روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1532|ئىنكاس: 21
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەنمۇ كەتتىم،قېقىپ پېشىمنى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەنمۇ كەتتىم،قېقىپ پېشىمنى

كۈتۈشلەرگە يوق ھىچبىر جاۋاپ،
يارنىڭ كۆڭلى مەندىن قالدىمۇ؟
ياخش كۆرۈپ باشقا يارلارنى،
ئاسىي بولۇپ مەندىن تاندىمۇ؟

تانسا تانسۇن يول ئوچۇق ھەرچاغ،
بەخىت تېپىپ كۈلسىلا بولدى.
ئويلىمىسۇن قايدا ئەھۋالىم،
مېنى ئاچچىق ئەلەمدە قويدى.

گۈزەل تىلەك باردۇر ھەرقاچان،
يوقاتماقلىق ئېغىر كەلسىمۇ.
رەنجىمەيمەن ياردىن ھىچقاچان،
چەكسىز ئەلەم،ئازاپ بەرسىمۇ.

بىۋاپا دەپ نام ئالغانچىلىك،
تاپقاي چوقۇم مەندىن ياخشىنى.
سۆيسۇن چوقۇم ئۆمۈرلۈك بولسۇن،
ئاققۇزمىسۇن كۆزدىن ياشىنى.

ئارقىسىغا قارىماي كەتسۇن،
ئىستىمىسۇن كۆرمەك يېشىمنى.
ئاقماس يېشىم،زارلىماس تىلىم،
مەنمۇ كەتتىم،قېقىپ پېشىمنى.


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-15 21:45:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ  . . . . .   ھەقىقىتەن ياخشى شئىرىكەن .  مەن بەك ياقتۇردۇم . رەخمەت سىزگە ، بۇنداق شئىرنى ئۇچۇراتمىغىلى ئۇزۇن بۇپتىكەن .

باھا سۆز

رەھمەت!  ۋاقتى: 2014-8-17 01:17
ۋاقتى: 2014-8-15 22:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بارغانسىرى پىششىپ قېلىۋاتىدۇ. يەنىمۇ تىرىشىڭ.

باھا سۆز

رەھمەت!پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.  ۋاقتى: 2014-8-17 01:18
سىزگە ئۇچۇر يازسام يازمىدىڭىزا ئەجەپ  ئايشەمگۈل ھەدە

باھا سۆز

كەچۈرۈڭ.ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ قايتۇرۇپ قويدۇم.  ۋاقتى: 2014-8-17 01:21
ۋاقتى: 2014-8-16 11:13:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ پاھ ھەجەپ ئىسىل چىقىپتۇ ھەدە رەھمەت

باھا سۆز

سىزگىمۇ رەھمەت!  ۋاقتى: 2014-8-17 01:22
ۋاقتى: 2014-8-16 11:51:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەچچەت يىزىلىپتۇ جۇما

باھا سۆز

ھې ھې....رەھمەت!  ۋاقتى: 2014-8-17 01:23
مۇنبەرگە  قايتىپ كەلگىنىڭىز ياخشى بۇلۇپتۇ  ئۇزۇن بۇپتىكەن شىئىرىلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى

باھا سۆز

مەن كۈندە بار مۇنبەردە ئىنشائاللاھ.رەھمەت!  ۋاقتى: 2014-8-17 01:24
ۋاي مۇنبەردە سىزنى كۆرمەك ئەجەپ تەس بولۇپ كەتتىغۇ مۇشۇ كۈنلەردە

باھا سۆز

ھې ھې....شۇ سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم.كۆرىشىپ تۇرىمىز ئىنشائاللاھ  ۋاقتى: 2014-8-17 01:25
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ئاپېرىن سىزگە، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ قەلەملىرىڭىزگە ڭر بەرىكەت تىلەيمەن.

باھا سۆز

رەھمەت!دىگەنلىرىڭىز كەلسۇن!  ۋاقتى: 2014-8-17 01:26
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلار.سىلەرنىڭ ئىزچىل مېنى قوللاپ،مەدەت بېرىپ كەلگىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.يېقىندىن بېرى سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ مۇنبەردە ئىنكاس تېمىلاردا بولۇپ بولالمىدىم.بىراق مەن كۈندە ئاز دىگەندە ئىككى ئۈچ قېتىم روھلاننى زىيارەت قىلىپ چىقىمەن.بۇ جەرياندا سىلەرنىڭ تېمىللىرىڭلاردىن ھوزۇرلانغان بولساممۇ ئاۋاز قوشۇپ بولالمىدىم.كەچۈرۈڭلار.يەنە بىر قېتىم ماڭا مەدەت بەرگەن بارلىق تورداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،رەھمەت سىلەرگە!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-27 03:54

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش