روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4802|ئىنكاس: 19
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر]ئىنشائاللاھ،خوشال ياشايمەن!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 10:17  

ئىنشائاللاھ،خوشال ياشايمەن!

ھەر مۈشكۈلدىن ئامان قىلدى ئۇلۇغ ئاللاھىم،
بولار- بولماس غەملەرنى بەس!ئەمدى قىلمايمەن.
ئىلتىپاتى ياغار ھەرچاغ مېنىڭ ئۈستۈمدىن،
ئەمدى ۋەدەم:"ئىنشائاللاھ،خوشال ياشايمەن!"

ئېرىشكەننىڭ ھەممىسىنى ئاللاھىم بەرگەن،
بار چېغىدا شۈكرى قىلىپ،قەدرى قىلغايمەن.
تارتىۋالسا سىنىماق بوپ بۇلارنى مەندىن،
سەۋرىم بىلەن،ئىنشائاللاھ،خوشال ياشايمەن!

بەرسە كېسەل شىپانىمۇ بېرەر ئاللاھىم،
ئۈمۈد بىلەن ساقايماققا سەۋەپ قىلغايمەن.
ساقايغۇچە گۇناھىمغا بولۇر كەفارەت،
ئەجىر تىلەپ،ئىنشائاللاھ،خوشال ياشايمەن!

مۇكەممەللىك ئاللاھقا خاس،بىزدە نۇقسان كۆپ،
كەڭ قورساقلىق،كەچۈرۈشنى ئادەت قىلغايمەن.
قاقشاش،غەيۋەت،ئاغرىنىشتىن ئۆزۈمنى تارتاي،
قەلبىم پاكلاپ،ئىنشائاللاھ،خوشال ياشايمەن!

ئاجىز قىزمەن،كۈچلۈك قىلار بىلىم - مەرىپەت،
كۈچلۈك بولۇپ ئاجىزلارغا يۆلەك بولغايمەن.
سۆيگۈ بېرەي،سۆيگۈ بولغاچ گۈزەلدۇر ئالەم،
سۆيگۈم بىلەن،ئىنشائاللاھ،خوشال ياشايمەن!

"كۈلكە-يىغا بىر تۇققاندۇر"،يىغلىماقمۇ بار،
يىغلاپ بولۇپ ياشلىرىمنى پاكىز سۈرتكەيمەن.
ئەستە تۇتاي "قايسى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتمىگەن؟!"
چىدام بىلەن،ئىنشائاللاھ،خوشال ياشايمەن.

مېھرىبانىم ئاللاھ مېنى سۆيەر "بەندەم" دەپ،
رەسۇلۇممۇ كۆز يۇمغۇچە ئۆتتى "ئۈممەت"  دەپ.
ئاتا-ئانام ياشاپ ئۆتتى "گۈلۈم،قىزىم" دەپ،
شۇلار ئۈچۈن،ئىنشائاللاھ،خوشال ياشايمەن!
-ئايشەمگۈل.
2014.11.12

بىر كوپلىت قوشۇپ قويدۇم،تەستىقلاپ قويغان بولساڭلار،ئاۋارە قىلدىم،رەھمەت،ھارمىغايسىلەر!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +5 تەڭگە +5 يىغىش سەۋەبى
alxir + 5 + 5 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-12 20:42:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك «ئايشەمگۈل» خانىم، كۆپ ۋاقىتلار بولدى سىزنى مۇنبەردە كۆرمىگىلى، نەلەرگە كەتكەن ئىدىڭىز
شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ، ھارمىغايسىز، سىزگە شۇنداق خوشاللىق يار بولسۇن!

باھا سۆز

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام!!! بايا مەن مۇنبەردە ئەينا ھې ھې...شۇ ،ئىلھام يوق...يۈرۈپ كەتتۇق!بۈگۈن شۇ ئانچىكى كىلىپ قاپت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-12 21:52
ۋاقتى: 2014-11-12 20:48:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باركەنسىز ھە
جىمجىت يوقاپ كەتمەڭ دەيمە
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

باھا سۆز

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام.باغۇ مەن!ھې ھې... يوقاپ كەتمەيمەن ئىنشائاللاھ! رەھمەت!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-12 22:26
ۋاقتى: 2014-11-12 21:04:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، قولىڭىزغا بەرىكەتلەر يار بولغاي .

باھا سۆز

رەھمەت رەھمەت رەھمەت!!!ھې ھې....ياخشى تىلەكلەر بىرگە بولسۇن!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-12 22:43
ۋاقتى: 2014-11-12 21:21:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ، روھلاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىز ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!

باھا سۆز

رەھمەت!~ ھۇررا!!!!!ھې ھې...روھلانداشلار بىلەن ئۇزاق بولغان كۆرۈشمىگىلى.چاخچاق قىلىپ قوياي.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-12 22:45
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-12 21:52:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 20:42
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك «ئايشەمگۈل» خانىم، كۆپ ۋ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام!!!
بايا مەن مۇنبەردە ئەينا ھې ھې...شۇ ،ئىلھام يوق...يۈرۈپ كەتتۇق!بۈگۈن شۇ ئانچىكى كىلىپ قاپتىكەن،زورلاپ يۇرۇپ روھلانداشلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مۇنۇ شېئىرىمنى يېزىۋەتتىم.شۈكرى،تەستىقلىنىپتۇ.
ئىسمىمنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىۋاپسىز ھە جاااااااااام ئەپەندىم،ھې ھې...
ياخشى تىلەكلەر ھەممەيلەنگە بولسۇن!رەھمەت!
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز شىئىرنى، بەك ياقتۇردۇم

باھا سۆز

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت،خۇش بولدۇم!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-12 22:49
ۋاقتى: 2014-11-12 22:19:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 21:52
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام!!!
بايا مەن مۇنبەردە ئەينا ھې ھې... ...

كۆپ ۋاقىتلار جىملا يۈرۈپ كەتتىڭىز، شۇنى دەيمەنغۇ. شۇنچە ۋاقىتلاردىن بېرى سىزنىڭ ئىلھامىڭىزنىڭ يوقاپ كېتىشىگە قايسى ئىشلار سەۋەب بولغاندۇ بىر دەۋەتمەمسىز قېنى
مۇبارەك نامىڭىزنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىشتا باشقا ئالاھىدە ئىشمۇ يوق، بۇ بىر ئىملا قائىدىسىدىكى بىر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بىرى. ھەرقانداق بىر تورداشنىڭ نامىنى ئاتىغاندا قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىش مىنىڭ تور دۇنياسىغا كىرگەندىن بويانقى ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئادەتلىرىم ئىدى.

باھا سۆز

ئىلھامنىڭ يوقاپ كىتىشىگە بىرەر ئىش سەۋەپ بولمايدۇ،بەلكى ھېچ ئىش بولمىغانلىقتىن ئىلھام كەلمەيدۇ،قانداق دىمى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-12 22:55
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-12 22:26:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 20:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باركەنسىز ھە
جىمجىت يوقاپ كەتمە ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام.باغۇ مەن!ھې ھې...
يوقاپ كەتمەيمەن ئىنشائاللاھ!
رەھمەت!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-12 22:43:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 21:04
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، قولىڭىزغا بەرىكەتلەر يار بو ...

رەھمەت رەھمەت رەھمەت!!!ھې ھې....ياخشى تىلەكلەر بىرگە بولسۇن!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-29 03:54

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش