روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6522|ئىنكاس: 25
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر]يۈرەك سۆزۈم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-16 17:52:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يۈرەك سۆزۈم

يۈرگىنىمدە جىمجىت،رېتىملىق،
بىرى ئىشىك چېكىپ كەلدىلەر.
"نىمە كېرەك؟"سورىسام ئۇندىن،
كۆڭلى بارمىش،دەرتلەر ئېيتتىلەر.

تۇرۇپ كەتتىم سۈكۈتتە بىر پەس،
مۇھاببەتتىن سوۋىغان كۆڭلۈم.
"جاۋابىڭنى ئاڭلىسام" دىدى،
بايان قىلدىم چىن يۈرەك سۆزۈم.

"بېرەلمىسەڭ مەن كۈتكەن بەخىت،
تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىرمە سەن.
جىمجىتقىنە ئۆتەي مۇشۇنداق،
يالغۇزلۇققا مەن كۆنۈپ كەتكەن.

كۈتكەن بەختىڭ نىمىدۇر دىسەڭ،
ھالال بىر جۈپ بولۇپ ياشاشتۇر.
سۆيگۈ ۋاپا ئىشەنچىڭ بىلەن،
ئاسراش،قوغداش،كۆڭۈل ئاياشتۇر.

ئايالكەنمەن ئاجىزمەن چوقۇم،
ئاسرىشىڭغا مۇھتاج بىر ئۆمۈر.
ياش تۆككۈم يوق سېنىڭ سەۋەپلىك،
نەملىك بولسا ئۇپرار ھەم تۆمۈر.

كىيىم كېچەك،زىبۇ زىننەتنى،
ياخشى كۆرەر ھەممە قىز چوكان،
كۆڭۈل خوشال بولمىسا بىراق،
ئۇندىن بەخىت تاپقىنى يالغان.

جاپا بولسا چىدايمەن تۇرمۇش،
جاپا تاۋلار ئىرادىمىزنى.
كۆڭۈل ئازار خۇدا ھەم بىزار،
يىراق قىلار ئارلىقىمىزنى.

سۆيگەنكەنسەن پۇشايمان قىلما،
قولۇمنى تۇت،قويماسلىققا تۇت.
ئىشەنچىڭ يوق،بولسا بىلىڭ بوش،
يىراق تۇرغىن ۋاقتىدا ئۇنۇت.

قايتقىن،بارغىن ئۆيۈڭگە ھازىر،
ئويلا سۆزۈم يۈرىكىڭنى تۇت،
قۇرۇق ۋەدە كېرەك ئەمەستۇر،
ئەمەلىڭدە بۇ يۈرەكنى ئۇت."

ئىشىك ياپتىم كەتتى ئۇ دەرتمەن،
رازى بولدۇم ئۆز ئىپادەمدىن.
ئۇچرىغانلا بىرىگە ئورۇن يوق،
دەرتكە تويغان بۇ دىل خانەمدىن.

يالغۇز قالسام مەيلى ئۆزۈم بار،
ئۆز ئۆزۈمنى سۆيۈپ ئۆتكۈدەك.
خاتا كىشى پەيدا بولمىسۇن،
ھالىم يوقتۇر زەربە يىگۈدەك!

ئايشەمگۈل
2014.11.16

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2ئىناۋەت +22 تەڭگە +16 يىغىش سەۋەبى
سەلكىن01 + 15 + 9 يارايسىز
alxir + 7 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.
تەكلىپ:مىسرا ئوتتۇرسىدا كەلگەن پەشتىن كېيىن بىر بوشلۇق قۇيۇشقا ئادەتلىنىڭ، ئۇيغۇرتىلى ئىملا قائىدىسىدە تىنىش بەلگىسىدىن كېيىن بىر بوشلۇق قۇيۇلۇپ، كېيىنكى مەزمۇن يېزىلىدۇ.
مەنغۇ يانفۇندا ئىدىم خاتا كۆرۈنۈپ قالمىغانلا بولسا.

باھا سۆز

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت! سىز دىگەن ئىشتا مەن راستىنلا خاتالىشىپ يۈرۈپتىمەن.ئەمدى بىلىۋالدىم،ھې ھې...رەھمەت!:lov  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-16 21:50
ۋاقتى: 2014-11-16 21:28:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىملەرگە دېگەن يۈرەك سۆزىڭىز بولغىيتى
ئانچە-مۇنچە دەپ تۇرسىڭىز بولغۇدەك.
ياقتۇردۇم.

باھا سۆز

ئۇششاق بالىلار گەپ كوچىلمايدىغان! (چېقىشىپ قويدۇم) يۈرەك سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھېلىمۇ روھلانغا تۆكۈلۈپ كەتتى.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-16 21:54
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-16 21:50:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 22:05  
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 21:28
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.
تەكلىپ:مىسرا ئوتتۇرسىدا كەل ...


ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!
سىز دىگەن ئىشتا مەن راستىنلا خاتالىشىپ يۈرۈپتىمەن. ئەمدى بىلىۋالدىم، ھې ھې...رەھمەت!
  مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىۋىتىپمۇ يەنە شۇنداق قىپتىمەن. قايتا تەھرىرلىدىم.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-16 21:54:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 00:07  

[quote]alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 21:28
كىملەرگە دېگەن يۈرەك سۆزىڭىز بولغىيتى
ھې ھې.....
يۈرەك سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھېلىمۇ روھلانغا تۆكۈلۈپ كەتتى. كۆرمەيۋاتامسىز؟!
ئايشەمگۈل ،ناھايتى ياخشى يېزىلغان بىر ئ‍ىسىل شىئ‍رنى سۇنغىنىڭىزدىن مەنمۇ بەك مەمنۇن بولدۇم،بۇ كۆڭۈلنى سۆيگۈنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆرگەنلەر ئۈچۈن، ياخشى بىر سىگنال بوپتۇ،ئ‍ىلھاملىرىڭىز ئ‍ۇرغۇپ تۇرغاي،سالامەت بۇلۇڭ،

باھا سۆز

ياقتۇرغىنىڭىزغا، ياخشى باھايىڭىزغا رەھمەت. تەنقىدى پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز. سىز دىگەندەك كۆڭۈلنى ئويۇن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-17 07:19
سىزنى سىڭلىم ياكى ھەدە دىيشنى بىلمەي قالدىم ،شۇڭا ئۇدۇل ئ‍ىسمىڭىزنى ئ‍اتاۋەردىم ،ھورمەتسىزلىكىمنى ئەپۇ قىلىڭ
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 02:50
ئايشەمگۈل ،ناھايتى ياخشى يېزىلغان بىر ئ‍ىسىل شىئ‍رنى  ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا، ياخشى باھايىڭىزغا رەھمەت. تەنقىدى پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز. سىز دىگەندەك كۆڭۈلنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈشكە بولمايدۇ. ئاللاھىم ھەممىمىزگە توغرا قاراش ئاتا قىلسۇن، ئامىن!
مەنمۇ باش سۈرىتىڭىزگە قاراپ بەك بىلىپ بولالمىغانتىم. مەن 85- يىلنىڭ. بىۋاستە تەخەللۇسىڭىزنى ئاتاۋەرگەن ئىدىم. ئوچۇق قىز ئىكەنسىز شۇڭا توغرا چۈشىنىدۇ دەپ ئويلىدىم. ھې ھې...

باھا سۆز

مەن 81نىڭ جېنىم ،قېرىپ كەتتۇق  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-20 18:50
ئېسىل، ئېسىل   
ۋاقتى: 2014-11-17 09:35:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك سۆزنى ئاممىباپ تىللار بىلەن ئىپادىلەپسىز، قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن.

باھا سۆز

ياخشى تىلىكىڭىزگە رەھمەت!ھەممىمىزگە بولسۇن. قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپىڭىزنى ئايىمىغايسىز. يېتەكلىشىڭلارغا مۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-17 09:58

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-15 12:11

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش