روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3603|ئىنكاس: 19
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[ شېئىر ] قەلبىمدە، بۈيۈك ئارمانلار!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەلبىمدە، بۈيۈك ئارمانلار!

قەلبىمدە تىپىرلار بۈيۈك ئارمانلار،
بىلمىدىم  ئەمەلگە ئاشارمۇ بىر كۈن؟
تىرىشاي، بوشاشماي، ئۈمۈدۋار بولۇپ،
شۇ بۈيۈك ئارمانغا يېتىشىم ئۈچۈن.

ئاددىيلا ئىنسان بوپ ئۆتەرمەنمۇ مەن؟
تۆھپىلەر قوشۇشقا بولارمۇ نېسىپ؟
ئەۋلادلار تىلىدا قالارمۇ نامىم؟
ياق دىمە بۇلارغا ھەرگىز سەن كېسىپ.

" تىرىشقان تاغ ئاشار"  دەپتىكەن چوڭلار،
ئەمەلىي ھەركەتلەر بولسۇن مېنىڭدە.
نىشانىم بار بولسۇن يېتەكلەيدىغان،
بوشاشماي مەزمۇت بوپ ئالغان قەدەمدە.

چوققىغا ھەۋەس قىپ قارايدۇ بارچە،
نە ئۈچۈن چوققىنى نىشانە قىلماس؟
چوققىغا ئۇلاشقان ئاشۇ ئادەممۇ،
ئاددىيغۇ بىزلەردەك ، بۇنى ئويلاشماس.

ئاھ گۈزەل چوققىلار مەپتۇنمەن ساڭا،
نىشانەم سەن مېنىڭ، چۈشلىرىم ئەمەس.
ئۈستىڭگە چىققايمەن، قوللارنى تارتاي،
قىلىپلا ئولتۇرماي ئۆزگىگە ھەۋەس!

ئايشەمگۈل
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-25 09:40:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەمگۈل شئېرنى نىمانچە ياخشى يازىدىغانسىز دەيمە، مەن قاچانمۇ سىزدەك ياخشى شئېر يازالايدىغان بولارمەن
قەلبىڭىزدىكى بۈيۈك ئارمانلارغا يېتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

باھا سۆز

ھې ھې...رەھمەت جېنىم. بەك ماختىۋەتتىڭىز.... سىزمۇ يازالايسىزغۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-25 15:50
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 09:40
ئايشەمگۈل شئېرنى نىمانچە ياخشى يازىدىغانسىز دەيمە، مە ...

ھې ھې...رەھمەت جېنىم. بەك ماختىۋەتتىڭىز.... سىزمۇ يازالايسىزغۇ.

باھا سۆز

مەن سىزدەك ياخشى يازالمايمەن ئومماق  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-25 16:24
ۋاقتى: 2014-11-25 16:24:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 15:50
ھې ھې...رەھمەت جېنىم. بەك ماختىۋەتتىڭىز.... سىزمۇ يازالا ...

مەن سىزدەك ياخشى يازالمايمەن ئومماق

باھا سۆز

يېزىڭ! يازاي! پىشايلۇق بىزمۇ.  ۋاقتى: 2014-11-25 16:47
ۋاقتى: 2014-11-25 16:27:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇدىكى قەلبىمدە نىڭ كەينىگە قۇيۇلغان پەش، ئاخىرىغا قۇيۇلغان ئۈندەش ئارتۇقچە

باھا سۆز

شۇنداقما؟ ھې ھې... ياقتۇ؟ مەنمۇ بىلمىدىم جۇما. ھېسىياتىم ئۇرغۇپ بەك ئۇرغۇلۇق ئوقىۋەتكەن چېغىم بولسا كېرەك. قە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-25 17:12
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-25 17:12:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 16:27
ماۋزۇدىكى قەلبىمدە نىڭ كەينىگە قۇيۇلغان پەش، ئاخىرىغا ...

شۇنداقما؟ ھې ھې... ياقتۇ؟
مەنمۇ بىلمىدىم جۇما. ھېسىياتىم ئۇرغۇپ بەك ئۇرغۇلۇق ئوقىۋەتكەن چېغىم بولسا كېرەك. قەلبىمدە( تىنىۋەتتىم ) بۇيۈك ئارمانلار ( ئاۋازىمنى ئۆرلەتتىم )
ۋاقتى: 2014-11-25 20:38:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەمگۈل، راست گېپىمنى قىلسام، قەلىمىڭىز خېمىغا يېنىپ قاپتۇ. سىز تىل ئىشلىتىشكە خېلى ئەھمىيەت بېرەتتىڭىزغۇ؟

باھا سۆز

ھې ھې... شۇنداقمۇ؟ پىششىۋاتامتى بولمىسا؟ ئۇنداق بولسا خېمىرغا يېنىپتۇ دىگەن گېپىڭىز توغرا ئوخشايدۇ. بۇ شېئىرى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-25 22:19
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 20:38
ئايشەمگۈل، راست گېپىمنى قىلسام، قەلىمىڭىز خېمىغا يېنى ...

ھې ھې... شۇنداقمۇ؟ پىششىۋاتامتى بولمىسا؟ ئۇنداق بولسا خېمىرغا يېنىپتۇ دىگەن گېپىڭىز توغرا ئوخشايدۇ. بۇ شېئىرىم خېلى بۇرۇن يېزىلغان. قىزىمغا ئاتاپ يازغان بىر پارچە شېئىرىمنى ئىزدەپ ئالدىنقى كوت- كوت نومۇرۇمنىڭ بوشلۇقىدا ئۇچرىتىپ قالغانتىم بۇ شېئىرىمنى. بەك ياخشى كۆرەتتىم. شۇڭا يوللاپ قويغان. ھەجەپ خۇش بولدۇم. ئىلگىرلەۋىتىپتىمەن...ھې ھې...
ئۈچىنچى كوبلىت ئاخىرقى مىسرانى «بوشاشماي چامدىغان ھەر بىر قەدەمدە» دەپ ئۆزگەرتسە بولامدىكىن دەپ قالدىم ئۆزەمچە

باھا سۆز

راست، شۇنداق دىسىمۇ ياخشى بولىدىكەن ھە. ھې ھې... رەھمەت!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-27 10:26
nida يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 04:17
ئۈچىنچى كوبلىت ئاخىرقى مىسرانى «بوشاشماي چامدىغان ھەر ...

راست، شۇنداق دىسىمۇ ياخشى بولىدىكەن ھە. ھې ھې... رەھمەت!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-13 22:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش