روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3921|ئىنكاس: 22
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر]ۋەدە يوق بولسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saedi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-14 18:23  

ۋەدە يوق بولسۇن

ۋەدە ئالغان بولسام سېنىڭدىن،
ئازاد قىلدىم ۋەدە يوق بولسۇن.
سېنى تەڭلىك،خىجىلدا قويغان،
كۆرۈنمىگەن كىشەن يوق بولسۇن.

رەنجىمەيمەن سېنىڭدىن ھەرگىز،
چۈنكى سەنمۇ ئاجىز بىر بەندە.
رەنجىتىش يوق،رەنجىشمۇ يوقتۇر،
ئىمان ئورۇن ئالغان قەلىبتە.

ئۆكۈنمەيمەن سۆيگەنلىكىمدىن،
سۆيۈشۈمگە ئەرزىگەچ سۆيگەن.
بۇ سۆيگۈلەر قالسۇن دىلىمدا،
ئۇ بىر گۈلدۇر دىلىمدا ئۈنگەن.

سېغىنىشنىڭ ئوتى قىينىسا،
دۇئالاردا پەسلىتەي ئۇنى.
ئاللاھ يۆلەك ماڭا ھەرقاچان،
كېتىۋەرگىن ئەستە تۇت بۇنى.

ئۇنىتاي دەپ ئۆزەمنى قىيناپ،
يۈرمىگەيمەن ۋاقىتقا قويدۇم.
بىر كۈن بەختىم تاپارمەن مەنمۇ،
بۇ ئۈمۈدنى يۈرەككە ئويدۇم.


ئايشەمگۈل
2014.11.14

«سېھىر»نىڭ”ھاياتىمدىن چىقىپ كەت جېنىم“دىگەن شېئىرىغا بىر كوپلىت ئەگىشىپ بولغاندىن كىيىن تۇرۇپلا مەندىمۇ شۇنداق بىر تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالدى.ئىسسىقىدا يېزىۋالدىم مانا.(بىر كۆزىنى قىسىپ،تىلىنى چىقىرىپ كۈلگەندىكى ئىپادە)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ناھايتى ياخشى يېزىپسىز

باھا سۆز

رەھمەت رەھمەت!سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى بۇ شېئىرنى دوستلار چەمبىركىمگە يوللىغاندىن كىيىن بۇنىڭدا بىر كۆرۈپ باقاي  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-15 13:31
ۋاقتى: 2014-11-14 18:29:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز ،شىرىڭىزنى ئۇقۇپ ئۈزۈمنىڭ تېخې خاملىقىمنى سەزدىم ،ماڭا بەكمۇ ياختى

باھا سۆز

سىزدەك ياخشى شئېر يازىدىغان شائېرنى خام دىسەك مەندەك شئېر يازمايدىغانلارنى نىمە دىسەل بولار  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-17 15:31
ھاي ھاي،ما گەپ بولمىدى.ئەگەر سىزنىڭ خام دىيىشكە توغرا كەلسە مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش خامدىن.يۇقىرى دىيىلسە خام  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-14 18:35
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-14 18:36  
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 18:29
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز ،شىرىڭىزنى ئۇقۇپ ئۈزۈمنىڭ تېخې خ ...


ھاي ھاي،ما گەپ بولمىدى.ئەگەر سىزنى خام دىيىشكە توغرا كەلسە مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش خامدىن.يۇقىرى دىيىلسە خاملىق دەرىجەم يۇقىرى بولىشى مۇمكىن.ماندا گەپ قىلىپ ئادەم خىجىل قىلمايمىز.ھەددىدىن زىيادە كەمتەرلىكمۇ ئادەمنى خىجىل قىلىپ قويىدىكەن.سىز شېئىرنى شۇنداق ياخشى يازغاچ ئىلھامىم تۇتۇپ قالدى مېنىڭ.ئېنىقىنى ئېيتسام دورىغۇم كەلدى.ماندا ئادەم خىجىل قىلمايمىز جۇما
ۋاقتى: 2014-11-14 18:59:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمايسىز، بىر يازسىڭىز بىر نەچچىنى يازىسىز ھە
نېمە دەرت كەلگەندۇ بېشىڭىزغا

باھا سۆز

قايسى دەرتنى ئېيتاي مەن سىزگە، دەرتلىرىم كۆپ تۈگىمەيدىغان. دەرتلىرىمنىڭ بىرى سىز ئەلشىر، مازاق قىلىپ توختىم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-14 19:08
قايسى دەرتنى ئېيتاي مەن سىزگە، دەرتلىرىم كۆپ تۈگىمەيدىغان. دەرتلىرىمنىڭ بىرى سىز ئەلشىر، مازاق قىلىپ توختىم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-14 19:08
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 18:59
يازمايسىز، بىر يازسىڭىز بىر نەچچىنى يازىسىز ھە
نېمە  ...

قايسى دەرتنى ئېيتاي مەن سىزگە،
دەرتلىرىم كۆپ تۈگىمەيدىغان.
دەرتلىرىمنىڭ بىرى سىز ئەلشىر،
مازاق قىلىپ توختىمايدىغان.
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 18:59
يازمايسىز، بىر يازسىڭىز بىر نەچچىنى يازىسىز ھە
نېمە  ...

قايسى دەرتنى ئېيتاي مەن سىزگە،
دەرتلىرىم كۆپ تۈگىمەيدىغان.
دەرتلىرىمنىڭ بىرى سىز ئەلشىر،
مازاق قىلىپ توختىمايدىغان.

باھا سۆز

كىمدۇر ئاشۇ سىزنى قىينىغان، دەردىڭىزگە دەرمان بولمىغان. ھېچ بىراۋغا دەرت ئەمەس ئىدىم، مەن "دۆت"مۇ يا چۈشەنمەي  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-14 19:25
ۋاقتى: 2014-11-14 19:25:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 19:08
قايسى دەرتنى ئېيتاي مەن سىزگە،
دەرتلىرىم كۆپ تۈگىمەي ...

كىمدۇر ئاشۇ سىزنى قىينىغان،
دەردىڭىزگە دەرمان بولمىغان.
ھېچ بىراۋغا دەرت ئەمەس ئىدىم،
مەن "دۆت"مۇ يا چۈشەنمەيدىغان.

باھا سۆز

يامان زېرەكتە سىز.ئاخشامتىن بېرى مۇشۇنىڭغا نىمە دەپ ئىنكاس قايتۇرسام بولار دەپ بېشىمنىڭ ئىچى تېشى قېتىپ كەتت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-15 12:37
ۋاقتى: 2014-11-14 23:04:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەمگۈلنىڭ قەلىمى بارا-بار پىششىپ قاپتۇ. قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي.

باھا سۆز

رەھمەت نۇرلان ئەپەندى.قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.شېئىرلىرىمغا بىر نەچچىڭلارنىڭ ئىنكاسى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-15 12:41
ۋاقتى: 2014-11-14 23:26:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شىئېركەنغۇ بۇ! قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

باھا سۆز

رەھمەت رەھمەت.ئۇنى-بۇنى دوراپ،يېزىپ- جىجىلاپ ئۆگىنىۋاتىمەن.سىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرشىڭلار مەن ئۈچۈن راستىنلا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-15 12:44

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-17 17:02

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش