئىنكاس يازغۇچى بولىسۇن ھەممىڭلار تولىمۇ ۋەزىنلىك ،ئەھمىيىتى چۇڭقۇر پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغان قويۇپسىلەر ،تولىمۇ ياخشى بوپتۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-18 23:30:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heqqani يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 22:49
ئامىن ... رەھمەت ... ھە راست ' قانداق بولسا تېما قۇلۇپلىن ...

تېما قۇلۇپلىنىش؟ بىلمىدىم.باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىنمۇ؟بەلكىم نامۇۋاپىق سۆزلەر كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن.....ھېلىغىچە جاۋاپقىمۇ ئېرىشىپ قالارسىز قېنى.ساقلاڭ.ئۇچۇرلارغا قاراشنى ئۇنتىماڭ.ئۇچۇرلار ئارقىلىق سىزگە خەۋەر قىلىشى مۇمكىن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-17 01:29

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش